Check out the new design

Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Sura: Maryam   Aya:
يَٰيَحۡيَىٰ خُذِ ٱلۡكِتَٰبَ بِقُوَّةٖۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡحُكۡمَ صَبِيّٗا
زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن يەھيا تۇغۇلدى، ئۇ چوڭ بولغاندا يەنى بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنىڭغا: ئى يەھيا! تەۋراتنى تېرىشىپ ياخشى ئۈگەنگىن دېدۇق، ئۇنىڭغا بالىلىق يېشىدىلا ئەقىل، ئىلىم، تېرىشچانلىق ۋە ئىرادە ئاتا قىلدۇق.
Tafsiran larabci:
وَحَنَانٗا مِّن لَّدُنَّا وَزَكَوٰةٗۖ وَكَانَ تَقِيّٗا
بىز مېھرىبانلىقىمىز بىلەن ئۇنى مەرھەمەتلىك قىلدۇق، ئۇنى گۇناھلاردىن پاك قىلدۇق، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن .يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلاردىن بولدى
Tafsiran larabci:
وَبَرَّۢا بِوَٰلِدَيۡهِ وَلَمۡ يَكُن جَبَّارًا عَصِيّٗا
ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ئېھسان قېلىدىغان كۆيۈمچان ئېدى، ئاللاھقا ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلمايتتى. پەرۋەردىگارىغا ۋە .ئاتا-ئانىسىغا ئاسىيلىق قىلمايتتى
Tafsiran larabci:
وَسَلَٰمٌ عَلَيۡهِ يَوۡمَ وُلِدَ وَيَوۡمَ يَمُوتُ وَيَوۡمَ يُبۡعَثُ حَيّٗا
ئۇنىڭغا ئۇ تۇغۇلغان كۈندە، ۋاپات بولغان ۋە ھاياتلىقتىن چېقىدىغان كۈندە ۋە قىيامەتتە ھايات تېرگۈزىلىدىغان كۈندە ئاللاھ تەرىپىدىن تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ. بۇ ئۈچ ئورۇن ئىنسان بېسىپ ئۆتىدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئورۇندۇر. بۇنىڭدىن ئامان بولسا ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرىدە .قورقۇنچ يوقتۇر
Tafsiran larabci:
وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مَرۡيَمَ إِذِ ٱنتَبَذَتۡ مِنۡ أَهۡلِهَا مَكَانٗا شَرۡقِيّٗا
-ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى ئەسلىگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ ئۇلارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر جايدا .يالغۇز تۇردى
Tafsiran larabci:
فَٱتَّخَذَتۡ مِن دُونِهِمۡ حِجَابٗا فَأَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرٗا سَوِيّٗا
ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالىتىنى قەۋمىنىڭ كۆرمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن قەۋمىنىڭ ئارىسىدا بىر پەردە تارتتى، بىز ئۇنىڭغا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى مۇكەممەل بىر كىشىنىڭ شەكلىدە ئەۋەتتۇق، .مەريەم ئۇنىڭ يامانلىق قېلىشىدىن ئەنسىرىدى
Tafsiran larabci:
قَالَتۡ إِنِّيٓ أَعُوذُ بِٱلرَّحۡمَٰنِ مِنكَ إِن كُنتَ تَقِيّٗا
مەريەم ئۆزىگە يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان بېجىرىم بىر ئىنساننى كۆرگەن ۋاقىتتا: ئى ئىنسان! ئەگەر سەن ئاللاھتىن ھەقىقى قورقۇدىغان بولساڭ سېنىڭدىن ماڭا يامانلىق يېتىپ قېلىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ .تېلەيمەن، دېدى
Tafsiran larabci:
قَالَ إِنَّمَآ أَنَا۠ رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَٰمٗا زَكِيّٗا
جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: مەن ئىنسان ئەمەس، ھەقىقەتەن مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا پاك بىر پەرزەنت ئاتا قىلىش ئۈچۈن .ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن دېدى
Tafsiran larabci:
قَالَتۡ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَٰمٞ وَلَمۡ يَمۡسَسۡنِي بَشَرٞ وَلَمۡ أَكُ بَغِيّٗا
مەريەم ھەيران قىلىپ: مېنىڭ قانداق بالام بولىدۇ؟، مەن ياتلىق بولمىغان ۋە پاھىشە قىلىش بىلەن بىرەر ئەر ماڭا يېقىنلاشمىغان تۇرسا .قانداقمۇ بالام بولسۇن، دېدى
Tafsiran larabci:
قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٞۖ وَلِنَجۡعَلَهُۥٓ ءَايَةٗ لِّلنَّاسِ وَرَحۡمَةٗ مِّنَّاۚ وَكَانَ أَمۡرٗا مَّقۡضِيّٗا
جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىش سەن دېگەندەك، ساڭا ھېچقانداق بىر ئەركەك زاتى يېقىنلاشمىدى ۋە سەن پاھىشىمۇ قىلمىدىڭ، لېكىن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مۇنداق دېدى: ئاتىسىز بىر بالىنى پەيدا قىلىش ماڭا ئاساندۇر. ساڭا بېرىلگەن بۇ بالا ئىنسانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەندە قېلىدىغان بىر بەلگە بولىدۇ. بۇ بالا بىزدىن ساڭا ۋە ئىمان ئېيتقانلارغا رەھمەتتۇر. ساڭا تەقدىر قىلىنغان بۇ بالا ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتىۋېتىلگەن دېدى.
Tafsiran larabci:
۞ فَحَمَلَتۡهُ فَٱنتَبَذَتۡ بِهِۦ مَكَانٗا قَصِيّٗا
ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەرىشتە روھنى پۈۋلىگەندىن كېيىن مەريەم .ھامىلدار بولدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىن يىراق بىر جايغا كەتتى
Tafsiran larabci:
فَأَجَآءَهَا ٱلۡمَخَاضُ إِلَىٰ جِذۡعِ ٱلنَّخۡلَةِ قَالَتۡ يَٰلَيۡتَنِي مِتُّ قَبۡلَ هَٰذَا وَكُنتُ نَسۡيٗا مَّنسِيّٗا
ئۇنى قاتتىق تولغاق تۇتتى، ئۇ بىر قۇرۇپ قالغان خورما دەرىخىگە يۆلىنىۋالدى، مەريەم: كاشكى مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسەمچۇ!، ماڭا يامان گۇمان قېلىنغاندىن كۆرە تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەمچۇ كاشكى!، دېدى.
Tafsiran larabci:
فَنَادَىٰهَا مِن تَحۡتِهَآ أَلَّا تَحۡزَنِي قَدۡ جَعَلَ رَبُّكِ تَحۡتَكِ سَرِيّٗا
ئىسا مەريەمنىڭ قەدىمى ئاستىدىن نىدا قېلىپ: قايغۇرمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىىڭ ئېچىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئاستىڭدىن بىر ئېرىق قىلدى، دېدى. (بۇ ئايەتتىكى چاقىرغۇچىنى كۆپچىلىك تەپسىر ئۆلىمالىرى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دېگەن، چۈنكى ئايەتنىڭ سىياقى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ، بەزى ئۆلىمالار چاقىرغۇچىنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ قارىغان. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرى بولسىمۇ لېكىن ئۆلىمالار چاقىرغۇچى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراشنى كۇچلاندۇرغان. چۈنكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارغاندا سۆزلىگەنلىكى قۇرئاندا بايان قىلىنغان، ئەمما تۇغۇلۇپلا سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ رىۋايەت يوق. بۇ تەپسىرنى تۈزگۈچى ئۆلىمالار چاقىرغۇچى ئىسا ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراش بويىچە بايان قىلغان-ت)
Tafsiran larabci:
وَهُزِّيٓ إِلَيۡكِ بِجِذۡعِ ٱلنَّخۡلَةِ تُسَٰقِطۡ عَلَيۡكِ رُطَبٗا جَنِيّٗا
خورما دەرىخىنى چىڭ تۇتۇپ ئېرغىتقىن، شۇ ۋاقىتتىلا ساڭا پىشقان .خورمىلار چۈشىدۇ دېدى
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• الصبر على القيام بالتكاليف الشرعية مطلوب.
تەلەپ قېلىنغان شەرئى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا سەۋىر قىلىش.

• علو منزلة بر الوالدين ومكانتها عند الله، فالله قرنه بشكره.
ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ مەرتىۋېسىنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھ ئاتا-ئانىغا ئېھسان قېلىش بىلەن ئۆزىگە شۈكۈر ئېيتىشنى بىر ئايەتتە بايان قىلدى.

• مع كمال قدرة الله في آياته الباهرة التي أظهرها لمريم، إلا أنه جعلها تعمل بالأسباب ليصلها ثمرة النخلة.
ئاللاھ تائالا مەريەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتىنى ئىپادىلەيدىغان مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنى خورمىنىڭ .مېۋىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سەۋەبلەرنى قېلىشقا بۇيرىدى

 
Fassarar Ma'anoni Sura: Maryam
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

Wanda aka buga a Cibiyar Tafsiri da karatuttukan AlƘur'ani.

Rufewa