Check out the new design

Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Sura: Al'zumar   Aya:
۞ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن كَذَبَ عَلَى ٱللَّهِ وَكَذَّبَ بِٱلصِّدۡقِ إِذۡ جَآءَهُۥٓۚ أَلَيۡسَ فِي جَهَنَّمَ مَثۡوٗى لِّلۡكَٰفِرِينَ
شېرىك كەلتۈرۈش، خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېيىشتىن ئىبارەت ئاللاھقا نالايىق گەپلەرنى قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق. پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھىينى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە كاپىر بولغۇچىلارغا دوزاختا تۇرىدىغان ئورۇن يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇلارغا دوزاختا تۇرىدىغان ئورۇن بار.
Tafsiran larabci:
وَٱلَّذِي جَآءَ بِٱلصِّدۡقِ وَصَدَّقَ بِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُتَّقُونَ
پەيغەمبەرلەر ۋە باشقىلاردىن گەپ - سۆزلىرىدە ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە راستچىللىقنى ئېلىپ كەلگەن ھەمدە راست سۆزگە ئىشىنىپ تەستىقلىغانلار ۋە شۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلغانلار، ئەنە شۇلار ھەقىقىي تەقۋادارلار بولۇپ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرىدىغان ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرىدىغانلاردۇر.
Tafsiran larabci:
لَهُم مَّا يَشَآءُونَ عِندَ رَبِّهِمۡۚ ذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۈزۈلمەس نازۇنېئمەتلەردىن خالىغىنىچە بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ بولسا ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرى بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
Tafsiran larabci:
لِيُكَفِّرَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ أَسۡوَأَ ٱلَّذِي عَمِلُواْ وَيَجۡزِيَهُمۡ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ ٱلَّذِي كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
(ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بۇنداق كاتتا نېئمەتلەرنى ئاتا قىلىشى) ئۇلار گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلىپ، پەرۋەردىگارى تەرەپكە قايتقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەڭ ئېغىر گۇناھلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىش ھەمدە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ئەڭ تولۇق مۇكاپات بېرىش ئۈچۈندۇر.
Tafsiran larabci:
أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِكَافٍ عَبۡدَهُۥۖ وَيُخَوِّفُونَكَ بِٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦۚ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٖ
ئاللاھ تائالا بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىغا يېتەرلىك ۋە ئۇنى دۈشمىنىدىن قوغدىغۇچى ئەمەسمۇ؟! ئەلۋەتتە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا يېتەرلىكتۇر. ئى پەيغەمبەر! ئۇلار بىلىمسىزلىكى ۋە نادانلىقىدىن سېنى ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقى بىلەن قورقۇتماقچى بولىدۇ. ئاللاھ كىمنى خار قىلىپ، ھىدايەتكە ئېرىشتۈرمەيدىكەن، ئۇنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بولمايدۇ.
Tafsiran larabci:
وَمَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن مُّضِلٍّۗ أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِعَزِيزٖ ذِي ٱنتِقَامٖ
ئاللاھ ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگەن كىشىنى ئازدۇرالايدىغان ھېچبىرى بولمايدۇ. ئاللاھ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب زات ئەمەسمۇ؟ ئۆزىگە كاپىر بولۇپ، ئاسىيلىق قىلغانلاردىن ئىنتىقام ئالغۇچى ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇ ھەممىدىن غالىب، ئىنتىقام ئالغۇچى زاتتۇر.
Tafsiran larabci:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلۡ أَفَرَءَيۡتُم مَّا تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ إِنۡ أَرَادَنِيَ ٱللَّهُ بِضُرٍّ هَلۡ هُنَّ كَٰشِفَٰتُ ضُرِّهِۦٓ أَوۡ أَرَادَنِي بِرَحۡمَةٍ هَلۡ هُنَّ مُمۡسِكَٰتُ رَحۡمَتِهِۦۚ قُلۡ حَسۡبِيَ ٱللَّهُۖ عَلَيۡهِ يَتَوَكَّلُ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر بۇ مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار: ئاللاھ ياراتتى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى نامايان قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلىرىڭلار ھەققىدە ماڭا مەلۇمات بېرىپ بېقىڭلارچۇ؟! ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زەرەر يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ بۇتلىرىڭلار مەندىن ئۇنى يوق قىلالامدۇ؟ ياكى رەببىم ماڭا بىرەر رەھمىتىنى يەتكۈزسە، بۇتلىرىڭلار مەندىن ئۇنىڭ رەھمىتىنى توسۇپ قالالامدۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى، يېگانە ئاللاھ ماڭا يېتەرلىكتۇر. مەن پۈتۈن ئىشلىرىمدا پەقەت ئۇنىڭغىلا تاياندىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ پەقەت ئۇنىڭغىلا تايانسۇن.
Tafsiran larabci:
قُلۡ يَٰقَوۡمِ ٱعۡمَلُواْ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمۡ إِنِّي عَٰمِلٞۖ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي قەۋمىم! سىلەرمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆزۈڭلار رازى بولغان ھالەتتە ئىشلەڭلار، مەنمۇ (ئىنسانلارنى) ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ۋە قۇلچىلىقنى پەقەت ئۇنىڭغىلا قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت رەببىمنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىمەن. سىلەر چوقۇم ھەر بىر يولنى ئاقىۋىتىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر.
Tafsiran larabci:
مَن يَأۡتِيهِ عَذَابٞ يُخۡزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيۡهِ عَذَابٞ مُّقِيمٌ
دۇنيادا كىمنىڭ بېشىغا ئازاب كېلىپ، خارۇزار قىلىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتىمۇ پۈتمەس - تۈگىمەس مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر.
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• عظم خطورة الافتراء على الله ونسبة ما لا يليق به أو بشرعه له سبحانه.
ئاللاھقا يالغاننى توقۇش، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە نالايىق نەرسىلەرنى چاپلاشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر.

• ثبوت حفظ الله للرسول صلى الله عليه وسلم أن يصيبه أعداؤه بسوء.
ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەنلىرىنىڭ بىرەر يامانلىق يەتكۈزۈشىدىن ساقلايدۇ.

• الإقرار بتوحيد الربوبية فقط بغير توحيد الألوهية، لا ينجي صاحبه من عذاب النار.
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنىلا (يەنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنىلا) ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلاھلىقىنى (يەنى ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق زات ئىكەنلىكىنى) ئېتىراپ قىلماسلىق ئۇ ئېتىراپنىڭ ساھىبىنى دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ.

 
Fassarar Ma'anoni Sura: Al'zumar
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

Wanda aka buga a Cibiyar Tafsiri da karatuttukan AlƘur'ani.

Rufewa