قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

XML CSV Excel API
Please review the Terms and Policies

مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: سۈرە بەييىنە   ئايەت:

سۈرە بەييىنە

لَمۡ يَكُنِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ مُنفَكِّينَ حَتَّىٰ تَأۡتِيَهُمُ ٱلۡبَيِّنَةُ
ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى[1].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
رَسُولٞ مِّنَ ٱللَّهِ يَتۡلُواْ صُحُفٗا مُّطَهَّرَةٗ
(ئۇ روشەن دەلىل) پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر[2].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فِيهَا كُتُبٞ قَيِّمَةٞ
ئۇ سەھىپىلەر توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان[3].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا تَفَرَّقَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَةُ
كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئىختىلاپ قىلىشتى[4].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَآ أُمِرُوٓاْ إِلَّا لِيَعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ حُنَفَآءَ وَيُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُواْ ٱلزَّكَوٰةَۚ وَذَٰلِكَ دِينُ ٱلۡقَيِّمَةِ
ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر[5].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ شَرُّ ٱلۡبَرِيَّةِ
ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر[6].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ خَيۡرُ ٱلۡبَرِيَّةِ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر[7].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
جَزَآؤُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّٰتُ عَدۡنٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَشِيَ رَبَّهُۥ
ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ[8].
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: سۈرە بەييىنە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى شەيىخ مۇھەممەت سالىھ تەرجىمە قىلغان.ھىجىريە 1416- يىلى پادىشاھ فەھد قۇرئان كەرىم تەرجىمە مەركىزى نەشىر قىلغان.ئىزاھات: پىكىر ئەركىنلىكى، باھالاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئەسلى تەرجىمىدىنمۇ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىشارەت قىلىنغان بەزى ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرى رۇۋۋاد تەرجىمە مەركىزىدە توغرىلانغان.

تاقاش