prev

تەكۋىر

next
Ilan sa mga Layon ng Surah:
كمال القرآن في تذكير الأنفس باختلال الكون عند البعث.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلارغا قىيامەت بولىدىغان ۋاقىتتا كائىناتنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى مۇكەممەل شەكىلدە ئەسلىتىشى. info

1 : 81

إِذَا ٱلشَّمۡسُ كُوِّرَتۡ

قۇياشنىڭ جىسمى يىغىلىپ، نۇرى ئۆچكەن چاغدا، info
التفاسير: |

2 : 81

وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتۡ

يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ، نۇرى ئۆچكەن چاغدا، info
التفاسير: |

3 : 81

وَإِذَا ٱلۡجِبَالُ سُيِّرَتۡ

تاغلار ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىلغان چاغدا، info
التفاسير: |

4 : 81

وَإِذَا ٱلۡعِشَارُ عُطِّلَتۡ

قىيامەت بولىدىغان ۋاقىتتا ئىگىلىرى ئالاھىدە پەخىر قىلىدىغان ئېسىل بوغاز تۆگىلەرمۇ سەل قارىلىپ تاشلىنىدۇ . info
التفاسير: |

5 : 81

وَإِذَا ٱلۡوُحُوشُ حُشِرَتۡ

ياۋايى ھايۋانلار ئىنسانلار بىلەن بىر يەرگە توپلانغان چاغدا، info
التفاسير: |

6 : 81

وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ سُجِّرَتۡ

دېڭىزلار ئوت بولۇپ يانغان چاغدا. info
التفاسير: |

7 : 81

وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ

جانلار ئۆز قاياشلىرىغا قوشۇلۇپ، پاجىر پاجىر بىلەن، تەقۋادار تەقۋادار بىلەن بىر يەرگە كەلگەن چاغدا. info
التفاسير: |

8 : 81

وَإِذَا ٱلۡمَوۡءُۥدَةُ سُئِلَتۡ

تىرىك پېتى كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن ئاللاھ: سېنى ئۆلتۈرگەنلەر قايسى گۇناھىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈردى؟ دەپ سورىغان چاغدا. info
التفاسير: |

9 : 81

بِأَيِّ ذَنۢبٖ قُتِلَتۡ

تىرىك پېتى كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن ئاللاھ: سېنى ئۆلتۈرگەنلەر قايسى گۇناھىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈردى؟ دەپ سورىغان چاغدا. info
التفاسير: |

10 : 81

وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتۡ

ھەر كىم ئۆزىنىڭ نامە - ئەمەللىرىنى ئوقۇسۇن ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ نامە - ئەمەل دەپتەرلىرى ئېچىلغان چاغدا. info
التفاسير: |

11 : 81

وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتۡ

ئاسمان قوينىڭ تېرىسى سويۇلغاندەك سويۇپ ئېچىلغان چاغدا. info
التفاسير: |

12 : 81

وَإِذَا ٱلۡجَحِيمُ سُعِّرَتۡ

دوزاخقا ئوت يېقىلغان چاغدا. info
التفاسير: |

13 : 81

وَإِذَا ٱلۡجَنَّةُ أُزۡلِفَتۡ

جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا. info
التفاسير: |

14 : 81

عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّآ أَحۡضَرَتۡ

مۇشۇ ئىشلار يۈز بەرگەن چاغدا ھەر كىم ئاشۇ كۈن ئۈچۈن ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى بىلىدۇ. info
التفاسير: |

15 : 81

فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلۡخُنَّسِ

ئاللاھ تائالا كېچىدە چىقىشتىن بۇرۇن يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير: |

16 : 81

ٱلۡجَوَارِ ٱلۡكُنَّسِ

ئۇلار تاڭ ئاتقان چاغدا خۇددى كېيىكلەر ئۇۋىلىرىغا كىرگىنىگە ئوخشاش غائىب بولىدىغان ئوربىتلىرىدا ماڭغۇچى يۇلتۇزلاردۇر. info
التفاسير: |

17 : 81

وَٱلَّيۡلِ إِذَا عَسۡعَسَ

كېلىش ئالدىدا تۇرغان كېچىنىڭ ئەۋۋىلى بىلەن، كېتىش ئالدىدا تۇرغان كېچىنىڭ ئاخىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن. info
التفاسير: |

18 : 81

وَٱلصُّبۡحِ إِذَا تَنَفَّسَ

نۇر چېچىشقا باشلىغان تاڭ بىلەن قەسەم قىلىمەن. info
التفاسير: |

19 : 81

إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٖ كَرِيمٖ

شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامىدۇركى، ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنچلىك پەرىشتە جىبرىئىل يەتكۈزدى، ئۇنىڭغا ئاللاھمۇ ئىشەنچ قىلىدۇ. info
التفاسير: |

20 : 81

ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي ٱلۡعَرۡشِ مَكِينٖ

ئۇ كۈچلۈكتۇر، ئەرشنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مەرتىۋىگە ئىگىدۇر. info
التفاسير: |

21 : 81

مُّطَاعٖ ثَمَّ أَمِينٖ

ئاسماندىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ۋەھىي يەتكۈزۈشتە ئىشەنچلىكتۇر. info
التفاسير: |

22 : 81

وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجۡنُونٖ

سىلەر ئەقللىقلىقىنى، ئامانەتچانلىقىنى ۋە راستچىللىقىنى بىلىدىغان ھەمراھىڭلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەر يالغاندىن بىلجىرلىغاندەك مەجنۇن ئەمەس. info
التفاسير: |

23 : 81

وَلَقَدۡ رَءَاهُ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡمُبِينِ

ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئەسلى يارىتىلغان قىياپىتىدە روشەن ئۇپۇقتا كۆردى. info
التفاسير: |

24 : 81

وَمَا هُوَ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ بِضَنِينٖ

ئۇ سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشكە بېخىللىق قىلىدىغان بېخىل ئەمەس ھەمدە كاھىنلارغا ئوخشاش ھەق ئالمايدۇ. info
التفاسير: |

25 : 81

وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَيۡطَٰنٖ رَّجِيمٖ

بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەس. info
التفاسير: |

26 : 81

فَأَيۡنَ تَذۡهَبُونَ

مۇشۇنچىۋالا دەلىل - پاكىتلاردىن كېيىنمۇ يەنە قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىسىلەر؟ info
التفاسير: |

27 : 81

إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ

قۇرئان كەرىم پەقەت ئىنسانلار ۋە جىنلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە نېئمەتلىرىنى) ئەسلىتىش ھەم ۋەز - نەسىھەتتۇر. info
التفاسير: |

28 : 81

لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَسۡتَقِيمَ

ئاراڭلاردىن كىمكى ھەق يولىدا مېڭىشنى خالىغانلار ئۈچۈن نەسىھەتتۇر. info
التفاسير: |

29 : 81

وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

سىلەر مەيلى توغرا يولدا بولۇش، مەيلى باشقا ئىشلار بولسۇن، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ شۇنداق بولۇشىنى خالىغاندىلا ئاندىن سىلەر خالايسىلەر. info
التفاسير: |
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• حَشْر المرء مع من يماثله في الخير أو الشرّ.
ئىنسانلار ياخشىلىق ياكى يامانلىقتا ئۆزىنىڭ قاياشلىرى بىلەن بىر يەرگە توپلىنىدۇ. info

• إذا كانت الموءُودة تُسأل فما بالك بالوائد؟ وهذا دليل على عظم الموقف.
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز سېنى كۆمگۈچى نېمىشقا كۆمدى؟ دەپ سورالغىنىغا قارىغاندا، قىيامەت مەيدانىدىكى ئەھۋالنىڭ ناھايىتى قىيىن بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. info

• مشيئة العبد تابعة لمشيئة الله.
بەندىنىڭ خالىشى ئاللاھنىڭ خالىشىغا چېتىشلىق بولىدۇ info

prev

تەكۋىر

next
:
0:00 0:00