Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Übersetzungen


Übersetzung der Bedeutungen Vers: (143) Surah / Kapitel: Al-A‘râf
وَلَمَّا جَآءَ مُوسَىٰ لِمِيقَٰتِنَا وَكَلَّمَهُۥ رَبُّهُۥ قَالَ رَبِّ أَرِنِيٓ أَنظُرۡ إِلَيۡكَۚ قَالَ لَن تَرَىٰنِي وَلَٰكِنِ ٱنظُرۡ إِلَى ٱلۡجَبَلِ فَإِنِ ٱسۡتَقَرَّ مَكَانَهُۥ فَسَوۡفَ تَرَىٰنِيۚ فَلَمَّا تَجَلَّىٰ رَبُّهُۥ لِلۡجَبَلِ جَعَلَهُۥ دَكّٗا وَخَرَّ مُوسَىٰ صَعِقٗاۚ فَلَمَّآ أَفَاقَ قَالَ سُبۡحَٰنَكَ تُبۡتُ إِلَيۡكَ وَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
مۇسا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارى بىلەن مۇناجاتلىشىش ئۈچۈن كەلگەندە ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا بۇيرۇق -چەكلىمىلەر ھەققىدە بىۋاستە سۆز قىلغان چاغدا، مۇسانىڭ نەپسى پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ پەرۋەردىگارىدىن ماڭا ئۆزەڭنى كۆرسەتكىن دەپ سورىدى، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: سېنىڭ مېنى كۆرۈش قۇدرىتىڭ يوق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا مېنى ھەرگىز كۆرەلمەيسەن، لېكىن مەن تاغقا تەجەللى قىلغان ۋاقتىمدا تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ كۇكۇم-تالقان بولماستىن ئۆز ئورنىدا تۇرالىسا مېنى كۆرەلەيسەن، ئەگەر تاغ تۈپتۈز بولۇپ كەتسە مېنى بۇ دۇنيادا ھەرگىز كۆرەلمەيسەن دېدى. ئاللاھ تائالا تاغقا تەجەللى قىلغان ئىدى، تاغ تەپ-تۈز بولۇپ كەتتى. مۇسا بىھۇش بولۇپ يېقىلدى، مۇسا ھۇشىغا كەلگەن چاغدا: ئى پەرۋەردىگارىم! سەن نالايىق نەرسىلەردىن پاكتۇرسەن، مەن دۇنيادا سېنى كۆرۈشتىن ئىبارەت سەندىن سورىغان نەرسىلەردىن ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن قەۋمىم ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋۋال ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانمەن، دېدى.
Arabische Interpretationen von dem heiligen Quran:
Die Nutzen der Versen in dieser Seite:
• تؤكد الأحداث أن بني إسرائيل كانوا ينتقلون من ضلالة إلى أخرى على الرغم من وجود نبي الله موسى بينهم.
ئەينى زاماندىكى ۋەقەلىكلەر شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئارىسىدا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بار بولسىمۇ ئۇلار بىر ئازغۇنلۇقتىن يەنە بىر ئازغۇنلۇققا يۆتكەلگەن ئىدى.

• من مظاهر خذلان الأمة أن تُحَسِّن القبيح، وتُقَبِّح الحسن بمجرد الرأي والأهواء.
ھاۋايى-ھەۋەس ياكى شەخسىي كۆزقاراشلىرىغا تايىنىپ يامان ئىشنى ياخشى، ياخشى ئىشنى يامان كۆرسۈتۈش قاتارلىقلار ئۈممەتنى خارلىققا ئىلىپ بارىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ قاتارىدىندۇر.

• إصلاح الأمة وإغلاق أبواب الفساد هدف سام للأنبياء والدعاة.
جەمئىيەتتىن پاساتچىلىقنى يوقۇتۇپ ئۈممەتنى ئىسلاھ قىلىش، پەيغەمبەرلەر ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىدۇر.

• قضى الله تعالى ألا يراه أحد من خلقه في الدنيا، وسوف يكرم من يحب من عباده برؤيته في الآخرة.
ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچبىر كىشىنىڭ دۇنيادا ئۆزىنى كۆرەلمەسلىكنى ئىرادە قىلدى. ئاللاھ ئاخىرەتتە بەندىلىرى ئىچىدىن ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىگە ئۆز جامالىنى كۆرسۈتۈش بىلەن ئىكرام قىلىدۇ .

 
Übersetzung der Bedeutungen Vers: (143) Surah / Kapitel: Al-A‘râf
Suren/ Kapiteln Liste Nummer der Seite
 
Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Übersetzungen

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Schließen