Check out the new design

Firo maanaaji al-quraan tedduɗo oo - Eggo e haala Uigur wonande deftere Firo Alkur'aana raɓɓinaango. * - Tippudi firooji ɗii


Firo maanaaji Simoore: Simoore darnga (al-haaqa)   Aaya:
وَجَآءَ فِرۡعَوۡنُ وَمَن قَبۡلَهُۥ وَٱلۡمُؤۡتَفِكَٰتُ بِٱلۡخَاطِئَةِ
پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ھەمدە ئاھالىسى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەن لۇت قەۋمى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئىبارەت خاتا قىلمىشلارنى قىلدى.
Faccirooji aarabeeji:
فَعَصَوۡاْ رَسُولَ رَبِّهِمۡ فَأَخَذَهُمۡ أَخۡذَةٗ رَّابِيَةً
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋېتىدىغان ئازاب بىلەن جازالىدى.
Faccirooji aarabeeji:
إِنَّا لَمَّا طَغَا ٱلۡمَآءُ حَمَلۡنَٰكُمۡ فِي ٱلۡجَارِيَةِ
شەكسىزكى سۇ بەك يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن چاغدا بىز سىلەر پۇشتىدا بولغان ئەجدادلىرىڭلارنى نۇھ ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن ياسىغان كېمىگە سالدۇق. ئاندىن ئۇ كېمە سىلەرگە قاتناش ۋاستىسى بولدى.
Faccirooji aarabeeji:
لِنَجۡعَلَهَا لَكُمۡ تَذۡكِرَةٗ وَتَعِيَهَآ أُذُنٞ وَٰعِيَةٞ
بىز نۇھنىڭ كېمىسىنىڭ ۋەقەلىكىنى كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغانغا دەلىل قىلدۇق. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇنى ئاڭلاپ ئېسىدە تۇتىدىغانلار ئېسىدە تۇتسۇن.
Faccirooji aarabeeji:
فَإِذَا نُفِخَ فِي ٱلصُّورِ نَفۡخَةٞ وَٰحِدَةٞ
سۈر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى بىر چالغاندا،
Faccirooji aarabeeji:
وَحُمِلَتِ ٱلۡأَرۡضُ وَٱلۡجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةٗ وَٰحِدَةٗ
زېمىن ۋە تاغلار ئورۇنلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر - بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلۇپ، كۇكۇم - تالقان بوپكېتىدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
فَيَوۡمَئِذٖ وَقَعَتِ ٱلۡوَاقِعَةُ
ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا كەلگەن كۈندە قىيامەت قايىم بولىدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
وَٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَهِيَ يَوۡمَئِذٖ وَاهِيَةٞ
ئۇ كۈندە پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلىدۇ. ئۇ كۈندە يەنە ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان ئاسمان ئاجىزلاپ قالىدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
وَٱلۡمَلَكُ عَلَىٰٓ أَرۡجَآئِهَاۚ وَيَحۡمِلُ عَرۡشَ رَبِّكَ فَوۡقَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ ثَمَٰنِيَةٞ
پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇ بۈيۈك كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى مۇقەررەب پەرىشتىلەردىن سەككىز پەرىشتە باشلىرى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
يَوۡمَئِذٖ تُعۡرَضُونَ لَا تَخۡفَىٰ مِنكُمۡ خَافِيَةٞ
ئەي ئىنسانلار! بۈ كۈندە ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھقا توغرىلىنىسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچ بىر مەخپىيەتلىكىڭلار ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، بەلكى ئاللاھ ئۇنى بىلگۈچىدۇر ۋە خەۋەرداردۇر.
Faccirooji aarabeeji:
فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَيَقُولُ هَآؤُمُ ٱقۡرَءُواْ كِتَٰبِيَهۡ
نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
إِنِّي ظَنَنتُ أَنِّي مُلَٰقٍ حِسَابِيَهۡ
نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
فَهُوَ فِي عِيشَةٖ رَّاضِيَةٖ
ئۇ مەڭگۈلۈك نازۇ-نېئمەتلەرنى كۆرگەنلىكتىن كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٖ
ئالى ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان جەننەتتە بولىدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
قُطُوفُهَا دَانِيَةٞ
ئۇ جەننەتنىڭ مېۋىلىرى ئالماقچى بولغانلارغا يېقىن بولىدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَآ أَسۡلَفۡتُمۡ فِي ٱلۡأَيَّامِ ٱلۡخَالِيَةِ
ئۇلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن: يەڭلار، ئىچىڭلار، (جەننەتتىكى بۇ يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەر) سىلەرگە زىيان قىلمايدۇ. سىلەر دۇنيادا ئۆتكەن كۈنلىرىڭلاردا سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ.
Faccirooji aarabeeji:
وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِشِمَالِهِۦ فَيَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي لَمۡ أُوتَ كِتَٰبِيَهۡ
نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەنلەر قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقتىن دەيدۇكى، كاشكى ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىسە بوپتىكەن. چۈنكى ئۇنىڭغا ماڭا ئازاب كەلتۈرىدىغان يامان ئەمەللەر توشۇپ كېتىپتۇ.
Faccirooji aarabeeji:
وَلَمۡ أَدۡرِ مَا حِسَابِيَهۡ
كاشكى مەن ھېسابىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسامچۇ!
Faccirooji aarabeeji:
يَٰلَيۡتَهَا كَانَتِ ٱلۡقَاضِيَةَ
كاشكى مېنىڭ ئۆلىمىم مەڭگۈ تىرىلمەيدىغان ئۆلۈم بولسىچۇ!
Faccirooji aarabeeji:
مَآ أَغۡنَىٰ عَنِّي مَالِيَهۡۜ
مال - مۈلكۈم مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى.
Faccirooji aarabeeji:
هَلَكَ عَنِّي سُلۡطَٰنِيَهۡ
ئەمدى مېنىڭ دەلىل - پاكىتىم ھەمدە مەن تايىنىپ كەلگەن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە يۈز - ئابرۇي ھەممىسى يوق بولدى.
Faccirooji aarabeeji:
خُذُوهُ فَغُلُّوهُ
ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ: ئى پەرىشتىلەر! بۇنى تۇتۇپ، بوينىغا تاقاق سېلىڭلار.
Faccirooji aarabeeji:
ثُمَّ ٱلۡجَحِيمَ صَلُّوهُ
ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ھارارىتىنى تېتىشى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلاڭلار.
Faccirooji aarabeeji:
ثُمَّ فِي سِلۡسِلَةٖ ذَرۡعُهَا سَبۡعُونَ ذِرَاعٗا فَٱسۡلُكُوهُ
ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاپ دوزاخقا تاشلاڭلار.
Faccirooji aarabeeji:
إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ ٱلۡعَظِيمِ
(ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى) ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى.
Faccirooji aarabeeji:
وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ
باشقىلارنى كەمبەغەللەرگە تاماق بېرىشكە رىغبەتلەندۈرمەيتتى.
Faccirooji aarabeeji:
فَلَيۡسَ لَهُ ٱلۡيَوۡمَ هَٰهُنَا حَمِيمٞ
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن ئازابنى توسۇپ قالىدىغان دوست يوق.
Faccirooji aarabeeji:
Ina jeyaa e nafoore aayeeje ɗee e ngol hello:
• المِنَّة التي على الوالد مِنَّة على الولد تستوجب الشكر.
ئاتىغا بېرىلگەن نېئمەتنىڭ ئۆزى بالىغا بېرىلگەن نېئمەت بولۇپ، ئۇنىڭغا شۈكرى ئېيتىش زۆرۈر.

• إطعام الفقير والحض عليه من أسباب الوقاية من عذاب النار.
كەمبەغەللەرگە تائام بېرىش ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

• شدة عذاب يوم القيامة تستوجب التوقي منه بالإيمان والعمل الصالح.
قىيامەت كۈنىنىڭ قاتتىق ئازابىدىن ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن ساقلىنىش كېرەك.

 
Firo maanaaji Simoore: Simoore darnga (al-haaqa)
Tippudi cimooje Tonngoode hello ngoo
 
Firo maanaaji al-quraan tedduɗo oo - Eggo e haala Uigur wonande deftere Firo Alkur'aana raɓɓinaango. - Tippudi firooji ɗii

iwde e galle Firo jaŋdeeji Alkur'aana.

Uddude