Check out the new design

Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Sura: Luqman   Aya:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِيٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى وَأَنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
ئاللاھنىڭ كۈندۈزنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كېچىنى قىسقارتقانلىقىنى، كېچىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كۈندۈزنى قىسقارتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ قۇياش بىلەن ئاينىڭ مېڭىش دائىرىسىنى بېكىتتى. شۇڭا ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا قەدەر ئۆز ئوربىتىلىرىدا مېڭىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
Tafsiran larabci:
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدۡعُونَ مِن دُونِهِ ٱلۡبَٰطِلُ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡكَبِيرُ
ئاشۇ پىلانلاش ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئاللاھنىڭ بىردىنبىر ھەق ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاللاھ زاتىدا، سۈپىتىدە ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە ھەق زاتتۇر. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەر قىلچە ئاساسى يوق ئويدۇرما ئىلاھلاردۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن زاتىدا، ئىدارە قىلىشى ۋە بەلگىلىشىدە پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن ئالىيدۇركى، ھېچكىم ئاللاھتىن ئۈستۈن ئەمەس، ئاللاھ ھەر قانداق نەرسىدىن بۈيۈكتۇر.
Tafsiran larabci:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱلۡفُلۡكَ تَجۡرِي فِي ٱلۡبَحۡرِ بِنِعۡمَتِ ٱللَّهِ لِيُرِيَكُم مِّنۡ ءَايَٰتِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٖ
كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە بويسۇندۇرۇشى بىلەن دېڭىزدا ئۈزىدۇ. -ئى ئىنسانلار!- (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) سىلەرگە ئۆز قۇدرىتى ۋە مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى بۇنىڭدا ئۇچرىغان مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغۇچى ھەم ئېرىشكەن نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلغۇچى ھەر قانداق بەندە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر بار.
Tafsiran larabci:
وَإِذَا غَشِيَهُم مَّوۡجٞ كَٱلظُّلَلِ دَعَوُاْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ فَلَمَّا نَجَّىٰهُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ فَمِنۡهُم مُّقۡتَصِدٞۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا كُلُّ خَتَّارٖ كَفُورٖ
ئۇلارنى تاغدەك ۋە بۇلۇتلاردەك دۇلقۇنلار ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان چاغدا ئۇلار ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىپ، غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نورمالراقلىرى (نېئمەتكە) شۈكۈر قىلىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيىتىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە ئىنكار قىلىدىغانلىرىمۇ بار. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت -مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر ئاللاھ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرسا ئۇنىڭغا شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولىدىغانلىقى ھەققىدە چىن ئەھدە قىلىپ- ئاندىن پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نېئمەتكە شۈكۈر قىلماي، تۇزكورلۇق قىلىدىغان خىيانەتكارلارلا ئىنكار قىلىدۇ.
Tafsiran larabci:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمۡ وَٱخۡشَوۡاْ يَوۡمٗا لَّا يَجۡزِي وَالِدٌ عَن وَلَدِهِۦ وَلَا مَوۡلُودٌ هُوَ جَازٍ عَن وَالِدِهِۦ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِٱللَّهِ ٱلۡغَرُورُ
ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار، ئاتا بالىغا، بالا ئاتىغا قىلچە ئەسقاتمايدىغان كۈننىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى جازا - مۇكاپات بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭا سىلەرنى ھاياتىي دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرى ھەرگىز ئالداپ قويمىسۇن ھەمدە شەيتان ئاللاھنىڭ كۆيۈمچانلىقىنى ۋە سىلەردىن ئازابنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالدىمىسۇن.
Tafsiran larabci:
إِنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ ٱلۡغَيۡثَ وَيَعۡلَمُ مَا فِي ٱلۡأَرۡحَامِۖ وَمَا تَدۡرِي نَفۡسٞ مَّاذَا تَكۡسِبُ غَدٗاۖ وَمَا تَدۡرِي نَفۡسُۢ بِأَيِّ أَرۡضٖ تَمُوتُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرُۢ
شەكسىز قىيامەتنىڭ ئىلمى يالغۇز ئاللاھنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئۆزى بىلىدۇ، يامغۇرنى ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ياغدۇرىدۇ، بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنىڭ قىز - ئوغۇللىقىنى، بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىنىمۇ بىلىدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىدىغانلىقىنى، قەيەردە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەكسىچە ئاللاھ ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى بىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئاشۇلارنىڭ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• نقص الليل والنهار وزيادتهما وتسخير الشمس والقمر: آيات دالة على قدرة الله سبحانه، ونعمٌ تستحق الشكر.
كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى، قۇياش بىلەن ئاينىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەردۇر ھەمدە شۈكۈر قىلىشقا تېگىشلىك نېئمەتلەردۇر.

• الصبر والشكر وسيلتان للاعتبار بآيات الله.
سەۋر قىلىش بىلەن شۈكۈر قىلىش ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• الخوف من القيامة يقي من الاغترار بالدنيا، ومن الخضوع لوساوس الشياطين.
قىيامەتتىن قورقۇش دۇنياغا ئالدىنىپ قېلىشتىن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە بويسۇنۇشتىن ساقلايدۇ.

• إحاطة علم الله بالغيب كله.
ئاللاھ پۈتۈن غەيبىي ئىشلارنى تولۇق بىلىدۇ.

 
Fassarar Ma'anoni Sura: Luqman
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

Wanda aka buga a Cibiyar Tafsiri da karatuttukan AlƘur'ani.

Rufewa