Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Übersetzungen


Übersetzung der Bedeutungen Vers: (11) Surah / Kapitel: An-Nahl
يُنۢبِتُ لَكُم بِهِ ٱلزَّرۡعَ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلنَّخِيلَ وَٱلۡأَعۡنَٰبَ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ
يامغۇر سۈيىدىن ئاللاھ سىلەرگە سىلەر يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ سۇ بىلەن زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە باشقا تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاشۇ سۇدا ۋە سۇ ئارقىلىق پەيدا قىلغان نەرسىلەردە ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار، بۇ نەرسىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقى نامايەندە بولىدۇ.
Arabische Interpretationen von dem heiligen Quran:
Die Nutzen der Versen in dieser Seite:
• من عظمة الله أنه يخلق ما لا يعلمه جميع البشر في كل حين يريد سبحانه.
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە كاتتىلىقىدىن، ھەر ۋاقىت بارلىق ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىشنى خالىسا شۇ ۋاقىتتا يارىتىدۇ

• خلق الله النجوم لزينة السماء، والهداية في ظلمات البر والبحر، ومعرفة الأوقات وحساب الأزمنة.
ئاللاھ تائالا يۇلتۇزلارنى ئاسماننى زىننەتلەش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلىقىدا يول تېپىش، ۋاقىت ۋە زامانلارنىڭ ھېسابىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياراتتى.

• الثناء والشكر على الله الذي أنعم علينا بما يصلح حياتنا ويعيننا على أفضل معيشة.
بىزنىڭ ھاياتىمىزنى تۈزىتىدىغان، تۇرمۇشىمىزغا ياردىمى بولىدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.

• الله سبحانه أنعم علينا بتسخير البحر لتناول اللحوم (الأسماك)، واستخراج اللؤلؤ والمرجان، وللركوب، والتجارة، وغير ذلك من المصالح والمنافع.
ئاللاھ سۇبھانەھۇۋەتەئالا بىزلەرگە دېڭىزدىن يېڭى بېلىق گۆشلىرىنى يېيىش، ئۈنچە-مارجانلارنى چېقىرىش، كېمىلەرگە چېقىش، يۇرتىمىزنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ بېسىۋېلىشى ۋە دۈشمەنلىكىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى.

 
Übersetzung der Bedeutungen Vers: (11) Surah / Kapitel: An-Nahl
Suren/ Kapiteln Liste Nummer der Seite
 
Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Übersetzungen

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Schließen