Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Tərcumənin mündəricatı


Mənaların tərcüməsi Surə: əz-Zuxruf   Ayə:

سۈرە زۇخرۇپ

Surənin məqsədlərindən:
التحذير من الافتتان بزخرف الحياة الدنيا؛ لئلا يكون وسيلة للشرك.
شېرىككە ۋەسىلە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھاياتى دۇنيانىڭ بىزەكلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قىلىشتىن ئاگاھ بولۇش.

حمٓ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان.
Ərəbcə təfsirlər:
وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھىدايەت يولىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
إِنَّا جَعَلۡنَٰهُ قُرۡءَٰنًا عَرَبِيّٗا لَّعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
ئەي قۇرئان ئۆز تىلىڭلاردا نازىل بولغان خەلق! شەكسىزكى بىز قۇرئاننى مەنىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشۈڭلار ھەمدە ئۇنى چۈشىنىپ باشقا ئەللەرگىمۇ يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق.
Ərəbcə təfsirlər:
وَإِنَّهُۥ فِيٓ أُمِّ ٱلۡكِتَٰبِ لَدَيۡنَا لَعَلِيٌّ حَكِيمٌ
شەكسىزكى بۇ قۇرئان لەۋھۇلمەھپۇزدا ئەلۋەتتە يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھەم ھېكمەتلىكتۇر، ئۇنىڭ ئايەتلىرى ئەمىر - پەرمانلىرى ۋە چەكلىمىلىرىدە مۇكەممەل بايان قىلىنغاندۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
أَفَنَضۡرِبُ عَنكُمُ ٱلذِّكۡرَ صَفۡحًا أَن كُنتُمۡ قَوۡمٗا مُّسۡرِفِينَ
سىلەرنىڭ شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن بىز سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلىشنى تەرك ئېتىمىزمۇ؟ ئۇنداق قىلمايمىز. بەلكى سىلەرگە بولغان رەھمەت بۇنىڭ ئەكسىچە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَكَمۡ أَرۡسَلۡنَا مِن نَّبِيّٖ فِي ٱلۡأَوَّلِينَ
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق
Ərəbcə təfsirlər:
وَمَا يَأۡتِيهِم مِّن نَّبِيٍّ إِلَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
ئىلگىرىكى ئاشۇ ئۈممەتلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى.
Ərəbcə təfsirlər:
فَأَهۡلَكۡنَآ أَشَدَّ مِنۡهُم بَطۡشٗا وَمَضَىٰ مَثَلُ ٱلۡأَوَّلِينَ
بىز ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەر ئىچىدىن كۈچ - قۇۋۋەتتە (مەككە كاپىرلىرىدىن) ئۈستۈن بولغانلارنىمۇ ھالاك قىلدۇق، شۇڭا ئۇلاردىن ئاجىزلارنى ھالاك قىلىشتىن ئاجىز كەلمەيمىز. قۇرئاندا ئاد، سەمۇد، لۇت قەۋمى ۋە مەديەن ئاھالىسىگە ئوخشاش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ قانداق ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىندى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ لَيَقُولُنَّ خَلَقَهُنَّ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡعَلِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە سېنىڭ سوئالىڭغا جاۋابەن: ئۇلارنى ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب، ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى زات ياراتتى، دەيدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ مَهۡدٗا وَجَعَلَ لَكُمۡ فِيهَا سُبُلٗا لَّعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك قىلىپ، سىلەرنىڭ دەسسەپ تۇرۇشۇڭلارغا لايىق قىلىپ بەردى، سەپەرلىرىڭلاردا يولۇڭلارنى تېپىپ ماڭالىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭ تاغلىرى ۋە جىلغىلىرىدا يوللارنى بەرپا قىلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• سمي الوحي روحًا لأهمية الوحي في هداية الناس، فهو بمنزلة الروح للجسد.
ۋەھىي ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا روھ دەپ ئاتالدى. چۈنكى ئۇ تەندىكى روھنىڭ ئورنىدىدۇر.

• الهداية المسندة إلى الرسول صلى الله عليه وسلم هي هداية الإرشاد لا هداية التوفيق.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەئەللۇق قىلىنغان ھىدايەت ئېرىشتۈرۈش ھىدايىتى ئەمەس، بەلكى توغرىنى كۆرسىتىپ قويۇش ھىدايىتىدۇر.

• ما عند المشركين من توحيد الربوبية لا ينفعهم يوم القيامة.
مۇشرىكلارنىڭ پەرۋەردىگارنى بىر دەپ بىلىش ئېتىقادى قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ئەسقاتمايدۇ.

وَٱلَّذِي نَزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءَۢ بِقَدَرٖ فَأَنشَرۡنَا بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗاۚ كَذَٰلِكَ تُخۡرَجُونَ
ئاللاھ تائالا ئاسماندىن سىلەرگە، مال - چارۋىلىرىڭلارغا ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يەتكۈدەك مىقداردا يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئاندىن بىز شۇ يامغۇر ئارقىلىق گىياھسىز قاقاس زېمىننى جانلاندۇردۇق. ئاللاھ تائالا قاقاس زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن جانلاندۇرغاندەك سىلەرنىمۇ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡأَزۡوَٰجَ كُلَّهَا وَجَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡفُلۡكِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ مَا تَرۡكَبُونَ
ئاللاھ تائالا كېچە - كۈندۈز ۋە ئەركەك - چىشى دېگەندەك تۈرلۈك مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا كېمىلەرنى، قۇرۇقلۇقتا چارىپايلارنى مىنىدىغان ئۇلاغ قىلىپ بەردى.
Ərəbcə təfsirlər:
لِتَسۡتَوُۥاْ عَلَىٰ ظُهُورِهِۦ ثُمَّ تَذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ رَبِّكُمۡ إِذَا ٱسۡتَوَيۡتُمۡ عَلَيۡهِ وَتَقُولُواْ سُبۡحَٰنَ ٱلَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَٰذَا وَمَا كُنَّا لَهُۥ مُقۡرِنِينَ
ئاللاھ تائالا ئاشۇلارنىڭ ھەممىنى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سىلىپ بەردىكى، سەپەرلىرىڭلاردا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە جايلىشىپ ئولتۇرغايسىلەر، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە جايلىشىپ ئولتۇرغىنىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېئمىتىنى ئەسلەپ: ئاللاھ تائالا بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك ھەم مۇقەددەستۇركى، ئۇ مۇشۇ ئۇلاغنى بىزگە ياۋاش ھەم باشقۇرالايدىغان قىلىپ بەردى، ئاندىن بىز ئۇنى باشقۇرالايدىغان بولدۇق. ئەگەر ئاللاھ ئۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمەيتتى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَإِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا لَمُنقَلِبُونَ
شەكسىزكى بىز ئۆلگىنىمىزدىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يالغۇز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، دېگەيسىلەر.
Ərəbcə təfsirlər:
وَجَعَلُواْ لَهُۥ مِنۡ عِبَادِهِۦ جُزۡءًاۚ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَكَفُورٞ مُّبِينٌ
مۇشرىكلار پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، دېيىش ئارقىلىق بەزى مەخلۇقاتلارنى ئاللاھنىڭ بالىسى بارلىقىنى دەۋا قىلىشتى. شەكسىزكى مۇشۇنداق گەپنى قىلىدىغان ئىنسان ئەلۋەتتە كۇپۇرلۇقى ۋە ئازغۇنلۇقى ئېنىق بولغان كىشىدۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
أَمِ ٱتَّخَذَ مِمَّا يَخۡلُقُ بَنَاتٖ وَأَصۡفَىٰكُم بِٱلۡبَنِينَ
ئەي مۇشرىكلار! ئاللاھ ئۆزىنىڭ ياراتقانلىرىدىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى تاللىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارغا ئوغۇللارنى خاس قىلدى، دەمسىلەر؟ سىلەر دەۋا قىلغان بۇ تەقسىمات قانداق تەقسىمات؟
Ərəbcə təfsirlər:
وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُم بِمَا ضَرَبَ لِلرَّحۡمَٰنِ مَثَلٗا ظَلَّ وَجۡهُهُۥ مُسۡوَدّٗا وَهُوَ كَظِيمٌ
ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۇ پەرۋەردىگارىغا مەنسۇپ قىلغان قىز پەرزەنت بىلەن بېشارەت بېرىلسە، قاتتىق قايغۇرۇپ غەمگە پاتقانلىقتىن چىرايى قارىداپ، ئاچچىققا بوغۇلىدۇ. ئۇلار ئۆزى بېشارەت بېرىلسە قايغۇغا پاتقان نەرسىنى قانداقمۇ پەرۋەردىگارىغا مەنسۇپ قىلىدۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
أَوَمَن يُنَشَّؤُاْ فِي ٱلۡحِلۡيَةِ وَهُوَ فِي ٱلۡخِصَامِ غَيۡرُ مُبِينٖ
ئۇلار پەرۋەردىگارىغا زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، قىز بولغانلىقى ئۈچۈن مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
وَجَعَلُواْ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ ٱلَّذِينَ هُمۡ عِبَٰدُ ٱلرَّحۡمَٰنِ إِنَٰثًاۚ أَشَهِدُواْ خَلۡقَهُمۡۚ سَتُكۡتَبُ شَهَٰدَتُهُمۡ وَيُسۡـَٔلُونَ
ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرنى «قىز» دەپ ئاتاشتى. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقان چاغدا ئۇلار ھازىر بولۇپ، پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالغانمۇ؟ پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ بۇ گۇۋاھلىقىنى خاتىرىلەپ قويىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار بۇ ھەقتە سوئال قىلىنىدۇ ھەم يالغان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن شۇ گۇۋاھلىقى سەۋەبلىك ئازابلىنىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَقَالُواْ لَوۡ شَآءَ ٱلرَّحۡمَٰنُ مَا عَبَدۡنَٰهُمۗ مَّا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِنۡ هُمۡ إِلَّا يَخۡرُصُونَ
ئۇلار تەقدىرنى باھانە قىلىپ: ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا بىز پەرىشتىلەرگە چوقۇنمىغان بولاتتۇق. شۇڭا ئۇنىڭ بىزنىڭ ئاشۇنداق قىلىشىمىزنى خالىغانلىقى شۇنىڭغا رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇم دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار پەقەت يالغان ئېيتىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ كِتَٰبٗا مِّن قَبۡلِهِۦ فَهُم بِهِۦ مُسۡتَمۡسِكُونَ
ياكى بىز بۇ مۇشرىكلارغا قۇرئاندىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنسا بولىدۇ، دەيدىغان بىرەر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ كىتابقا ئاساسەن شۇنداق دەۋاتامدۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
بَلۡ قَالُوٓاْ إِنَّا وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا عَلَىٰٓ أُمَّةٖ وَإِنَّا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم مُّهۡتَدُونَ
ياق، ئۇنداق ئىش بولغىنى يوق. ئەكسىچە قارىغۇلارچە دوراشنى باھانە قىلىپ: شەكسىزكى بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىزدىن بۇرۇن بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلدۇق. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇناتتى، بىزمۇ ئاشۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشتا شۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىۋاتىمىز، دېيىشتى.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• كل نعمة تقتضي شكرًا.
بارچە نېئمەت شۈكۈر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• جور المشركين في تصوراتهم عن ربهم حين نسبوا الإناث إليه، وكَرِهوهنّ لأنفسهم.
مۇشرىكلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا مەنسۇپ قىلغان قىزلارنى ئۆزلىرى ياقتۇرمىغانلىقى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىدىكى ئادالەتسىزلىكىدۇر.

• بطلان الاحتجاج على المعاصي بالقدر.
گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە تەقدىرنى باھانە قىلىش تۈپتىن خاتادۇر.

• المشاهدة أحد الأسس لإثبات الحقائق.
كۆز بىلەن كۆرۈش ھەقىقەتلەرنى ئىسپاتلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىلدۇر.

وَكَذَٰلِكَ مَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ فِي قَرۡيَةٖ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتۡرَفُوهَآ إِنَّا وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا عَلَىٰٓ أُمَّةٖ وَإِنَّا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم مُّقۡتَدُونَ
بۇ مۇشرىكلار ئاتا - بوۋىلىرىغا ئەگەشكەنلىكىنى باھانە قىلىپ يالغان ئېيتتى. ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر يۇرتقا قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكىنىمىز يوق. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى دۆلەتمەنلەردىن بىر بۆلۈك ئاقساقال مۆتىۋەرلەر: شەكسىزكى بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، بىزمۇ شۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭدۇق. شۇڭا سېنىڭ قەۋمىڭ بۇ ئىشنى تۇنجى قىلغانلار ئەمەس، دېيىشتى.
Ərəbcə təfsirlər:
۞ قَٰلَ أَوَلَوۡ جِئۡتُكُم بِأَهۡدَىٰ مِمَّا وَجَدتُّمۡ عَلَيۡهِ ءَابَآءَكُمۡۖ قَالُوٓاْ إِنَّا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ
ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى ئۇلارغا: مەن سىلەرگە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىندىنمۇ ياخشىراق بىر دىننى ئېلىپ كەلسەم، سىلەر يەنىلا ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ دىنىغا ئەگىشەمسىلەر؟ دېگىنىدە، مۇشرىكلار: سەن ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيمىز، دېيىشتى.
Ərəbcə təfsirlər:
فَٱنتَقَمۡنَا مِنۡهُمۡۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ
شۇنىڭ بىلەن بىز سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىپ، ھالاك قىلدۇق. پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقىغا نەزەر سالغىن. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان ئىدى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِيمُ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦٓ إِنَّنِي بَرَآءٞ مِّمَّا تَعۡبُدُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى بىلەن قەۋمىگە: شەكسىزكى مەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن ئادا - جۇدامەن، دېدى.
Ərəbcə təfsirlər:
إِلَّا ٱلَّذِي فَطَرَنِي فَإِنَّهُۥ سَيَهۡدِينِ
پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھلا مېنى ئۆزىنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت ماڭا پايدىلىق بولغان يولغا باشلايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَجَعَلَهَا كَلِمَةَۢ بَاقِيَةٗ فِي عَقِبِهِۦ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
ئىبراھىم «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە مىراس قالدۇردى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغانلار ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئۈمىدكى مۇشرىكلارمۇ شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا قايتقاي.
Ərəbcə təfsirlər:
بَلۡ مَتَّعۡتُ هَٰٓؤُلَآءِ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ وَرَسُولٞ مُّبِينٞ
مەن بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىشقا ئالدىراپ كەتمىدىم. ئەكسىچە ئۇلارنى دۇنيادا قالدۇرۇپ مەنپەئەتلەندۈردۈم، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىمۇ مەنپەئەتلەندۈرگەن ئىدىم. نىھايەت ئۇلارغا قۇرئان ھەمدە (توغرا - خاتانى) روشەن بايان قىلغۇچى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ قَالُواْ هَٰذَا سِحۡرٞ وَإِنَّا بِهِۦ كَٰفِرُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلچە شەك بولمىغان، ھەقىقەتنى (ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئان كەلگەندە: بۇ بىر سېھىردۇر، مۇھەممەد بىزنى مۇشۇنىڭ بىلەن سېھىرلەۋاتىدۇ. شەكسىزكى بىز ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ھەرگىز ئىمان ئېيتمايمىز، دېيىشتى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَقَالُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانُ عَلَىٰ رَجُلٖ مِّنَ ٱلۡقَرۡيَتَيۡنِ عَظِيمٍ
ئىنكارچى مۇشرىكلار: ئاللاھ بۇ قۇرئاننى مۇھەممەدتەك بىر يوقسۇل، يېتىمەككە نازىل قىلغۇچە، نېمىشقا مەككە ياكى تائىفتىن بىرەر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلمىدى؟ دېيىشتى.
Ərəbcə təfsirlər:
أَهُمۡ يَقۡسِمُونَ رَحۡمَتَ رَبِّكَۚ نَحۡنُ قَسَمۡنَا بَيۡنَهُم مَّعِيشَتَهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَرَفَعۡنَا بَعۡضَهُمۡ فَوۡقَ بَعۡضٖ دَرَجَٰتٖ لِّيَتَّخِذَ بَعۡضُهُم بَعۡضٗا سُخۡرِيّٗاۗ وَرَحۡمَتُ رَبِّكَ خَيۡرٞ مِّمَّا يَجۡمَعُونَ
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى خالىغان كىشىگە بېرىپ، خالىغان كىشىدىن چەكلەپ شۇلار تەقسىم قىلامدۇ ياكى ئاللاھ تەقسىم قىلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى رىزىقلىرىنى بىز تەقسىم قىلىمىز ۋە بىر - بىرىنى ئىشقا سالسۇن دەپ ئۇلاردىن باي - كەمبەغەللەرنى قىلىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىلىرىگە ئاخىرەتتىكى رەھمىتى بۇلار توپلىغان ئۆتكۈنچى دۇنيانىڭ پۇل - پىچەكلىرىدىن كۆپ ياخشىدۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَوۡلَآ أَن يَكُونَ ٱلنَّاسُ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ لَّجَعَلۡنَا لِمَن يَكۡفُرُ بِٱلرَّحۡمَٰنِ لِبُيُوتِهِمۡ سُقُفٗا مِّن فِضَّةٖ وَمَعَارِجَ عَلَيۡهَا يَظۡهَرُونَ
ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى (كاپىرلارنىڭ باياشاتلىقىنى كۆرۈپ) كاپىر بولۇپ كەتمەيدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگزىگە چىقىدىغان شوتىلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلاتتۇق.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• التقليد من أسباب ضلال الأمم السابقة.
قارىغۇلارچە ئەگىشىش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

• البراءة من الكفر والكافرين لازمة.
كۇپۇرلۇقتىن ۋە كاپىرلاردىن ئادا - جۇدا بولۇش زۆرۈردۇر.

• تقسيم الأرزاق خاضع لحكمة الله.
رىزىقلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بويىچە بولىدۇ.

• حقارة الدنيا عند الله، فلو كانت تزن عنده جناح بعوضة ما سقى منها كافرًا شربة ماء.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دۇنيانىڭ قىلچە قىممىتى يوق. ئەگەر ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دۇنيانىڭ پاشىنىڭ قانىتىچىىك ئېتىبارى بولسا ئىدى، كاپىرلارغا بىر يۇتۇم سۇمۇ بەرمەيتتى.

وَلِبُيُوتِهِمۡ أَبۡوَٰبٗا وَسُرُرًا عَلَيۡهَا يَتَّكِـُٔونَ
ئۇلارنى بىخۇتلاشتۇرۇش ۋە سىناش ئۈچۈن ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنىمۇ، يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان تەختلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق.
Ərəbcə təfsirlər:
وَزُخۡرُفٗاۚ وَإِن كُلُّ ذَٰلِكَ لَمَّا مَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَٱلۡأٓخِرَةُ عِندَ رَبِّكَ لِلۡمُتَّقِينَ
ئۇلارغا (يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ھاياتىي دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن تۇرمىغانلىقى ئۈچۈن پايدىسى ئازدۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارغا ئاخىرەتتىكى نېئمەتلەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشىدۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
وَمَن يَعۡشُ عَن ذِكۡرِ ٱلرَّحۡمَٰنِ نُقَيِّضۡ لَهُۥ شَيۡطَٰنٗا فَهُوَ لَهُۥ قَرِينٞ
كىمكى قۇرئان ھەققىدە سالماقلىق بىلەن ئويلانماي، داۋاملىق يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا شەيتان ھۆكۈمران بولۇۋېلىپ، تېخىمۇ ئازدۇرۇۋېتىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَإِنَّهُمۡ لَيَصُدُّونَهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَيَحۡسَبُونَ أَنَّهُم مُّهۡتَدُونَ
شەكسىزكى قۇرئان كەرىمدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرگە ھۆكۈمران بولۇۋالغان بۇ ھەمراھلار چوقۇم ئۇلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنمايدۇ، چەكلىمىلىرىدىن يانمايدۇ ۋە ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنى توغرىنى تاپقۇچىلار دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭدىن كېيىن ئازغۇنلۇقىدىن تەۋبە قىلمايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَنَا قَالَ يَٰلَيۡتَ بَيۡنِي وَبَيۡنَكَ بُعۡدَ ٱلۡمَشۡرِقَيۡنِ فَبِئۡسَ ٱلۡقَرِينُ
ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگۈچى قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلگەندە: ئەي ھەمراھ! كاشكى ئىككىمىزنىڭ ئارىسى مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارىسىدىكى مۇساپىچىلىك يىراق بولسا بوپتىكەن. سەن نېمىدېگەن يامان ھەمراھ؟! دەپ ئارزۇ قىلىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَن يَنفَعَكُمُ ٱلۡيَوۡمَ إِذ ظَّلَمۡتُمۡ أَنَّكُمۡ فِي ٱلۡعَذَابِ مُشۡتَرِكُونَ
ئاللاھ قىيامەت كۈنى كاپىرلارغا: سىلەرنىڭ ئازابتىكى ئورتاقلىقىڭلار بۈگۈن سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمايدۇ (سىلەر شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغان ئىدىڭلار). چۈنكى سىلەرنىڭ شېرىكلىرىڭلار سىلەرگە كەلگەن ئازابتىن ھېچ نەرسىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
أَفَأَنتَ تُسۡمِعُ ٱلصُّمَّ أَوۡ تَهۡدِي ٱلۡعُمۡيَ وَمَن كَانَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
شەكسىزكى بۇلار ھەقنى ئاڭلاشتىن گاستۇر، ھەقنى كۆرۈشتىن كوردۇر. ئەي پەيغەمبەر! سەن گاسلارغا ھەقنى ئاڭلىتالامسەن ياكى كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ توغرا يولدىن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
Ərəbcə təfsirlər:
فَإِمَّا نَذۡهَبَنَّ بِكَ فَإِنَّا مِنۡهُم مُّنتَقِمُونَ
گەرچە بىز سېنى (ئۇلارنى ئازابلاشتىن بۇرۇن ۋاپات تاپقۇزۇش ئارقىلىق) ئېلىپ كەتسەكمۇ، ئۇلارنى چوقۇم بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازابلاش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىمىز.
Ərəbcə təfsirlər:
أَوۡ نُرِيَنَّكَ ٱلَّذِي وَعَدۡنَٰهُمۡ فَإِنَّا عَلَيۡهِم مُّقۡتَدِرُونَ
ياكى بىز ساڭا ھايات ۋاقتىڭدا ئۇلارغا تەييارلىغان ئازابنى كۆرسىتىمىز، بىزنىڭ ئۇلارغا كۈچىمىز يېتىدۇ. ئۇلار ھېچ ئىشتا بىزدىن ئۈستۈن كېلەلمەيدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
فَٱسۡتَمۡسِكۡ بِٱلَّذِيٓ أُوحِيَ إِلَيۡكَۖ إِنَّكَ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغانغا مەھكەم ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن. شەكسىزكى سەن شەكسىز توغرا يولدىسەن.
Ərəbcə təfsirlər:
وَإِنَّهُۥ لَذِكۡرٞ لَّكَ وَلِقَوۡمِكَۖ وَسَوۡفَ تُسۡـَٔلُونَ
بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ساڭا ۋە قەۋمىڭگە شەرەپتۇر. سىلەر قىيامەت كۈنى قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش، ئۇنىڭ يوليورۇقلىرىغا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىش ھەققىدە سوئال قىلىنىسىلەر.
Ərəbcə təfsirlər:
وَسۡـَٔلۡ مَنۡ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ مِن رُّسُلِنَآ أَجَعَلۡنَا مِن دُونِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ءَالِهَةٗ يُعۡبَدُونَ
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن سوراپ باققىن، بىز مېھرىبان ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلىدىغان مەبۇدلارنى قىپتۇقمۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَقَالَ إِنِّي رَسُولُ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ھەقىقەتەن بىز مۇسانى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىلىرىغا مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. مۇسا ئۇلارغا: شەكسىزكى مەن پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمەن، دېدى.
Ərəbcə təfsirlər:
فَلَمَّا جَآءَهُم بِـَٔايَٰتِنَآ إِذَا هُم مِّنۡهَا يَضۡحَكُونَ
مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇلار مۆجىزىلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتى.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• خطر الإعراض عن القرآن.
قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈشنىڭ خەتىرى.

• القرآن شرف لرسول الله صلى الله عليه وسلم ولأمته.
قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۈممىتى ئۈچۈن شان - شەرەپتۇر.

• اتفاق الرسالات كلها على نبذ الشرك.
پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەممىسى شېرىكنى تاشلاشتا بىردەكلىككە ئىگە.

• السخرية من الحق صفة من صفات الكفر.
ھەقىقەتنى مەسخىرە قىلىش كۇپۇرلۇق سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر.

وَمَا نُرِيهِم مِّنۡ ءَايَةٍ إِلَّا هِيَ أَكۡبَرُ مِنۡ أُخۡتِهَاۖ وَأَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡعَذَابِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
بىز پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىلىرىنى كۇپۇرلۇقتىن قايتىپ قالارمىكىن دەپ مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ توغرىلىقى ھەققىدە بىر - بىرىدىن كاتتا بولغان دەلىل - پاكىتلارنى كۆرسەتتۇق ھەمدە ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادىلا جازالىدۇق. لېكىن پايدىسى بولمىدى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَقَالُواْ يَٰٓأَيُّهَ ٱلسَّاحِرُ ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِندَكَ إِنَّنَا لَمُهۡتَدُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر قىسىم ئازاب كەلگەن چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئەي سېھىرگەر! ئەگەر بىز ئىمان ئېيتساق پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى بويىچە پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلساڭ. ئەگەر ئۇ بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە، بىز شەكسىزكى توغرا يولدا بولىمىز، دېيىشتى.
Ərəbcə təfsirlər:
فَلَمَّا كَشَفۡنَا عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابَ إِذَا هُمۡ يَنكُثُونَ
قاچانكى بىز (مۇسانىڭ دۇئاسى بىلەن) ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۋەتسەك، ئۇلار يەنە ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَنَادَىٰ فِرۡعَوۡنُ فِي قَوۡمِهِۦ قَالَ يَٰقَوۡمِ أَلَيۡسَ لِي مُلۡكُ مِصۡرَ وَهَٰذِهِ ٱلۡأَنۡهَٰرُ تَجۡرِي مِن تَحۡتِيٓۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ
پىرئەۋن قەۋمى ئىچىدە ئۆز سەلتەنىتىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا نىدا قىلىپ ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئوردامنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان مۇنۇ نىل دەرياسى مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ پادىشاھلىقىمنى كۆرۈپ، كاتتىلىقىمنى بىلمەيۋاتامسىلەر؟
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي هُوَ مَهِينٞ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ
مەن تۈزۈكرەك گەپمۇ قىلالمايدىغان، ئاجىز ھەم قوغلاندى مۇسادىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
فَلَوۡلَآ أُلۡقِيَ عَلَيۡهِ أَسۡوِرَةٞ مِّن ذَهَبٍ أَوۡ جَآءَ مَعَهُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ مُقۡتَرِنِينَ
ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمىشقا ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەيزۈك تاشلاپ بەرمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئارقىمۇئارقا پەرىشتىلەر كەلمىدى؟
Ərəbcə təfsirlər:
فَٱسۡتَخَفَّ قَوۡمَهُۥ فَأَطَاعُوهُۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ
پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ گۇمراھلىقىغا ئىتائەت قىلدى. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققان پاسىق قەۋم ئىدى.
Ərəbcə təfsirlər:
فَلَمَّآ ءَاسَفُونَا ٱنتَقَمۡنَا مِنۡهُمۡ فَأَغۡرَقۡنَٰهُمۡ أَجۡمَعِينَ
ئۇلار كۇپۇرلۇقتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق بىزنى غەزەپلەندۈرگەن چاغدا بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىپ، ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
Ərəbcə təfsirlər:
فَجَعَلۡنَٰهُمۡ سَلَفٗا وَمَثَلٗا لِّلۡأٓخِرِينَ
ئاندىن بىز پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى كىشىلەرنى (يامان يولغا) باشلايدىغان باشلامچى قىلدۇق. سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرىنىڭمۇ ئىزلىرى بار. بىز كىيىنكىلەرنىڭمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش ئەمەل قىلىپ، مۇشۇلارغا ئوخشاش ئازابقا گىرىپتار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئىبرەت ئالىدىغانلارغا ئىبرەت قىلدۇق.
Ərəbcə təfsirlər:
۞ وَلَمَّا ضُرِبَ ٱبۡنُ مَرۡيَمَ مَثَلًا إِذَا قَوۡمُكَ مِنۡهُ يَصِدُّونَ
مۇشرىكلار ناسارالار چوقۇنغان ئىيسانىمۇ ئاللاھنىڭ: «ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار بىلەن قوشۇلۇپ دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر» دېگەن سۆزىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ دەپ ئويلىدى. ھالبۇكى ئاللاھ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىگەندەك ئىيساغا قۇلچىلىق قىلىشتىنمۇ چەكلىگەن ئىدى. ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ قەۋمىڭ توساتتىن دەتالاشقا چۈشۈپ: بىز سېنىڭ ئىيسانىڭ ئورنىدا ئىلاھىمىز بولۇشۇڭغا رازى بولدۇق، دېيىشىپ چۇقان - سۈرەن سېلىشىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا: «شەكسىزكى بىز تەرەپتىن ياخشىلىق پۈتۈلگەنلەر دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ» دېگەن ئايەتنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ نازىل قىلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَقَالُوٓاْ ءَأَٰلِهَتُنَا خَيۡرٌ أَمۡ هُوَۚ مَا ضَرَبُوهُ لَكَ إِلَّا جَدَلَۢاۚ بَلۡ هُمۡ قَوۡمٌ خَصِمُونَ
ئۇلار: بىزنىڭ مەبۇدلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىيسا ياخشىمۇ؟ دېيىشتى. بۇ مىسالنى ئىبنى زەبەئرا ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى ھەقكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جىدەل قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى. چۈنكى ئۇلار جىدەلخور خەقتۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
إِنۡ هُوَ إِلَّا عَبۡدٌ أَنۡعَمۡنَا عَلَيۡهِ وَجَعَلۡنَٰهُ مَثَلٗا لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
ئىيسا پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىك نېئمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر. ئادەممۇ ئاتا - ئانىسىز يارىتىلغىنىدەك، بىز ئىيسانىمۇ ئاتىسىز يارىتىش ئارقىلىق بەنى ئىسرائىلغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرستىدىغان بىر دەلىل قىلدۇق.
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَوۡ نَشَآءُ لَجَعَلۡنَا مِنكُم مَّلَٰٓئِكَةٗ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَخۡلُفُونَ
ئەي ئادەمزات! ئەگەر بىز سىلەرنى ھالاك قىلىشنى خالىساق، ئەلۋەتتە ھالاك قىلاتتۇق ھەمدە پەرىشتىلەرنى زېمىندا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئىزباسار قىلاتتۇق. ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلاتتى.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• نَكْث العهود من صفات الكفار.
ئەھدىنى بۇزۇش كاپىرلارنىڭ سۈپىتىدىندۇر.

• الفاسق خفيف العقل يستخفّه من أراد استخفافه.
پاسىق دېگەن ئەقىلسىز بولۇپ، ئۇنى كىم ئەخمەق قىلىشنى خالىسا ئەخمەق قىلالايدۇ.

• غضب الله يوجب الخسران.
ئاللاھنىڭ غەزىپى زىيانكارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

• أهل الضلال يسعون إلى تحريف دلالات النص القرآني حسب أهوائهم.
ئازغۇنلار قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرى بويىچە بورمىلاشقا ئۇرۇنىدۇ.

وَإِنَّهُۥ لَعِلۡمٞ لِّلسَّاعَةِ فَلَا تَمۡتَرُنَّ بِهَا وَٱتَّبِعُونِۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ
شەكسىزكى ئىيسا ئاخىر زاماندا چۈشكەن چاغدا ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ بۈيۈك ئالامەتلىرىدىن بىرى بولىدۇ. شۇڭا قىيامەتنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىدىن شەك قىلماي، مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئەگىشىڭلار. مېنىڭ ئېلىپ كەلگىنىم قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان داغدام يولدۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَا يَصُدَّنَّكُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُۖ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ
شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇپ، قۇترىتىش ئارقىلىق توغرا يولدىن بۇرۇۋەتمىسۇن. شەكسىزكى شەيتان سىلەرگە ئۆچ - ئاداۋىتى ئاشكارا دۈشمەندۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَمَّا جَآءَ عِيسَىٰ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ قَالَ قَدۡ جِئۡتُكُم بِٱلۡحِكۡمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُم بَعۡضَ ٱلَّذِي تَخۡتَلِفُونَ فِيهِۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئىيسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىللەرنى كەلتۈرگەن چاغدا ئۇلارغا: مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ھېكمەتنى ئىلىپ كەلدىم، سىلەرگە دىندىن ئىختىلاپ قىلىشقان بەزى ئىشلىرىڭلارنى روشەن بايان قىلىپ بېرىمەن. شۇڭا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار، مەن سىلەرنى بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
Ərəbcə təfsirlər:
إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ رَبِّي وَرَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ
شەكسىزكى ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارىدۇركى، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا رەببىمىز يوق. شۇڭا يالغۇز شۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ تەۋھىد ئېتىقادى قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان توغرا يولدۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
فَٱخۡتَلَفَ ٱلۡأَحۡزَابُ مِنۢ بَيۡنِهِمۡۖ فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡ عَذَابِ يَوۡمٍ أَلِيمٍ
ناسارا تائىپىلىرى ئىيسا ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ، ئۇلاردىن بىر بۆلۈكى: ئۇ ئىلاھتۇر، دېگەن بولسا، يەنە بىر بۆلۈكى: ئۇ ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر، دېدى. يەنە بىر بۆلۈكى بولسا: ئۇ ئانىسى بىلەن ئىككى ئىلاھتۇر، دېيىشتى. ئىيسانى ئىلاھ بولۇش ياكى ئاللاھنىڭ بالىسى بولۇش ياكى ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇش، دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋايكى، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دەرتلىك ئازاب كۈتۈپ تۇرىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَن تَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
ئىيسا ھەققىدە ئىختىلاپ قىلشقان بۇ گۇرۇھلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى سەزمەي قالىدۇ. ئەگەر قىيامەت ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇق ھالىتىدە كەلسە، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى شەكسىزكى دەرتلىك ئازاب بولىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
ٱلۡأَخِلَّآءُ يَوۡمَئِذِۭ بَعۡضُهُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوٌّ إِلَّا ٱلۡمُتَّقِينَ
كۇپۇرلۇق ھەم ئازغۇنلۇق ئۈستىدىكى سىرداش دوستلار قىيامەت كۈنى بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنىڭ دوستلۇقى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
يَٰعِبَادِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡكُمُ ٱلۡيَوۡمَ وَلَآ أَنتُمۡ تَحۡزَنُونَ
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: ئى بەندىلىرىم! ئەمدى سىلەرگە قورقۇنچ يوق، دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغىنىڭلارغا قايغۇرماڭلار، دەيدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَكَانُواْ مُسۡلِمِينَ
ئۇلار پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتقان ۋە قۇرئاننىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن ياناتتى.
Ərəbcə təfsirlər:
ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ أَنتُمۡ وَأَزۡوَٰجُكُمۡ تُحۡبَرُونَ
سىلەر ۋە ئىمان ئېيتىشتا سىلەر بىلەن ئوخشاش بولغانلار جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەر تۈگەپ كەتمەيدىغان، ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مۇقىم نېئمەتتىن خۇرسەن بولىسىلەر.
Ərəbcə təfsirlər:
يُطَافُ عَلَيۡهِم بِصِحَافٖ مِّن ذَهَبٖ وَأَكۡوَابٖۖ وَفِيهَا مَا تَشۡتَهِيهِ ٱلۡأَنفُسُ وَتَلَذُّ ٱلۡأَعۡيُنُۖ وَأَنتُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇلارغا ئالتۇن تاۋاقلارنى ۋە (شاراپ تولدۇرۇلغان) قەدەھلەرنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. جەننەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتقان، كۆزلەر كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغان نېئمەتلەر بار. سىلەر شۇ نېئمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، ئۇنىڭدىن قەتئىي چىقىرىۋېتىلمەيسىلەر.
Ərəbcə təfsirlər:
وَتِلۡكَ ٱلۡجَنَّةُ ٱلَّتِيٓ أُورِثۡتُمُوهَا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
مەن سىلەرگە سۈپەتلەپ بەرگەن ئاشۇ جەننەت ئاللاھ تائالا ئۇنى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىپ بەرگەن جەننەتتۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
لَكُمۡ فِيهَا فَٰكِهَةٞ كَثِيرَةٞ مِّنۡهَا تَأۡكُلُونَ
ئۇ جەننەتلەردە سىلەر ئۈچۈن ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان كۆپلىگەن مېۋە - چېۋىلەر بار بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭدىن يەيسىلەر.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• نزول عيسى من علامات الساعة الكبرى.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• انقطاع خُلَّة الفساق يوم القيامة، ودوام خُلَّة المتقين.
قىيامەت كۈنى پاسىقلارنىڭ دوستلۇقى ئاخىرلىشىپ، تەقۋادارلارنىڭ دوستلۇقى داۋاملىشىدۇ.

• بشارة الله للمؤمنين وتطمينه لهم عما خلفوا وراءهم من الدنيا وعما يستقبلونه في الآخرة.
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە بېشارەت بېرىپ، ئۇلارنى دۇنيادا قالدۇرۇپ كەلگەن نەرسىلەردىن ۋە ئاخىرەتتە ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان ئاقىۋەتتىن كۆڭۈللىرىنى تىندۇرىدۇ.

إِنَّ ٱلۡمُجۡرِمِينَ فِي عَذَابِ جَهَنَّمَ خَٰلِدُونَ
شەكسىزكى كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن جىنايەتچى بولغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
لَا يُفَتَّرُ عَنۡهُمۡ وَهُمۡ فِيهِ مُبۡلِسُونَ
ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللىتىلمەيدۇ. ئۇلار دوزاختا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن كَانُواْ هُمُ ٱلظَّٰلِمِينَ
بىز ئۇلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق زۇلۇم قىلمىدۇق، بەلكى ئۇلار كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَنَادَوۡاْ يَٰمَٰلِكُ لِيَقۡضِ عَلَيۡنَا رَبُّكَۖ قَالَ إِنَّكُم مَّٰكِثُونَ
ئۇلار دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە نىدا قىلىپ: ئەي مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسا، بىز بۇ ئازابتىن قۇتۇلغان بولساق، دەيدۇ. ئاندىن مالىك ئۇلارغا جاۋابەن: شەكسىزكى سىلەر ئۈزۈلمەيدىغان ئازابتا مەڭگۈ قالىسىلەر، ئۆلەلمەيسىلەر، سىلەردىن ئازابمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
لَقَدۡ جِئۡنَٰكُم بِٱلۡحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَكُمۡ لِلۡحَقِّ كَٰرِهُونَ
بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا قىلچە شەك بولمىغان دىننى كەلتۈرگەن ئىدۇق، لېكىن سىلەرنىڭ كۆپىنچىىڭلار ھەق دىننى ياقتۇرمىغان ئىدىڭلار.
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ أَبۡرَمُوٓاْ أَمۡرٗا فَإِنَّا مُبۡرِمُونَ
ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇيىقەست پىلانلىغان بولسا، شەكسىزكى بىزمۇ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر تەدبىر قوللىنىمىز.
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ يَحۡسَبُونَ أَنَّا لَا نَسۡمَعُ سِرَّهُمۡ وَنَجۡوَىٰهُمۚ بَلَىٰ وَرُسُلُنَا لَدَيۡهِمۡ يَكۡتُبُونَ
ياكى ئۇلار دىللىرىدا يوشۇرغان سىرلىرىنى ياكى مەخپىي پىچىرلاشقانلىرىنى بىزنى ئاڭلىيالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بىز ئۇنىڭ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. پەرىشتىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ، ئەمەللىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
قُلۡ إِن كَانَ لِلرَّحۡمَٰنِ وَلَدٞ فَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلۡعَٰبِدِينَ
ئەي پەيغەمبەر! قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلغانلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ئۈستۈندۇر. ئاللاھنىڭ بالىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بۇنىڭدىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. مەن ئاللاھنى بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ بىلگەن ھالدا ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ تۇنجىسىمەن.
Ərəbcə təfsirlər:
سُبۡحَٰنَ رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ رَبِّ ٱلۡعَرۡشِ عَمَّا يَصِفُونَ
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك، ھەمراھ ۋە بالىلارنى مەنسۇپ قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن پاكتۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
فَذَرۡهُمۡ يَخُوضُواْ وَيَلۡعَبُواْ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى ئۆزلىرى داۋاملىشىپ كەلگەن خاتالىقىغا پېتىشىغا ۋە ئويۇن - تاماشا قىلىشىغا قويۇپ بەرگىن. ئۇلار قىيامەت كۈنى ۋەدە قىلىنغان كۈنگە ئۇچراشقانغا قەدەر شۇ پېتى قېلىۋەرسۇن.
Ərəbcə təfsirlər:
وَهُوَ ٱلَّذِي فِي ٱلسَّمَآءِ إِلَٰهٞ وَفِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَٰهٞۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡعَلِيمُ
ئاللاھ تائالا ئاسماندىمۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَتَبَارَكَ ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا وَعِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى ۋە بەرىكىتى ئىنتايىن كاتتىدۇركى، ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر. قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۇنى بىلمەيدۇ. سىلەر ئاخىرەتتە ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يەنە يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَا يَمۡلِكُ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِهِ ٱلشَّفَٰعَةَ إِلَّا مَن شَهِدَ بِٱلۡحَقِّ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارغا شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ئىيسا، ئۇزەير ۋە پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، ئۆزلىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دەپ گۇۋاھلق بەرگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
Ərəbcə təfsirlər:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَهُمۡ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
ئەگەر ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى كىم ياراتقانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: بىزنى ئاللاھ ياراتتى، دەيدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ قانداقسىگە ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن (بۇتلارغا چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
وَقِيلِهِۦ يَٰرَبِّ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمٞ لَّا يُؤۡمِنُونَ
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۆز قەۋمىنىڭ ئىنكارچىلىقىدىن قىلغان شىكايەتلىرى مەلۇمدۇر. پەيغەمبەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزى: ئەي رەببىم! شەكسىزكى بۇلار سەن مەن بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىگە ئىمان ئېيتمايدىغان كىشىلەردۇر، دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
فَٱصۡفَحۡ عَنۡهُمۡ وَقُلۡ سَلَٰمٞۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ
ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. ئۇلارغا ئۇلارنىڭ يامانلىقىغا رەددىيە بېرىدىغان سۆزلەرنى دېگىن. - بۇ مەككىدە بولغان ئىش ئىدى-. ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي ئۆزلىرىنىڭ قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• كراهة الحق خطر عظيم.
ھەقىقەتنى ياقتۇرماسلىق ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر.

• مكر الكافرين يعود عليهم ولو بعد حين.
كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بولسىمۇ ئۆزلىرىگە يانىدۇ.

• كلما ازداد علم العبد بربه، ازداد ثقة بربه وتسليمًا لشرعه.
بەندە پەرۋەردىگارىنى قانچىكى تونۇغانسېرى ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە بولغان ئىتائەتمەنلىكى شۇنچىلىك ئېشىپ بارىدۇ.

• اختصاص الله بعلم وقت الساعة.
قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەش ئاللاھقا خاستۇر.

 
Mənaların tərcüməsi Surə: əz-Zuxruf
Surələrin mündəricatı Səhifənin rəqəmi
 
Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Tərcumənin mündəricatı

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Bağlamaq