قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: سۈرە ئەنكەبۇت   ئايەت:

سۈرە ئەنكەبۇت

الٓمٓ
ئەلىف، لام، مىم[1].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَحَسِبَ ٱلنَّاسُ أَن يُتۡرَكُوٓاْ أَن يَقُولُوٓاْ ءَامَنَّا وَهُمۡ لَا يُفۡتَنُونَ
ئىنسانلار «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟[2]
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ فَتَنَّا ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۖ فَلَيَعۡلَمَنَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْ وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱلۡكَٰذِبِينَ
ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ[3].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ حَسِبَ ٱلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن يَسۡبِقُونَاۚ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ
يامان ئىش قىلىدىغانلار بىزدىن (يەنى ئازابىمىزدىن) قېچىپ قۇتۇلالايمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان![4]
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَن كَانَ يَرۡجُواْ لِقَآءَ ٱللَّهِ فَإِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ لَأٓتٖۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ (بۇنىڭغا بەلگىلىگەن) ۋاقتى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[5].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَن جَٰهَدَ فَإِنَّمَا يُجَٰهِدُ لِنَفۡسِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَغَنِيٌّ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
كىمكى جىھاد قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان جىھادى ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تامامى ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر[6].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُكَفِّرَنَّ عَنۡهُمۡ سَيِّـَٔاتِهِمۡ وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَحۡسَنَ ٱلَّذِي كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىمىز، ئۇلارنى ئەلۋەتتە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز[7].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ حُسۡنٗاۖ وَإِن جَٰهَدَاكَ لِتُشۡرِكَ بِي مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٞ فَلَا تُطِعۡهُمَآۚ إِلَيَّ مَرۡجِعُكُمۡ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، سىلەر مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىپ بارىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمەن[8].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُدۡخِلَنَّهُمۡ فِي ٱلصَّٰلِحِينَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى چوقۇم ياخشىلار قاتارىغا كىرگۈزىمىز[9].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ فَإِذَآ أُوذِيَ فِي ٱللَّهِ جَعَلَ فِتۡنَةَ ٱلنَّاسِ كَعَذَابِ ٱللَّهِۖ وَلَئِن جَآءَ نَصۡرٞ مِّن رَّبِّكَ لَيَقُولُنَّ إِنَّا كُنَّا مَعَكُمۡۚ أَوَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِأَعۡلَمَ بِمَا فِي صُدُورِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
بەزى كىشىلەر: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدا بىرەر ئەزىيەت تارتسا، كىشىلەر تەرىپىدىن يەتكەن كۈلپەتنى ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن ئوخشاش بىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭدىن مەدەت كەلسە: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق» دەيدۇ. ئاللاھ جاھان ئەھلىنىڭ دىللىرىدىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلمەمدۇ؟[10]
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ
ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم بىلىدۇ، مۇناپىقلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ[11].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّبِعُواْ سَبِيلَنَا وَلۡنَحۡمِلۡ خَطَٰيَٰكُمۡ وَمَا هُم بِحَٰمِلِينَ مِنۡ خَطَٰيَٰهُم مِّن شَيۡءٍۖ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «بىزنىڭ يولىمىز (يەنى دىنىمىز) غا ئەگىشىڭلار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى. كاپىرلار مۆمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن ئازراقمۇ ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر[12].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَيَحۡمِلُنَّ أَثۡقَالَهُمۡ وَأَثۡقَالٗا مَّعَ أَثۡقَالِهِمۡۖ وَلَيُسۡـَٔلُنَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عَمَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا يۈكلەرنى (يەنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئازدۇرغانلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) ئۈستىگە ئالىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىدۇ[13].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ فَلَبِثَ فِيهِمۡ أَلۡفَ سَنَةٍ إِلَّا خَمۡسِينَ عَامٗا فَأَخَذَهُمُ ٱلطُّوفَانُ وَهُمۡ ظَٰلِمُونَ
بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، نۇھ (قەۋمىنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىپ) ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 يىل كەم 1000 يىل تۇردى (نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بۇتپەرەس بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىنپۈتمىدى). ئۇلار زالىم بولغانلىقلىرى (يەنى كۇفرىدا ۋە گۇمراھلىقتا چىڭ تۇرۇپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى توپان (بالاسى) بىلەن ھالاك قىلدى[14].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَأَنجَيۡنَٰهُ وَأَصۡحَٰبَ ٱلسَّفِينَةِ وَجَعَلۡنَٰهَآ ءَايَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ
بىز نۇھنى ۋە كېمىدىكىلەرنى (غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق، توپاننى پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق[15].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِبۡرَٰهِيمَ إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُۖ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئىبراھىمنىمۇ (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[16].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡثَٰنٗا وَتَخۡلُقُونَ إِفۡكًاۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَمۡلِكُونَ لَكُمۡ رِزۡقٗا فَٱبۡتَغُواْ عِندَ ٱللَّهِ ٱلرِّزۡقَ وَٱعۡبُدُوهُ وَٱشۡكُرُواْ لَهُۥٓۖ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر (بۇتلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغانسىلەر، بۇتلارنىڭ قولىدىن پايدا ـ زىيان كەلمەيدۇ) ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار (يەنى بۇتلار) سىلەرگە رىزىق بېرىشكە قادىر ئەمەس، رىزىقنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار (رىزىق بېرىشكە پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزى قادىردۇر)، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[17].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِن تُكَذِّبُواْ فَقَدۡ كَذَّبَ أُمَمٞ مِّن قَبۡلِكُمۡۖ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
سىلەر (مېنى) ئىنكار قىلساڭلار (ئىنكار قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەقەت ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزىسىلەر)، سىلەردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى نازىل بولغان، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئازاب نازىل بولىدۇ)، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت (ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى) چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر»[18].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ كَيۡفَ يُبۡدِئُ ٱللَّهُ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥٓۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
ئۇلار (يەنى ئىنكار قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر (ئۇلار بۇنى قانداقمۇ ئىنكار ق ىلىدۇ، دەسلەپتە يارىتىشقا قادىر بولغان زات قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر)[19].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ بَدَأَ ٱلۡخَلۡقَۚ ثُمَّ ٱللَّهُ يُنشِئُ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأٓخِرَةَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق قىلىپ (يوقتىن) بار قىلغانلىقىغا قاراڭلار، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى (قىيامەتتە) قايتا پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[20].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ وَيَرۡحَمُ مَن يَشَآءُۖ وَإِلَيۡهِ تُقۡلَبُونَ
ئاللاھ خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ، خالىغان ئادەمگە رەھمەت قىلىدۇ، (قىيامەتتە) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[21].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِۖ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ
سىلەر مەيلى زېمىندا بولسۇن، مەيلى ئاسماندا بولسۇن، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن بۆلەك دوستمۇ يوق، مەدەتكارمۇ يوق»[22].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَلِقَآئِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ يَئِسُواْ مِن رَّحۡمَتِي وَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى ئاخىرەتنى) ئىنكار قىلغانلار -ئەنە شۇلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن نائۈمىد بولدى. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[23].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُواْ ٱقۡتُلُوهُ أَوۡ حَرِّقُوهُ فَأَنجَىٰهُ ٱللَّهُ مِنَ ٱلنَّارِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى (ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئوتنى سۈرۈن ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردى). ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار[24].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالَ إِنَّمَا ٱتَّخَذۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡثَٰنٗا مَّوَدَّةَ بَيۡنِكُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ ثُمَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكۡفُرُ بَعۡضُكُم بِبَعۡضٖ وَيَلۡعَنُ بَعۡضُكُم بَعۡضٗا وَمَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّٰصِرِينَ
ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا (بۇتلارغا چوقۇنۇش مەقسىتىدە يىغىلىشىڭلارنىڭ) ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلارغا بەزىڭلار لەنەت ئوقۇيسىلەر (يەنى قىيامەت كۈنى مەزكۇر دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا ـ جۇدا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دوستلۇقى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئەمەس)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرنى (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ»[25].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ فَـَٔامَنَ لَهُۥ لُوطٞۘ وَقَالَ إِنِّي مُهَاجِرٌ إِلَىٰ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
لۇت ئىبراھىمغا ئىمان ئېيتتى. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن چوقۇم پەرۋەردىگارىم تەرىپىگە ھىجرەت قىلىمەن (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش يۈزىسىدىن ۋەتىنىمنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھ ئەمر قىلغان جايغا ھىجرەت قىلىپ بارىمەن). ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[26].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَجَعَلۡنَا فِي ذُرِّيَّتِهِ ٱلنُّبُوَّةَ وَٱلۡكِتَٰبَ وَءَاتَيۡنَٰهُ أَجۡرَهُۥ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَإِنَّهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خۇدالىق ئۈچۈن قەۋمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ياخشى پەرزەنت ئىسھاقنى بەردۇق ۋە ئىسھاقنىڭ ئوغلى بولغان نەۋرىسى يەئقۇبنى بەردۇق)، (ئۇنىڭدىن كېيىن) پەيغەمبەرلىكنى، كىتابنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) ئۇنىڭ ئەۋلادىغا خاس قىلدۇق، دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق (يەنى جىمى دىنلاردا ئۇنى ياخشى نامغا ئىگە قىلدۇق)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر[27].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلُوطًا إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ إِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلۡفَٰحِشَةَ مَا سَبَقَكُم بِهَا مِنۡ أَحَدٖ مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ
لۇتنى (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن بىرىمۇ مۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلغان ئەمەس[28].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَئِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلرِّجَالَ وَتَقۡطَعُونَ ٱلسَّبِيلَ وَتَأۡتُونَ فِي نَادِيكُمُ ٱلۡمُنكَرَۖ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُواْ ٱئۡتِنَا بِعَذَابِ ٱللَّهِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
سىلەر ھەقىقەتەن لىۋاتە قىلامسىلەر؟ يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟» ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى[29].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ رَبِّ ٱنصُرۡنِي عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
لۇت: «پەرۋەردىگارىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلار بۇزغۇنچى ئەخمەقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈزىلىشى ئۈمىد قىلىنمايدۇ، ئۇلار گۇمراھلىققا، بۇزۇقچىلىققا چۆمۈپ كەتكەن)» دېدى[30].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَمَّا جَآءَتۡ رُسُلُنَآ إِبۡرَٰهِيمَ بِٱلۡبُشۡرَىٰ قَالُوٓاْ إِنَّا مُهۡلِكُوٓاْ أَهۡلِ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِۖ إِنَّ أَهۡلَهَا كَانُواْ ظَٰلِمِينَ
ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا (پەرزەنت بېرىلىشتىن ئىبارەت) خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز بۇ شەھەر ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى[31].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ إِنَّ فِيهَا لُوطٗاۚ قَالُواْ نَحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَن فِيهَاۖ لَنُنَجِّيَنَّهُۥ وَأَهۡلَهُۥٓ إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ
ئىبراھىم: «ئۇ شەھەردە لۇت بارغۇ (يەنى لۇتقا ئوخشاش بىر ياخشى پەيغەمبەر تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىسىنى قانداقمۇ ھالاك قىلىسىلەر؟)» دېدى. پەرىشتىلەر ئېيتتى: «بۇ شەھەردە بار كىشىلەرنى بىز (يەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەرنى) ئوبدان بىلىمىز، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىدىن باشقا كىشىلىرىنى ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئايالى (كۇفرىدا قەۋمىگە ھەمنەپەس بولغانلىقى ئۈچۈن) قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»[32].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَمَّآ أَن جَآءَتۡ رُسُلُنَا لُوطٗا سِيٓءَ بِهِمۡ وَضَاقَ بِهِمۡ ذَرۡعٗاۖ وَقَالُواْ لَا تَخَفۡ وَلَا تَحۡزَنۡ إِنَّا مُنَجُّوكَ وَأَهۡلَكَ إِلَّا ٱمۡرَأَتَكَ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ
بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتقا كەلگەن چاغدا، لۇت ئۇلارنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قايغۇردى ۋە يۈرىكى سىقىلدى، ئۇلار ئېيتتى: «سەن قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، بىز چوقۇم سېنى ۋە ئايالىڭدىن بۆلەك كىشىلىرىڭنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئۇ قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»[33].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّا مُنزِلُونَ عَلَىٰٓ أَهۡلِ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِ رِجۡزٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ
بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز[34].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَد تَّرَكۡنَا مِنۡهَآ ءَايَةَۢ بَيِّنَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
چۈشۈنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئىبرەت قىلىپ) ئۇنىڭدىن (يەنى شەھەر خارابىسىنىڭ ئىزلىرىدىن) روشەن نىشاننى ھەقىقەتەن قالدۇردۇق[35].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِلَىٰ مَدۡيَنَ أَخَاهُمۡ شُعَيۡبٗا فَقَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱرۡجُواْ ٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ
مەديەن (ئاھالىسىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، شۇئەيب: «ئى قەۋمىم! بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىدىن قورقۇڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار» دېدى[36].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دَارِهِمۡ جَٰثِمِينَ
ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى[37].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَعَادٗا وَثَمُودَاْ وَقَد تَّبَيَّنَ لَكُم مِّن مَّسَٰكِنِهِمۡۖ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَصَدَّهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَكَانُواْ مُسۡتَبۡصِرِينَ
ئادنى ۋە سەمۇدنى (ھالاك قىلدۇق)، (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ (ھىجازدىكى، يەمەندىكى) تۇرالغۇ جايلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقى مەلۇم بولدى، شەيتان ئۇلارغا (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن ئىبارەت) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ئەقىل ئىگىلىرى ئىدى (لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئەقلىنى جايىدا ئىشلەتمىدى)[38].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَٰرُونَ وَفِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَۖ وَلَقَدۡ جَآءَهُم مُّوسَىٰ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا كَانُواْ سَٰبِقِينَ
(دۇنيا ـ دەپنىسى نۇرغۇن) قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ زۇلۇمدا ياردەمچى بولغان ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى)، ئۇلار (ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى[39].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَكُلًّا أَخَذۡنَا بِذَنۢبِهِۦۖ فَمِنۡهُم مَّنۡ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِ حَاصِبٗا وَمِنۡهُم مَّنۡ أَخَذَتۡهُ ٱلصَّيۡحَةُ وَمِنۡهُم مَّنۡ خَسَفۡنَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ وَمِنۡهُم مَّنۡ أَغۡرَقۡنَاۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظۡلِمَهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
(بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال ـ مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى[40].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَثَلُ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡلِيَآءَ كَمَثَلِ ٱلۡعَنكَبُوتِ ٱتَّخَذَتۡ بَيۡتٗاۖ وَإِنَّ أَوۡهَنَ ٱلۡبُيُوتِ لَبَيۡتُ ٱلۡعَنكَبُوتِۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
ئاللاھنى قويۇپ باشقا نەرسىلەرنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ (يەنى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى ئۇنى ئىسسىق ـ سوغۇقتىن قوغدىيالمىغاندەك، ئۇلارنىڭ چوقۇنۇۋاتقانلىرىمۇ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (ئاللاھتىن باشقىغا چوقۇنمايتتى)[41].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاللاھ ئۇلار ئاللاھنى تاشلاپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[42].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَتِلۡكَ ٱلۡأَمۡثَٰلُ نَضۡرِبُهَا لِلنَّاسِۖ وَمَا يَعۡقِلُهَآ إِلَّا ٱلۡعَٰلِمُونَ
بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئىلىم ئىگىلىرىلا چۈشىنەلەيدۇ[43].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
خَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار[44].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱتۡلُ مَآ أُوحِيَ إِلَيۡكَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَۖ إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ تَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِۗ وَلَذِكۡرُ ٱللَّهِ أَكۡبَرُۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تَصۡنَعُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[45].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ وَلَا تُجَٰدِلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ إِلَّا بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ إِلَّا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡهُمۡۖ وَقُولُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱلَّذِيٓ أُنزِلَ إِلَيۡنَا وَأُنزِلَ إِلَيۡكُمۡ وَإِلَٰهُنَا وَإِلَٰهُكُمۡ وَٰحِدٞ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ
ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار ۋە فىدىيە بېرىشتىن باش تارتقۇچىلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»[46].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَۚ فَٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۖ وَمِنۡ هَٰٓؤُلَآءِ مَن يُؤۡمِنُ بِهِۦۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا ٱلۡكَٰفِرُونَ
(ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك (يەنى سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە كىتاب نازىل قىلغاندەك) ساڭىمۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) نازىل قىلدۇق. بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) دىن قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بۇلاردىن (يەنى مەككە ئاھالىسىدىن) مۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ[47].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا كُنتَ تَتۡلُواْ مِن قَبۡلِهِۦ مِن كِتَٰبٖ وَلَا تَخُطُّهُۥ بِيَمِينِكَۖ إِذٗا لَّٱرۡتَابَ ٱلۡمُبۡطِلُونَ
ئىلگىرى سەن كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيتتىڭ، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، (مۇبادا سەن كىتاب ئوقۇغان، خەت يازىدىغان بولساڭ) ئۇ چاغدا ھەققە قارشى تۇرغۇچىلار چوقۇم گۇمانلىناتتى[48].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلۡ هُوَ ءَايَٰتُۢ بَيِّنَٰتٞ فِي صُدُورِ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا ٱلظَّٰلِمُونَ
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش زالىملار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، قۇرئان ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە ساقلانغان روشەن ئايەتلەردۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ[49].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَٰتٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّمَا ٱلۡأٓيَٰتُ عِندَ ٱللَّهِ وَإِنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٞ مُّبِينٌ
ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى، «مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر)، مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[50].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَوَلَمۡ يَكۡفِهِمۡ أَنَّآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ يُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَرَحۡمَةٗ وَذِكۡرَىٰ لِقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
بىزنىڭ ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى ساڭا نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا (مۆجىزە بولۇشقا) كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن شەك ـ شۈبھىسىز رەھمەت ۋە ۋەز ـ نەسىھەت بار[51].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُلۡ كَفَىٰ بِٱللَّهِ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡ شَهِيدٗاۖ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱلۡبَٰطِلِ وَكَفَرُواْ بِٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
ئېيتقىنكى، «مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە) گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، باتىلغا ئىشەنگەن، ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئادەملەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر»[52].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَلَوۡلَآ أَجَلٞ مُّسَمّٗى لَّجَآءَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ وَلَيَأۡتِيَنَّهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ) مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە (ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا) كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ[53].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ
ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، جەھەننەم (قىيامەت كۈنى) كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر[54].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَوۡمَ يَغۡشَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِن فَوۡقِهِمۡ وَمِن تَحۡتِ أَرۡجُلِهِمۡ وَيَقُولُ ذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «(دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ) جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ[55].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ أَرۡضِي وَٰسِعَةٞ فَإِيَّٰيَ فَٱعۡبُدُونِ
ئى مۆمىن بەندىلىرىم! مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار[56].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۖ ثُمَّ إِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ
ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر[57].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُبَوِّئَنَّهُم مِّنَ ٱلۡجَنَّةِ غُرَفٗا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ نِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان ئالىي جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى![58].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ
ئۇلار (ئاللاھنىڭ يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلىدۇ، (ھەممە ئىشلىرىدا) پەرۋەردىگارىغا يۆلىنىدۇ[59].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَكَأَيِّن مِّن دَآبَّةٖ لَّا تَحۡمِلُ رِزۡقَهَا ٱللَّهُ يَرۡزُقُهَا وَإِيَّاكُمۡۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
نۇرغۇن ھايۋانلار ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ (يەنى ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىزدۇر)، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[60].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ![61]
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱللَّهُ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئاللاھ بەندىلىرىدىن قايسى ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلماقچى بولىدىكەن) ئۇنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[62].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِ مَوۡتِهَا لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى، «(سىلەرگە قارشى پاكىتلار بار بولغانلىقتىن) جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇ سۆزلىرىدىكى زىددىيەتنى) چۈشەنمەيدۇ[63].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا هَٰذِهِ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا لَهۡوٞ وَلَعِبٞۚ وَإِنَّ ٱلدَّارَ ٱلۡأٓخِرَةَ لَهِيَ ٱلۡحَيَوَانُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ـ كۈلكە ۋە غەپلەتتىن ئىبارەتتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقىي ھايات (يۇرتىدۇر)، ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى (بۇ دۇنيانى ئۇ دۇنيادىن ئارتۇق كۆرمەيتتى)[64].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِذَا رَكِبُواْ فِي ٱلۡفُلۡكِ دَعَوُاْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ فَلَمَّا نَجَّىٰهُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ إِذَا هُمۡ يُشۡرِكُونَ
ئۇلار بەرگەن نېمىتىمىز (يەنى دېڭىزدىن ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان ـ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا (بالا ـ قازادىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ)، توساتتىن (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ[65].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِيَكۡفُرُواْ بِمَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ وَلِيَتَمَتَّعُواْۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ
قۇتۇلدۇرغانلىقىمىزغا ناشۈكۈرلۈك قىلىپ باقسۇن، قالغان ئۆمۈرلىرىدىن) بەھرىمەن بولسۇن، بۇلار (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ[66].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا جَعَلۡنَا حَرَمًا ءَامِنٗا وَيُتَخَطَّفُ ٱلنَّاسُ مِنۡ حَوۡلِهِمۡۚ أَفَبِٱلۡبَٰطِلِ يُؤۡمِنُونَ وَبِنِعۡمَةِ ٱللَّهِ يَكۡفُرُونَ
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەمدۇكى، بىز ھەرەمنى ئامان (جاي) قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلامدۇ؟[67]
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ كَذَّبَ بِٱلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُۥٓۚ أَلَيۡسَ فِي جَهَنَّمَ مَثۡوٗى لِّلۡكَٰفِرِينَ
ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ھەق كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا جاي يوقمىدۇ؟ (ئەلۋەتتە بار)[68].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّذِينَ جَٰهَدُواْ فِينَا لَنَهۡدِيَنَّهُمۡ سُبُلَنَاۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَمَعَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[69].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: سۈرە ئەنكەبۇت
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى شەيىخ مۇھەممەت سالىھ تەرجىمە قىلغان.ھىجىريە 1416- يىلى پادىشاھ فەھد قۇرئان كەرىم تەرجىمە مەركىزى نەشىر قىلغان.ئىزاھات: پىكىر ئەركىنلىكى، باھالاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئەسلى تەرجىمىدىنمۇ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىشارەت قىلىنغان بەزى ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرى رۇۋۋاد تەرجىمە مەركىزىدە توغرىلانغان.

تاقاش