Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Tərcumənin mündəricatı


Mənaların tərcüməsi Surə: ət-Tur   Ayə:

سۈرە تۇر

Surənin məqsədlərindən:
الحجج والبراهين لرد شبهات المكذبين للنبي صلى الله عليه وسلم.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ شۈبھىلىرىگە رەت قايتۇرۇش ئۈچۈن دەلىل، ھۆججەتلەرنى بايان قىلىش.

وَٱلطُّورِ
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا سۆز قىلغان تاغ بىلەن قەسەم قىلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَكِتَٰبٖ مَّسۡطُورٖ
ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
فِي رَقّٖ مَّنشُورٖ
ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئوخشاش ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَٱلۡبَيۡتِ ٱلۡمَعۡمُورِ
پەرىشتىلەر ئاسماندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇۋاتقان ئۆي بىلەن قەسەم قىلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَٱلسَّقۡفِ ٱلۡمَرۡفُوعِ
زېمىننىڭ ئۆگزىسىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئاسمان بىلەن قەسەم قىلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
وَٱلۡبَحۡرِ ٱلۡمَسۡجُورِ
سۈيى لىق بولغان دېڭىز بىلەن قەسەم قىلدى.
Ərəbcə təfsirlər:
إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ لَوَٰقِعٞ
ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا چوقۇم كېلىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
مَّا لَهُۥ مِن دَافِعٖ
ئۇلاردىن ئۇ ئازابنى توسۇپ قالالايدىغان ۋە ئۇلارغا كېلىشىنى چەكلەپ قالالايدىغان ھېچكىم يوق.
Ərəbcə təfsirlər:
يَوۡمَ تَمُورُ ٱلسَّمَآءُ مَوۡرٗا
ئۇ كۈندە ئاسمان قىيامەتنىڭ بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قاتتىق تەۋرەپ، تىترەيدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَتَسِيرُ ٱلۡجِبَالُ سَيۡرٗا
تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ كېتىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
فَوَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ
ئۇ كۈندە ئاللاھ كاپىرلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
Ərəbcə təfsirlər:
ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي خَوۡضٖ يَلۡعَبُونَ
ئۇلار يالغان - ياۋىداققا پاتقانلار بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىپ، توپلىنىدىغانلىقىغا پەرۋا قىلماي ئويۇن - تاماشا قىلىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
يَوۡمَ يُدَعُّونَ إِلَىٰ نَارِ جَهَنَّمَ دَعًّا
ئۇلار ئۇ كۈندە جەھەننەمنىڭ ئوتىغا قوپاللىق بىلەن قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
هَٰذِهِ ٱلنَّارُ ٱلَّتِي كُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ
ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: پەيغەمبەرلىرىڭلار سىلەرنى قورقۇتقان چاغدا سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخ مانا مۇشۇ، دېيىلىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• الكفر ملة واحدة وإن اختلفت وسائله وتنوع أهله ومكانه وزمانه.
كۇپۇرلۇقنىڭ ۋاسىتىلىرى خىلمۇ-خىل، كاپىرلارمۇ ھەر خىل، ئورنى ھەم ۋاقتى ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ بەرىبىر كۇپرىنىڭ ھەممىسى بىر مىللەتتۇر.

• شهادة الله لرسوله صلى الله عليه وسلم بتبليغ الرسالة.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر.

• الحكمة من خلق الجن والإنس تحقيق عبادة الله بكل مظاهرها.
جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەت ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ھەممە كۆرۈنۈشلىرىنى رېئاللىققا چىقىرىشتۇر.

• سوف تتغير أحوال الكون يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى كائىناتنىڭ ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

أَفَسِحۡرٌ هَٰذَآ أَمۡ أَنتُمۡ لَا تُبۡصِرُونَ
سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن بۇ ئازاب سېھىرمۇ؟ ياكى سىلەر ئۇنى ئوچۇق كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
Ərəbcə təfsirlər:
ٱصۡلَوۡهَا فَٱصۡبِرُوٓاْ أَوۡ لَا تَصۡبِرُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡكُمۡۖ إِنَّمَا تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
بۇ دوزاخنىڭ ھارارىتىنى تېتىپ، ئازابنى ھېس قىلىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ ھارارىتىنىڭ جاپاسىغا بەرداشلىق بېرىڭلار ياكى بەرمەڭلار بەرىبىر ئوخشاش. بۈگۈن سىلەر پەقەت دۇنيادا قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارغا قارىتا جازاغا تارتىلىسىلەر.
Ərəbcə təfsirlər:
إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَنَعِيمٖ
ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار جەننەتلەردە ۋە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان كاتتا نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
فَٰكِهِينَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡ وَوَقَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡ عَذَابَ ٱلۡجَحِيمِ
ئۇلار ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان يېمەك - ئىچمەك ۋە جىنسىي تۇرمۇش قاتارلىق نېئمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ. پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخنىڭ ئازابىدىن خالاس قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ئارزۇ قىلغان ھۇزۇر - ھالاۋەتكە ئېرىشىپ، كۆڭۈلسىزلىكلەردىن قۇتۇلىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئۇلارغا: كۆڭلۈڭلار تارتقاننى ھۇزۇرلىنىپ يەپ - ئىچىڭلار، يەپ - ئىچكەنلىرىڭلارنىڭ زىيان قىپ قېلىشىدىن ياكى بىئارام قىلىشىدىن ئەنسىرىمەڭلار. بۇ سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، دېيىلىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ سُرُرٖ مَّصۡفُوفَةٖۖ وَزَوَّجۡنَٰهُم بِحُورٍ عِينٖ
ئۇلار قاتار تىزىلغان، چىرايلىق بېزەلگەن كارىۋاتلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بىز ئۇلارغا بەدەنلىرى ئاپئاق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى جۈپلەپ بېرىمىز.
Ərəbcə təfsirlər:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱتَّبَعَتۡهُمۡ ذُرِّيَّتُهُم بِإِيمَٰنٍ أَلۡحَقۡنَا بِهِمۡ ذُرِّيَّتَهُمۡ وَمَآ أَلَتۡنَٰهُم مِّنۡ عَمَلِهِم مِّن شَيۡءٖۚ كُلُّ ٱمۡرِيِٕۭ بِمَا كَسَبَ رَهِينٞ
ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان ۋە ئەۋلادلىرىمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنىڭ خۇرسەن بولۇشلىرى ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمەللىرى ئۇلارنىڭ دەرىجىسىگە يەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار بىلەن جەم قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىدىن قىلچە كېمەيتىۋەتمەيمىز. ھەر كىم ئۆزى قىلغان ناچار قىلمىشىغا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەمىلىدىن ھېچ نەرسىنى باشقا بىرى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَأَمۡدَدۡنَٰهُم بِفَٰكِهَةٖ وَلَحۡمٖ مِّمَّا يَشۡتَهُونَ
بىز ئاشۇ جەننەت ئەھلىنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن، كۆڭلى تارتقان ھەر قانداق گۆش بىلەن تەمىنلەپ تۇرىمىز.
Ərəbcə təfsirlər:
يَتَنَٰزَعُونَ فِيهَا كَأۡسٗا لَّا لَغۡوٞ فِيهَا وَلَا تَأۡثِيمٞ
ئۇلار جەننەتتە بىر - بىرىگە (مەي تولدۇرۇلغان) جاملارنى تۇتۇشىدۇ. ئۇلار ئۇ مەيلەرنى ئىچسە، مەستلىك تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن دۇنيادىكىدەك بىكار گەپ ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
۞ وَيَطُوفُ عَلَيۡهِمۡ غِلۡمَانٞ لَّهُمۡ كَأَنَّهُمۡ لُؤۡلُؤٞ مَّكۡنُونٞ
ئۇلارنى خىزمىتىگە سېلىنغان خىزمەتكارلار ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ خىزمەتكارلار تېرىلىرىنىڭ سۈزۈكلۈكى ھەم ئاقلىقىدا گوياكى سەدەپ ئىچىدىكى مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ
جەننەت ئەھلى ئۆزئارا قارىشىپ ئولتۇرۇپ، بىر - بىرىدىن دۇنيادىكى ئەھۋالى توغرىلىق سورىشىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
قَالُوٓاْ إِنَّا كُنَّا قَبۡلُ فِيٓ أَهۡلِنَا مُشۡفِقِينَ
ئۇلار بىر - بىرىگە جاۋابەن ئېيتىدۇ: بىز دۇنيادا بالا - چاقىلىرىمىز بىلەن ياشىغان ۋاقتىمىزدا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەقىقەتەن قورقاتتۇق.
Ərəbcə təfsirlər:
فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا وَوَقَىٰنَا عَذَابَ ٱلسَّمُومِ
ئاللاھ ئىسلامغا ھىدايەت قىلىش ئارقىلىق بىزگە ياخشىلىق قىلدى ۋە بىزنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئازابتىن ساقلاپ قالدى.
Ərəbcə təfsirlər:
إِنَّا كُنَّا مِن قَبۡلُ نَدۡعُوهُۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡبَرُّ ٱلرَّحِيمُ
بىز ھەقىقەتەن دۇنيادا ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىشىنى تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلاتتۇق. ئاللاھ بەندىلىرىگە قىلغان ۋەدىسىدە راستچىل ھەم بەندىلىرىگە ئېھسان بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر. بىزنى ئىمانغا ھىدايەت قىلىپ، جەننەتكە كىرگۈزۈپ، دوزاختىن يىراق قىلغانلىقىمۇ ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقى ۋە مەرھەمىتىدىندۇر.
Ərəbcə təfsirlər:
فَذَكِّرۡ فَمَآ أَنتَ بِنِعۡمَتِ رَبِّكَ بِكَاهِنٖ وَلَا مَجۡنُونٍ
ئەي پەيغەمبەر! قۇرئان بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلغىن. ئاللاھنىڭ ساڭا ئىمان ۋە ئەقىل ئىنئام قىلغانلىقى بىلەن جىندىن كارامەت كۆرگەنلىكىڭنى دەۋا قىلىدىغان كاھىن ئەمەس، ساراڭمۇ ئەمەسسەن.
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ يَقُولُونَ شَاعِرٞ نَّتَرَبَّصُ بِهِۦ رَيۡبَ ٱلۡمَنُونِ
ياكى بۇ ئىنكارچىلار: ھەقىقەتن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ بىر شائىردۇر. ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭدىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى كۈتۈۋاتىمىز، دەمدۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
قُلۡ تَرَبَّصُواْ فَإِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُتَرَبِّصِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر مېنىڭ ئۆلۈمۈمنى كۈتۈڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە كېلىدىغان ئازابنى كۈتىمەن.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• الجمع بين الآباء والأبناء في الجنة في منزلة واحدة وإن قصر عمل بعضهم إكرامًا لهم جميعًا حتى تتم الفرحة.
ئاتا - ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ئەمەللىرى بىر - بىرىدىن كەمرەك بولسىمۇ ئۇلارنى جەننەتتە جەم قىلىش ئۇلارنىڭ خۇرسەنلىكىنى پۈتۈنلەش ئۈچۈن قىلىنغان ئىلتىپاتتۇر.

• خمر الآخرة لا يترتب على شربها مكروه.
ئاخىرەتنىڭ شارابىنى ئىچسە ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرمەيدۇ.

• من خاف من ربه في دنياه أمّنه في آخرته.
كىمكى دۇنيادا پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاخىرەتتە خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ.

أَمۡ تَأۡمُرُهُمۡ أَحۡلَٰمُهُم بِهَٰذَآۚ أَمۡ هُمۡ قَوۡمٞ طَاغُونَ
ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى ئۇلارنى: مۇھەممەد ھەقىقەتەن بىر كاھىن ياكى ساراڭدۇر، دېيىشكە بۇيرۇمدۇ؟ ئۇلارھېچكىمدە بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولمايدىغان ئىككى سۈپەتنى جۇغلايدۇ. بەلكى ئۇلار چەكتىن ئاشقان قەۋمدۇركى، نە شەرىئەتكە، نە ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلمايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ يَقُولُونَ تَقَوَّلَهُۥۚ بَل لَّا يُؤۡمِنُونَ
ياكى ئۇلار: مۇھەممەد بۇ قۇرئاننى ئۆزى توقۇپ چىققان، قۇرئان ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىنغىنى يوق، دەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد ئۇنى توقۇۋالغىنى يوق. ئەكسىچە ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن چوڭچىلىق قىلىپ: ئۇنى مۇھەممەد ئۆزى توقۇغان، دېيىشىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
فَلۡيَأۡتُواْ بِحَدِيثٖ مِّثۡلِهِۦٓ إِن كَانُواْ صَٰدِقِينَ
ئەگەر قۇرئان توقۇلما بولۇپ، ئۇلار قۇرئاننى مەھەممەد توقۇدى، دېگەن دەۋاسىدا راستچىل بولسا، شۇ قۇرئانغا ئوخشاش (توقۇلما) سۆزنى كەلتۈرۈپ باقسۇن.
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ خُلِقُواْ مِنۡ غَيۡرِ شَيۡءٍ أَمۡ هُمُ ٱلۡخَٰلِقُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ھېچقانداق ياراتقۇچىسىز يارىلىپ قالدىمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىمۇ؟ ھېچبىر مەخلۇقنىڭ ياراتقۇچىسىز بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ھېچبىر مەخلۇق ياراتقۇچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئىبادەت قىلمايدۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ خَلَقُواْ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ
ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ ئۇنداق ئىش يوق. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا چىن پۈتكەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان بولاتتى.
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ عِندَهُمۡ خَزَآئِنُ رَبِّكَ أَمۡ هُمُ ٱلۡمُصَۜيۡطِرُونَ
ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزىق خەزىنىلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى خالىغان كىشىگە رىزىق ھەم پەيغەمبەرلىكنى بېرىپ، خالىغان كىشىگە بەرمەيۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە باشقۇرالايدىغان ھۆكۈمرانلارمۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ لَهُمۡ سُلَّمٞ يَسۡتَمِعُونَ فِيهِۖ فَلۡيَأۡتِ مُسۡتَمِعُهُم بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ
ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانغا چىقالايدىغان شوتىسى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى تىڭشامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق ۋەھىينى تىڭشىغانلار بولسا، سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى زادى ھەقىقەت ئۈستىدە دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىل - پاكىت كەلتۈرۈپ باقسۇنچۇ!؟
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ لَهُ ٱلۡبَنَٰتُ وَلَكُمُ ٱلۡبَنُونَ
ياكى سىلەر ئۆچ كۆرىدىغان قىزلار ئاللاھقا، ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇللار سىلەرگە تەئەللۇقمۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ أَجۡرٗا فَهُم مِّن مَّغۡرَمٖ مُّثۡقَلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ياكى سەن ئۇلاردىن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپەڭنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە ھەق تەلەپ قىلىپ، شۇ سەۋەبلىك ئۇلارغا كۆتۈرۈپ بولالمىغۇدەك يۈك ئارتىلىپ قالدىمۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ عِندَهُمُ ٱلۡغَيۡبُ فَهُمۡ يَكۡتُبُونَ
ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيبنىڭ ئىلمى بولۇپ، ئىنسانلارغا ئۆزلىرى خەۋەردار بولغان غەيبلەرنى يېزىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىغان ئىشتىن خەۋەردار قىلىۋاتامدۇ؟
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ يُرِيدُونَ كَيۡدٗاۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ هُمُ ٱلۡمَكِيدُونَ
ياكى ئۇ ئىنكارچىلار ساڭا ۋە سېنىڭ دىنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچىمۇ؟ ھاسىل كالام، سەن ئاللاھقا ئىشەنچ باغلىغىن. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلارنىڭ سۇيىقەستى بەربات بولىدۇ، سەن ئەمەس.
Ərəbcə təfsirlər:
أَمۡ لَهُمۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدى بارمۇ؟ ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ چاپلىغان شېرىكلىرىدىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچبىرى يۈز بەرگىنى يوق، ئۇنداق بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَإِن يَرَوۡاْ كِسۡفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ سَاقِطٗا يَقُولُواْ سَحَابٞ مَّرۡكُومٞ
ئەگەر ئۇلار ئاسماندىن بىر پارچىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسە: بۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن بۇلۇتتۇر دەپ، پەند - نەسىھەت ئالمايدۇ ھەم ئىمان ئېيتمايدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
فَذَرۡهُمۡ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي فِيهِ يُصۡعَقُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى تاكى ئازابقا دۇچار بولىدىغان قىيامەت كۈنىگە ئۇچراشقانغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقى ۋە ئىنكارچىلىقىدا قويغىن.
Ərəbcə təfsirlər:
يَوۡمَ لَا يُغۡنِي عَنۡهُمۡ كَيۡدُهُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ، ئازابتىن قۇتقۇزۇلۇش ئارقىلىق ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ عَذَابٗا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
شەكسىزكى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن بۇرۇنمۇ ئازاب بار. يەنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈش بىلەن، بەرزەختە قەبرە ئازابى بىلەن ئازابلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار كۇپرىسىدا ئىزچىل تۇرىدۇ.
Ərəbcə təfsirlər:
وَٱصۡبِرۡ لِحُكۡمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعۡيُنِنَاۖ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەقدىرىگە ۋە ئۇنىڭ شەرئىي ھۆكمىگە سەۋرچان بولغىن. چۈنكى سەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ھىمايىمىزدە سەن. ئۇيقۇڭدىن ئويغانغىنىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ئارقىلىق تەسبىھ ئېيتقىن.
Ərəbcə təfsirlər:
وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡهُ وَإِدۡبَٰرَ ٱلنُّجُومِ
كېچىدىمۇ پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىن تاڭ يورۇغاندا بامدات نامىزىنى ئوقۇغىن.
Ərəbcə təfsirlər:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• الطغيان سبب من أسباب الضلال.
ھەددىدىن ئېشىش گۇمراھلىقنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

• أهمية الجدال العقلي في إثبات حقائق الدين.
دىننىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقلىي مۇنازىرىلىشىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

• ثبوت عذاب البَرْزَخ.
بەرزەخ ئازابىنىڭ بارلىقى ھەقتۇر.

 
Mənaların tərcüməsi Surə: ət-Tur
Surələrin mündəricatı Səhifənin rəqəmi
 
Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Tərcumənin mündəricatı

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Bağlamaq