Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Aya: (114) Sura: Suratu Al'nahl
فَكُلُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ حَلَٰلٗا طَيِّبٗا وَٱشۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ إِيَّاهُ تَعۡبُدُونَ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قېلىپ بەرگەن يەنى يېيىش ھالال قىلىنغان پاكىز يېمەكلىكلەرنى يەڭلار، ئەگەر سىلەر يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قېلىدىغان ۋە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ نېئمەتنى ئاللاھ رازى بولىدىغان يولغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار.
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• الجزاء من جنس العمل؛ فإن أهل القرية لما بطروا النعمة بُدِّلوا بنقيضها، وهو مَحْقُها وسَلْبُها ووقعوا في شدة الجوع بعد الشبع، وفي الخوف والهلع بعد الأمن والاطمئنان، وفي قلة موارد العيش بعد الكفاية.
جازا قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ؛ مەككە ئەھلى نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشتىن باش تارتىپ نېئمەتنى ئۇنىڭ ئەكسىگە ئالماشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن نېئمەت ئۇلاردىن تارتىۋىلىنىشقا ھەقلىق بولدى. ئۇلار كەڭرىچىلىكتىن كېيىن قاتتىق ئاچارچىلىققا، تېنچ-خاتىرجەملىكتىن كېيىن قاتتىق قورقۇنچقا، كۇپايە قىلغۇدەك تۇرمۇشتىن كېيىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.

• وجوب الإيمان بالله وبالرسل، وعبادة الله وحده، وشكره على نعمه وآلائه الكثيرة، وأن العذاب الإلهي لاحقٌ بكل من كفر بالله وعصاه، وجحد نعمة الله عليه.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرۈش، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ چەكسىز نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش قاتارلىقلار ۋاجىبتۇر. ئاللاھنىڭ ئازابى ئاللاھقا كاپىر بولغان، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغان، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغان ھەر بىر كىشىگە بولىدۇ.

• الله تعالى لم يحرم علينا إلا الخبائث تفضلًا منه، وصيانة عن كل مُسْتَقْذَر.
ئاللاھ تائالا بىزگە رەھمەت قىلىپ، نېجىس نەرسىلەردىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلدى.

 
Fassarar Ma'anoni Aya: (114) Sura: Suratu Al'nahl
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Rufewa