Check out the new design

Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Sura: Houd   Aya:
وَيَصۡنَعُ ٱلۡفُلۡكَ وَكُلَّمَا مَرَّ عَلَيۡهِ مَلَأٞ مِّن قَوۡمِهِۦ سَخِرُواْ مِنۡهُۚ قَالَ إِن تَسۡخَرُواْ مِنَّا فَإِنَّا نَسۡخَرُ مِنكُمۡ كَمَا تَسۡخَرُونَ
نۇھ پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كېمە ياساشقا كىرىشتى. قەۋمىنىڭ مۆتىۋەر كاتىباشلىرى ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە نە سۇ، نە دەريا يوق يەردە كېمە ياسىغانلىقىدىن ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى. ئۇلار نۇھنى مەسخىرە قىلىۋەرگەچكە نۇھ ئۇلارغا: ھەي خالايىق! سىلەر ھازىر بىزنى كېمە ياسىغانلىقىمىز ئۈچۈن مەسخىرە قىلساڭلار، بىزمۇ چوقۇم سىلەرنى ئاقىۋەتتە ئۆزۈڭلارنىڭ غەرق بوپكېتىشىڭلارنى بىلمىگىنىڭلار ئۈچۈن مەسخىرە قىلىمىز.
Tafsiran larabci:
فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ مَن يَأۡتِيهِ عَذَابٞ يُخۡزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيۡهِ عَذَابٞ مُّقِيمٌ
بۇ دۇنيادا كىمنىڭ بېشىغا خورلىغۇچى ئازاب كېلىدىغانلىقىنى، قىيامەتتىمۇ كىمنىڭ مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر.
Tafsiran larabci:
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَمۡرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ قُلۡنَا ٱحۡمِلۡ فِيهَا مِن كُلّٖ زَوۡجَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَأَهۡلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيۡهِ ٱلۡقَوۡلُ وَمَنۡ ءَامَنَۚ وَمَآ ءَامَنَ مَعَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلٞ
نۇھ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كېمىنى ياساپ پۈتكۈزدى. تۇپان بالاسىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى ھالاك قىلىش بۇيرۇقىمىز كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ نان ياقىدىغان تونۇرلىرىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا بىز نۇھقا: كېمىگە يەر يۈزىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەردىن ئىمان ئېيتمىغانلىقتىن غەرق قىلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەنلىرىدىن باشقىسىنىمۇ ئالغىن، دېدۇق. نۇھ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلغان شۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ قەۋمىدىن پەقەت ئازغىنە كىشىلەرلا ئىمان ئېيتقان ئىدى.
Tafsiran larabci:
۞ وَقَالَ ٱرۡكَبُواْ فِيهَا بِسۡمِ ٱللَّهِ مَجۡر۪ىٰهَا وَمُرۡسَىٰهَآۚ إِنَّ رَبِّي لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ
نۇھ ئائىلىسى ۋە قەۋمى ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلارغا: كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر، دېدى. ئاللاھنىڭ مۇمىنلەرنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزغانلىقىمۇ ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
Tafsiran larabci:
وَهِيَ تَجۡرِي بِهِمۡ فِي مَوۡجٖ كَٱلۡجِبَالِ وَنَادَىٰ نُوحٌ ٱبۡنَهُۥ وَكَانَ فِي مَعۡزِلٖ يَٰبُنَيَّ ٱرۡكَب مَّعَنَا وَلَا تَكُن مَّعَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
كېمە ئۇلارنى تاغدەك چوڭ دولقۇنلار ئىچىدە ئېلىپ مېڭىۋاتاتتى. نۇھ ئاتىلىق تۇيغۇسى بىلەن دادىسى ۋە خەلقىدىن ئايرىم بىر جايدا تۇرغان كاپىر ئوغلىغا: ئوغلۇم! غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلاي دېسەڭ بىز بىلەن بىرگە كېمىگە چىقىۋالغىن، كاپىرلارنىڭ سېپىدە تۇرما. ئۇنداق قىلساڭ سەنمۇ شۇلارغا ئوخشاش غەرق بوپكېتىسەن، دەپ توۋلىدى.
Tafsiran larabci:
قَالَ سَـَٔاوِيٓ إِلَىٰ جَبَلٖ يَعۡصِمُنِي مِنَ ٱلۡمَآءِۚ قَالَ لَا عَاصِمَ ٱلۡيَوۡمَ مِنۡ أَمۡرِ ٱللَّهِ إِلَّا مَن رَّحِمَۚ وَحَالَ بَيۡنَهُمَا ٱلۡمَوۡجُ فَكَانَ مِنَ ٱلۡمُغۡرَقِينَ
نۇھنىڭ ئوغلى ئۇنىڭغا: مەن ئېگىز تاغقا چىقىۋالىمەن، تاغ مېنى سۇ ئېقىتىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ، دېدى. نۇھ ئوغلىغا: بۈگۈن شەپقەتلىك ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە ئېلىشنى خالىغان بەندىسىدىن باشقا ھېچكىم تۇپان بالاسىدىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى پەقەت ئاللاھلا غەرق بوپكېتىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ، دېدى. شۇ ئەسنادا نۇھ بىلەن كاپىر ئوغلىنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن توپاندا غەرق بولغۇچىلاردىن بوپكەتتى.
Tafsiran larabci:
وَقِيلَ يَٰٓأَرۡضُ ٱبۡلَعِي مَآءَكِ وَيَٰسَمَآءُ أَقۡلِعِي وَغِيضَ ٱلۡمَآءُ وَقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ وَٱسۡتَوَتۡ عَلَى ٱلۡجُودِيِّۖ وَقِيلَ بُعۡدٗا لِّلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئاللاھ تۇپان بالاسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زېمىنغا: ئى زېمىن، سۈيۈڭنى يۇتقىن، دېدى. ئاسمانغىمۇ: ئى ئاسمان، ئەمدى توختا، يامغۇر ياغدۇرما، دەپ بۇيرۇق قىلدى. سۇ بىردىنلا كېمىيىپ، يەر يۈزى قۇرىدى، ئاللاھ كاپىرلارنى ھالاك قىلىۋەتتى، كېمە جۇدىي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر ئۇنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن ۋە ھالاك بوپكەتسۇن، دېيىلدى.
Tafsiran larabci:
وَنَادَىٰ نُوحٞ رَّبَّهُۥ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ٱبۡنِي مِنۡ أَهۡلِي وَإِنَّ وَعۡدَكَ ٱلۡحَقُّ وَأَنتَ أَحۡكَمُ ٱلۡحَٰكِمِينَ
نۇھ پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم ھەقىقەتەن مېنىڭ ئائىلەمدىن ئىدى، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ۋەدە قىلغان ئىدىڭ، شەكسىزكى سېنىڭ ۋەدەڭ راستتۇركى، سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن. سەن بولساڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ ئادالەتلىكى ۋە ئەڭ ياخشى بىلگۈچىسەن، دېدى.
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• بيان عادة المشركين في الاستهزاء والسخرية بالأنبياء وأتباعهم.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان ئادىتى بارلىقىنى،

• بيان سُنَّة الله في الناس وهي أن أكثرهم لا يؤمنون.
ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئىچىدە تۇتقان يولىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.

• لا ملجأ من الله إلا إليه، ولا عاصم من أمره إلا هو سبحانه.
پەقەت ئاللاھقىلا ئىلتىجا قىلىشنى، ئۇنىڭ ئازابىدىن شۇنىڭدىن باشقا ساقلاپ قالغۇچى يوقلۇقىنى بايان قىلىدۇ.

 
Fassarar Ma'anoni Sura: Houd
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

Wanda aka buga a Cibiyar Tafsiri da karatuttukan AlƘur'ani.

Rufewa