Check out the new design

Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi. * - Tərcumənin mündəricatı


Mənaların tərcüməsi Surə: Ğafir   Ayə:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلٗا مِّن قَبۡلِكَ مِنۡهُم مَّن قَصَصۡنَا عَلَيۡكَ وَمِنۡهُم مَّن لَّمۡ نَقۡصُصۡ عَلَيۡكَۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأۡتِيَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ فَإِذَا جَآءَ أَمۡرُ ٱللَّهِ قُضِيَ بِٱلۡحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلۡمُبۡطِلُونَ
ئى پەيغەمبەر! بىز ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىمۇ ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئەمما ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارغا ئازار بەردى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلىشلىرى ۋە ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلدى. بۇ پەيغەمبەرلەر ئىچىدە بىز ساڭا ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرگەنلەرمۇ، سۆزلەپ بەرمىگەنلەرمۇ بار. ھېچبىر پەيغەمبەر قەۋمىگە پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرى ئىچىدىكى كاپىرلارنىڭ مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى زۇلۇمدۇر. غەلىبە ياكى پەيغەمبەرلەر بىلەن قەۋملىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقى كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. بۇ چاغدا كاپىرلار ھالاك قىلىنىپ، پەيغەمبەرلەر نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان ئاشۇ مەيداندا خاتا يولدا ماڭغۇچىلار كۇپۇرلۇقى تۈپەيلىدىن ھالاكەتكە دۇچار بولۇش ئارقىلىق زىيان تارتىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
ٱللَّهُ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡعَٰمَ لِتَرۡكَبُواْ مِنۡهَا وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ
ئاللاھ سىلەرگە بەزىسىگە مىنىپ، بەزىسىنىڭ گۆشلىرىنى يەپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆگىنى، كالىنى ۋە قوينى يارىتىپ بەردى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَلِتَبۡلُغُواْ عَلَيۡهَا حَاجَةٗ فِي صُدُورِكُمۡ وَعَلَيۡهَا وَعَلَى ٱلۡفُلۡكِ تُحۡمَلُونَ
بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ سىلەرگە نۇرغۇن پايدىلىرى بار بولۇپ، بۇ پايدىلار ھەر دەۋردە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇلار ئارقىلىق سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئېھتىياجلىق دەپ قارىغان نەرسىگە ئېرىشەلەيسىلەر. بۇ مەنپەئەتلەردىن ئەڭ گەۋدىلىكراقى قۇرۇقلۇقتا ھەم دېڭىزدا (يۈكلەرنى) توشۇشتۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
وَيُرِيكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ فَأَيَّ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ تُنكِرُونَ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ھەم يەككە - يېگانىلىكىگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. سىلەرنىڭ ئېڭىڭلاردا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاللاھنىڭ قايسى ئايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلمايسىلەر؟
Ərəbcə təfsirlər:
أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَانُوٓاْ أَكۡثَرَ مِنۡهُمۡ وَأَشَدَّ قُوَّةٗ وَءَاثَارٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
بۇ ئىنكارچىلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىپ ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟! ماۋۇلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ مال - دۇنيالىرى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە يەر يۈزدىكى تەسىرى تېخىمۇ زور ئىدى. ئاللاھنىڭ ھالاكەتلىك ئازابى كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن كۈچ - قۇۋۋەتلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى.
Ərəbcə təfsirlər:
فَلَمَّا جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَرِحُواْ بِمَا عِندَهُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىدە بار بولغان، ئەمما پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەنگە زىت بولغان ئىلىمگە رازى بولۇشتى. پەيغەمبەرلىرى ئاگاھلاندۇرسا مەسخىرە قىلىشقان ئازاب ئۇلارغا چۈشتى.
Ərəbcə təfsirlər:
فَلَمَّا رَأَوۡاْ بَأۡسَنَا قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَحۡدَهُۥ وَكَفَرۡنَا بِمَا كُنَّا بِهِۦ مُشۡرِكِينَ
ئۇلار ئازابىمىزنى كۆرگەن، (ھەقىقەتنى) ئىقرار قىلغاننىڭ پايدىسى بولمايدىغان ۋاقىتتا ئىقرار قىلىپ: بىز يالغۇز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بۇرۇن ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان شېرىكلەرنى ۋە بۇتلارنى ئىنكار قىلدۇق، دېيىشتى.
Ərəbcə təfsirlər:
فَلَمۡ يَكُ يَنفَعُهُمۡ إِيمَٰنُهُمۡ لَمَّا رَأَوۡاْ بَأۡسَنَاۖ سُنَّتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي قَدۡ خَلَتۡ فِي عِبَادِهِۦۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلۡكَٰفِرُونَ
ئۇلارنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمىدى. ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولماسلىقى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە تۇتقان يولىدۇر. كاپىرلار ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئازابنى كۆرۈشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازاب كەلگەن چاغدا ھالاكەتكە دۇچار بولۇش ئارقىلىق زىيان تارتتى.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• لله رسل غير الذين ذكرهم الله في القرآن الكريم نؤمن بهم إجمالًا.
ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئالغىنىدىن باشقا پەيغەمبەرلىرىمۇ بار بولۇپ، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىمىز.

• من نعم الله تبيينه الآيات الدالة على توحيده.
ئاللاھ ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئايەتلەرنى بايان قىلىشى ئۇنىڭ نېئمەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• خطر الفرح بالباطل وسوء عاقبته على صاحبه.
باتىلغا خۇشال بولۇش خەتەرلىك، ئاقىۋىتى ئېچىنىشلىقتۇر.

• بطلان الإيمان عند معاينة العذاب المهلك.
ھالاك قىلغۇچى ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ.

 
Mənaların tərcüməsi Surə: Ğafir
Surələrin mündəricatı Səhifənin rəqəmi
 
Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi. - Tərcumənin mündəricatı

Tərcümə "Quran araşdırmaları Təfsir Mərkəzi" tərəfindən yayımlanmışdır.

Bağlamaq