Check out the new design

Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi. * - Tərcumənin mündəricatı


Mənaların tərcüməsi Surə: əl-Furqan   Ayə:
وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗ لَّا يَخۡلُقُونَ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ وَلَا يَمۡلِكُونَ لِأَنفُسِهِمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗا وَلَا يَمۡلِكُونَ مَوۡتٗا وَلَا حَيَوٰةٗ وَلَا نُشُورٗا
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ چوڭ - كىچىك ھەر قانداق نەرسىنى پەيدا قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى مەبۇد قىلىۋېلىشتى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تۇتۇۋالغان مەبۇدلىرى يارىتىلغان نەرسىلەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى يوقتىن بار قىلغان ئىدى. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننىمۇ قايتۇرالمايدۇ، قىلچە پايدىمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، بىرەر جانلىقنىمۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ، بىرەر ئۆلۈككە ھاياتلىقمۇ بېرەلمەيدۇ، ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن تىرىلدۈرۈپمۇ چىقىرالمايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ إِفۡكٌ ٱفۡتَرَىٰهُ وَأَعَانَهُۥ عَلَيۡهِ قَوۡمٌ ءَاخَرُونَۖ فَقَدۡ جَآءُو ظُلۡمٗا وَزُورٗا
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار: بۇ قۇرئان مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىقىپ، يالغاندىن ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن ئويدۇرمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ قۇرئاننى توقۇپ چىقىشىغا باشقىلارمۇ ھەمكارلاشقان، دېيىشتى. بۇ كاپىرلار تامامەن ئاساسسىز سۆزنى قىلدى. چۈنكى قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامىدۇركى، ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
Ərəbcə təfsirlər:
وَقَالُوٓاْ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ ٱكۡتَتَبَهَا فَهِيَ تُمۡلَىٰ عَلَيۡهِ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلٗا
قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچى بۇ يالغانچىلار: بۇ قۇرئان ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھېكايىلىرى ۋە ئۇلار يېزىپ قالدۇرغان ئاساسسىز سەپسەتىلەردىن ئىبارەتتۇر. مۇھەممەد ئۇنى كۆچۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشاملىرى ئوقۇپ بېرىلىدۇ، دېدى.
Ərəbcə təfsirlər:
قُلۡ أَنزَلَهُ ٱلَّذِي يَعۡلَمُ ٱلسِّرَّ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئەي پەيغەمبەر! بۇ يالغانچىلارغا ئېيتقىنكى، قۇرئاننى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ نازىل قىلدى، ئۇ سىلەرنىڭ بىلجىرلىغىنىڭلاردەك ئويدۇرما ئەمەس. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تەۋبىگە رىغبەتلەندۈرۈپ: شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر، دېدى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَقَالُواْ مَالِ هَٰذَا ٱلرَّسُولِ يَأۡكُلُ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشِي فِي ٱلۡأَسۡوَاقِ لَوۡلَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مَلَكٞ فَيَكُونَ مَعَهُۥ نَذِيرًا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلار ئېيتتى: ئۆزىنى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم باشقىلارغا ئوخشاش تاماق يەيدۇ، جان بېقىش ئۈچۈن بازارلارنى ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنى تەستىقلايدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان بىرەر پەرىشتە چۈشۈرمىدى؟
Ərəbcə təfsirlər:
أَوۡ يُلۡقَىٰٓ إِلَيۡهِ كَنزٌ أَوۡ تَكُونُ لَهُۥ جَنَّةٞ يَأۡكُلُ مِنۡهَاۚ وَقَالَ ٱلظَّٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلٗا مَّسۡحُورًا
ياكى نېمىشقا ئۇنىڭغا ئاسماندىن بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى يېگىلى بولىدىغان بىرەر بېغى يوق؟ ئۇ چاغدا ئۇ بازارلارنى ئايلىنىپ، جان باقىمەن دەپ ئاۋارە بولمايتتى. زالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر بىر پەيغەمبەرگە ئەمەس، بەلكى سېھىرلەنگەنلكتىن ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغان بىر ساراڭغا ئەگىشىۋاتىسىلەر.
Ərəbcə təfsirlər:
ٱنظُرۡ كَيۡفَ ضَرَبُواْ لَكَ ٱلۡأَمۡثَٰلَ فَضَلُّواْ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ سَبِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارنىڭ سېنى تامامەن ئاساسسىز سۈپەتلەر بىلەن قانداق تەسۋىرلىگەنلىكىگە ئەجەبلىنىپ قاراپ باققىن. ئۇلار سېنى سېھىرگەر دەپ باقتى، سېھىرلەنگەنمۇ دەپ باقتى، ساراڭمۇ دەپ باقتى. نەتىجىدە ئۇلار مۇشۇ سەۋەبلىك ھەقتىن ئېزىپ كەتتى. ئەمدى ئۇلار ھىدايەت يولىنى تاپالمايدۇ، سېنىڭ راستچىللىقىڭ ۋە ئامانەتچانلىقىڭغا داغمۇ يەتكۈزەلمەيدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
تَبَارَكَ ٱلَّذِيٓ إِن شَآءَ جَعَلَ لَكَ خَيۡرٗا مِّن ذَٰلِكَ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ وَيَجۡعَل لَّكَ قُصُورَۢا
ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا مۇشۇ دۇنيادىلا سارايلىرى ۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلىرى يېيىلىدىغان باغلارنى ھەمدە ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرۈپ ياشايدىغان سارايلارنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇلار تەلەپ قىلغاندىنمۇ ياخشىراق نېئمەتلەرنى بېرەتتى.
Ərəbcə təfsirlər:
بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلسَّاعَةِۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِمَن كَذَّبَ بِٱلسَّاعَةِ سَعِيرًا
ئۇلار ھەقىقەتكە يېتىشنى كۆزلەپ، دەلىل - پاكىت ئىزدەيدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغىنى قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىش بولدى. بىز قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىق يالقۇنجاپ تۇرغان كاتتا ئوتنى تەييارلىدۇق.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• اتصاف الإله الحق بالخلق والنفع والإماتة والإحياء، وعجز الأصنام عن كل ذلك.
ھەقىقى ئىلاھ يارىتىش، پايدا ئېلىپ كېلىش، جاننى ئېلىش ۋە تىرگۈزۈش دېگەندەك سۈپەتلەرگە ئىگە. بۇتلار بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاجىزدۇر.

• إثبات صفتي المغفرة والرحمة لله.
مەغپىرەت قىلىش ۋە رەھمەت قىلىش دېگەن ئىككى سۈپەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

• الرسالة لا تستلزم انتفاء البشرية عن الرسول.
پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى پەيغەمبەرلەردىن ئىنسانلىق خاراكتېرىنىڭ يوق بولۇشىنى تەلەپ قىلمايدۇ.

• تواضع النبي صلى الله عليه وسلم حيث يعيش كما يعيش الناس.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ياشىشى ئۇنىڭ كەمتەرلىكىدۇر.

 
Mənaların tərcüməsi Surə: əl-Furqan
Surələrin mündəricatı Səhifənin rəqəmi
 
Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi. - Tərcumənin mündəricatı

Tərcümə "Quran araşdırmaları Təfsir Mərkəzi" tərəfindən yayımlanmışdır.

Bağlamaq