Превод на значењата на Благородниот Куран - Превод на ујгурски на Скратениот коментар на Благородниот Куран.

ھىجر

Интенциите на ова поглавје/сура:
توعد المستهزئين بالقرآن، والوعد بحفظه تأييدًا للنبي وتثبيتًا له.
قۇرئان كەرىمنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئازابنى ۋەدە قىلىش ۋە قۇرئان كەرىمنى مۇھاپىزەت قىلىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇستەھكەم قىلىش. info

external-link copy
1 : 15

الٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ وَقُرۡءَانٖ مُّبِينٖ

سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىندى. بۇ شانلىق ئايەتلەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تەۋھىد ۋە شەرىئەتلەرنى بايان قىلىپ .بېرىدىغان روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر info
التفاسير: |

external-link copy
2 : 15

رُّبَمَا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ كَانُواْ مُسۡلِمِينَ

قىيامەت كۈنى كاپىرلارغا قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئاشكارا بولغاندا، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى كۇپىر ئەمەللىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى ئوچۇق نامايەن بولغاندا، ئۇلار كاشكى مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ دەپ .ھەسرەتلىك ئارزۇلارنى قىلىدۇ info
التفاسير: |

external-link copy
3 : 15

ذَرۡهُمۡ يَأۡكُلُواْ وَيَتَمَتَّعُواْ وَيُلۡهِهِمُ ٱلۡأَمَلُۖ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! چارۋىلاردەك يەپ-ئېچىدىغان يالغانچى كاپىرلارنى مەيلىگە قويۇۋەت، يوقالغۇچى دۇنيا لەززەتلىرىدىن مەنپەئەتلەنسۇن. ئۇلار ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى تەرك قىلىپ خام-خىياللار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە زىيان تارتقانلىقتىن دۇنيادا قىلغان قىلمىشىنىڭ .ناچارلىقىنى بىلىدۇ info
التفاسير: |

external-link copy
4 : 15

وَمَآ أَهۡلَكۡنَا مِن قَرۡيَةٍ إِلَّا وَلَهَا كِتَابٞ مَّعۡلُومٞ

بىز زالىملارنىڭ شەھەرلىرىدىن قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئۇ شەھەرنىڭ ھالاك بولىشىنىڭ ۋاقتى .بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بولمايدۇ ۋە كېيىنمۇ قالمايدۇ info
التفاسير: |

external-link copy
5 : 15

مَّا تَسۡبِقُ مِنۡ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ

ئۈممەتلەردىن ھەر قانداق بىر ئۈممەتنىڭ ھالاك بولۇش ۋاقتى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن ئىلگىرى بولمايدۇ ۋە ۋاقتى توشقاندا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، زالمىلار ئاللاھنىڭ ئۇلارنى جازالىماي مۆھلەت .بەرگەنلىكىدىن مەغرۇرلىنىپ قالمىسۇن info
التفاسير: |

external-link copy
6 : 15

وَقَالُواْ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِي نُزِّلَ عَلَيۡهِ ٱلذِّكۡرُ إِنَّكَ لَمَجۡنُونٞ

مەككە ئەھلىدىن بولغان كاپىرلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئىنسان! سەن ئۆزۈڭنىڭ بۇ دەۋايىڭدا ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن ۋە مەجنۇنلارچە ئىش قىلىۋاتىسەن، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
7 : 15

لَّوۡمَا تَأۡتِينَا بِٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ

ئەي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! سەن ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولساڭ، بىزگە ئازاب چۈشىدىغانلىقى راست بولسا، سەن ئۆزۇڭنىڭ راست سۆزلىگەنلىكىڭگە گۇۋاھ قىلغىلى پەرىشتىلەرنى كەلتۈرۈپ باققىن؟. info
التفاسير: |

external-link copy
8 : 15

مَا نُنَزِّلُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَمَا كَانُوٓاْ إِذٗا مُّنظَرِينَ

ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پەرىشتە تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان پىكرىگە رەددىيە بېرىپ: پەرىشتىلەرنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە سىلەرنى ئازاب بىلەن ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلگەندە چۈشۈرىمىز، ئۇلار ئىمان ئېيتمىسا بىز پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كەلسەك ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ، .بەلكى ئازاب دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ info
التفاسير: |

external-link copy
9 : 15

إِنَّا نَحۡنُ نَزَّلۡنَا ٱلذِّكۡرَ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ

ھەقىقەتەن بۇ قۇرئاننى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق، بىز يەنە قۇرئان كەرىمنى كەم-زىيادە بولۇپ قىلىشتىن، ئالماشتۇرۇلۇشتىن ۋە .ئۆزگەرتىلىشتىن چوقۇم قوغدايمىز info
التفاسير: |

external-link copy
10 : 15

وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ فِي شِيَعِ ٱلۡأَوَّلِينَ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئىلگىرىكى كاپىر تائىپىلەرگە ئەۋەتتۇق، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى، سەن ئۈممىتىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشتا پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەسسەن. info
التفاسير: |

external-link copy
11 : 15

وَمَا يَأۡتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

ئىلگىرىكى كاپىر قەۋملەرگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى ئىنكار قىلاتتى ۋە مەسخىرە قىلىشاتتى info
التفاسير: |

external-link copy
12 : 15

كَذَٰلِكَ نَسۡلُكُهُۥ فِي قُلُوبِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ دىللىرىغا يالغانچىلىقنى كىرگۈزگەنگە ئوخشاش مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ دىللىرىغىمۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ۋە گەردەنكەشلىك قېلىشنى كىرگۈزىمىز info
التفاسير: |

external-link copy
13 : 15

لَا يُؤۡمِنُونَ بِهِۦ وَقَدۡ خَلَتۡ سُنَّةُ ٱلۡأَوَّلِينَ

ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارنى ھالاك قىلىشى بۇرۇندىن ئادەت بولغان ئىش، سېنى ئىنكار قىلغۇچى يالغانچىلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك info
التفاسير: |

external-link copy
14 : 15

وَلَوۡ فَتَحۡنَا عَلَيۡهِم بَابٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فَظَلُّواْ فِيهِ يَعۡرُجُونَ

ئاشۇ ھەددىدىن ئاشقۇچى يالغانچى بەدبەختلەرگە ھەتتا روشەن دەلىللەر بىلەن ھەقىقەت ئاشكارا بولسىمۇ، بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئېشىك ئېچىپ بەرسەك ئاسمانغا ئۆرلەپ ئۇ يەردىكى ئالامەتلەرنى كۆرسىمۇ ئوخشاشتۇر. info
التفاسير: |

external-link copy
15 : 15

لَقَالُوٓاْ إِنَّمَا سُكِّرَتۡ أَبۡصَٰرُنَا بَلۡ نَحۡنُ قَوۡمٞ مَّسۡحُورُونَ

ئۇلار ئىشەنمەستىن: چوقۇم بىزنىڭ كۆزىمىز كۆرۈشتىن توسالغان، بەلكى بىزنىڭ كۆرگەنلىرىمىز سېھىرنىڭ تەسىرىدىن بولغان، بىز سېھىرلەنگەن .دەيدۇ info
التفاسير: |
Придобивки од ајетите на оваа страница:
• القرآن الكريم جامع بين صفة الكمال في كل شيء، والوضوح والبيان.
قۇرئان كەرىم ھەممە نەرسىدىكى مۇكەممەل سۈپەتنى ۋە ئوچۇق .باياننى بىرلەشتۈرگەن كىتابتۇر info

• يهتم الكفار عادة بالماديات، فتراهم مُنْغَمِسين في الشهوات والأهواء، مغترين بالأماني الزائفة، منشغلين بالدنيا عن الآخرة.
ئادەتتە كاپىرلار ماددى نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەپسى-شەھۋەت، خاھىشلارغا چۆمۈپ كەتكەن، ئەمەلگە ئاشماس خىياللارغا بېرىلگەن ۋە ئاخىرەتنى تاشلاپ دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى كۆرۈسەن info

• هلاك الأمم مُقَدَّر بتاريخ معين، ومقرر في أجل محدد، لا تأخير فيه ولا تقديم، وإن الله لا يَعْجَلُ لعجلة أحد.
ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك بولىشى مۇئەييەن بىر ۋاقىتقا بېكىتىلگەن، بەلگىلەنگەن مۇددەتكە قارار قېلىنغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بولمايدۇ ۋە كېيىنمۇ قالمايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىرەر كىشىنىڭ ئالدىرىغىنى .ئۈچۈن ئالدىراپ كەتمەيدۇ info

• تكفل الله تعالى بحفظ القرآن الكريم من التغيير والتبديل، والزيادة والنقص، إلى يوم القيامة.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئۆزگەرتىلىش، ئالماشتۇرۇلۇش ۋە كەم-زىيادە بولۇشتىن قىيامەتكە قەدەر ھېمايە قىلىشقا كېپىل بولدى. info

external-link copy
16 : 15

وَلَقَدۡ جَعَلۡنَا فِي ٱلسَّمَآءِ بُرُوجٗا وَزَيَّنَّٰهَا لِلنَّٰظِرِينَ

ھەقىقەتەن بىز ئىنسانلارنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز سەپەرلىرىدىكى قاراڭغۇلۇقتا يول تېپىشى ئۈچۈن ئاسماندا كاتتا يۇلتۇزلارنى قىلدۇق، نەزەر سالغۇچىلار ۋە كۈزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى .ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاسمانلارنى يۇلتۇزلار بىلەن بېزىدۇق info
التفاسير: |

external-link copy
17 : 15

وَحَفِظۡنَٰهَا مِن كُلِّ شَيۡطَٰنٖ رَّجِيمٍ

ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھەر بىر شەيتاندىن ئاسماننى .مۇھاپىزەت قىلدۇق info
التفاسير: |

external-link copy
18 : 15

إِلَّا مَنِ ٱسۡتَرَقَ ٱلسَّمۡعَ فَأَتۡبَعَهُۥ شِهَابٞ مُّبِينٞ

لېكىن ئاسمان خەۋەرلىرىگە ئوغۇرلۇقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتانلارنى نۇرلۇق ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ كۆيدۈرىدۇ. info
التفاسير: |

external-link copy
19 : 15

وَٱلۡأَرۡضَ مَدَدۡنَٰهَا وَأَلۡقَيۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ شَيۡءٖ مَّوۡزُونٖ

ئىنسانلارنىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن زېمىننى يايدۇق، زېمىننىڭ ئىنسانلار بىلەن تەۋرىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى قىلدۇق، زېمىندە ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۆلچەملىك نۇرغۇن .ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق info
التفاسير: |

external-link copy
20 : 15

وَجَعَلۡنَا لَكُمۡ فِيهَا مَعَٰيِشَ وَمَن لَّسۡتُمۡ لَهُۥ بِرَٰزِقِينَ

ئى ئىنسانلار! زېمىندا سىلەر دۇنيادا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، سىلەرگە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى قىلدۇق، سىلەردىن باشقا ئىنسانلار ۋە ھايۋانلاردىن سىلەر رىزىق بېرەلمەيدىغان نەرسىلەر .ئۈچۈنمۇ لازىمەتلىكلىرىنى قىلدۇق info
التفاسير: |

external-link copy
21 : 15

وَإِن مِّن شَيۡءٍ إِلَّا عِندَنَا خَزَآئِنُهُۥ وَمَا نُنَزِّلُهُۥٓ إِلَّا بِقَدَرٖ مَّعۡلُومٖ

ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار مەنپەئەتلىنىدىغان ھەرقانداق بىر نەرسە بولسا، بىز ئۇنى كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك قىلىپ يارىتىشقا قادىرمىز، بىز ئۇنى بىزنىڭ خالىشىمىز ۋە ھېكمىتىمىزنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە مەلۇم .مىقداردا پەيدا قىلىمىز info
التفاسير: |

external-link copy
22 : 15

وَأَرۡسَلۡنَا ٱلرِّيَٰحَ لَوَٰقِحَ فَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَسۡقَيۡنَٰكُمُوهُ وَمَآ أَنتُمۡ لَهُۥ بِخَٰزِنِينَ

بىز بۇلۇتلارنى ھەيدەيدىغان شامالنى ئەۋەتتۇق، شامالنىڭ سەۋەبىدىن ھەيدەلگەن بۇلۇتتىن يامغۇر چۈشۈردۇق، سىلەرنى يامغۇر سۈيىدىن سۇغۇردۇق. ئى ئىنسانلار! بۇ سۇنى سىلەر زېمىندا بۇلاق ۋە قۇدۇقلاردا ساقلىيالمايسىلەر، ھەقىقەتەن بۇنى ئاللاھ ساقلايدۇ. info
التفاسير: |

external-link copy
23 : 15

وَإِنَّا لَنَحۡنُ نُحۡيِۦ وَنُمِيتُ وَنَحۡنُ ٱلۡوَٰرِثُونَ

بىز خالايىقلارنىڭ ھەممىسى يوق بولغاندىن كېيىن تېرىلدۈرىمىز، ئۆلگەندىن كېيىن قەبىردىن قوزغايمىز، ھاياتلارنى ئەجىلى پۈتكەندە ۋاپات تاپتۇرىمىز، بىز مەڭگۈ باقى بولۇپ زېمىن ۋە زېمىندىكى .نەرسىلەرگە ۋارىسلىق قىلىمىز info
التفاسير: |

external-link copy
24 : 15

وَلَقَدۡ عَلِمۡنَا ٱلۡمُسۡتَقۡدِمِينَ مِنكُمۡ وَلَقَدۡ عَلِمۡنَا ٱلۡمُسۡتَـٔۡخِرِينَ

ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ئىلگىرى تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغانلارنى بىلىمىز، سىلەردىن كېيىن تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغانلارنى بىلىمىز، .ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە بىزگە مەخپى قالمايدۇ info
التفاسير: |

external-link copy
25 : 15

وَإِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَحۡشُرُهُمۡۚ إِنَّهُۥ حَكِيمٌ عَلِيمٞ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنىدە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلاش، ناچار ئىش قىلغۇچىلارنى يامانلىق بىلەن جازالاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېغىدۇ، ئاللاھ تەدبىرىدە ھېكمەتلىكتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى ئەمەستۇر. info
التفاسير: |

external-link copy
26 : 15

وَلَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ

ھەقىقەتەن بىز ئادەمنى چەكسە جېرىڭلايدىغان، قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق، ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان بۇ لاي ئۇزۇن تۇرۇش بىلەن .پۇرۇقى ئۆزگىرىدىغان قارا لايدۇر info
التفاسير: |

external-link copy
27 : 15

وَٱلۡجَآنَّ خَلَقۡنَٰهُ مِن قَبۡلُ مِن نَّارِ ٱلسَّمُومِ

ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشتىن ئىلگىرى جىن-شەيتانلارنىڭ ئاتىسى .بولغان جىننى كۈچلۈك ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتۇق info
التفاسير: |

external-link copy
28 : 15

وَإِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي خَٰلِقُۢ بَشَرٗا مِّن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ۋە ئىبلىسقا (ئىبلىسمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىدى) ھەقىقەتەن مەن پۇرىقى ئۆزگىرىدىغان، چەكسە جېرىڭلايدىغان قۇرۇق قارا لايدىن بىر ئىنسان .يارىتىمەن دېدى info
التفاسير: |

external-link copy
29 : 15

فَإِذَا سَوَّيۡتُهُۥ وَنَفَخۡتُ فِيهِ مِن رُّوحِي فَقَعُواْ لَهُۥ سَٰجِدِينَ

مەن ئۇنى ئىنسان شەكلىگە كىرگۈزۈپ، مۇكەممەل ئىنسان قىلغاندىن كېيىن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت سەجدىسى .قىلىڭلار info
التفاسير: |

external-link copy
30 : 15

فَسَجَدَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ كُلُّهُمۡ أَجۡمَعُونَ

پەرىشتىلەر بۇيرۇققا بويسۇندى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارى .بۇيرۇغاندەك ئادەمگە سەجدە قىلدى info
التفاسير: |

external-link copy
31 : 15

إِلَّآ إِبۡلِيسَ أَبَىٰٓ أَن يَكُونَ مَعَ ٱلسَّٰجِدِينَ

لېكىن ئىبلىس پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولغان تۇرۇغلۇق (گەرچە ئۇ پەرىشتىلەر تائىپىسىدىن بولمىسىمۇ)، پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى. info
التفاسير: |
Придобивки од ајетите на оваа страница:
• ينبغي للعبد التأمل والنظر في السماء وزينتها والاستدلال بها على باريها.
بەندە ئاسمانغا ۋە ئاسماننىڭ زىننەتلىرىگە نەزەر سېلىپ ۋە ئويلىنىپ بۇ ئارقىلىق ئۇنى ياراتقۇچىنىڭ قۇدرەتلىك ئاللاھ ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىشى كېرەك. info

• جميع الأرزاق وأصناف الأقدار لا يملكها أحد إلا الله، فخزائنها بيده يعطي من يشاء، ويمنع من يشاء، بحسب حكمته ورحمته.
بارلىق رىزىق ۋە ئۇنىڭ ھەممە تۈرلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشى ئىگە بولالمايدۇ، ئۇنىڭ خەزىنىسى ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھېكمىتى ۋە رەھمىتى بىلەن خالىغانغا بېرىدۇ ۋە خالىغاندىن چەكلەيدۇ. info

• الأرض مخلوقة ممهدة منبسطة تتناسب مع إمكان الحياة البشرية عليها، وهي مثبّتة بالجبال الرواسي؛ لئلا تتحرك بأهلها، وفيها من النباتات المختلفة ذات المقادير المعلومة على وفق الحكمة والمصلحة.
زېمىن ئۇنىڭدا ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ ھايات ئىمكانىيىتىگە مۇناسىپ شەكىلدە يېيىتىلغان ۋە زېمىن ئەھلىنىڭ تەۋرىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار بىلەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇم .ئۆلچەمدىكى تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر بار info

• الأمر للملائكة بالسجود لآدم فيه تكريم للجنس البشري.
پەرىشتىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇشتىكى ھېكەمتتىن، ئاللاھنىڭ ئىنسان ئەۋلادىغا ئىكرام قىلىشى ئىپادىلىنىدۇ. info

external-link copy
32 : 15

قَالَ يَٰٓإِبۡلِيسُ مَا لَكَ أَلَّا تَكُونَ مَعَ ٱلسَّٰجِدِينَ

ئىبلىس ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتقاندىن كېيىن، ئاللاھ ئىبلىسقا: مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇپ ئادەمگە سەجدە قىلغان پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە چەكلەپ قويدى؟دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
33 : 15

قَالَ لَمۡ أَكُن لِّأَسۡجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقۡتَهُۥ مِن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ

ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ: ئۆزگىرىشچان قارا لايدىن شەكىلگە كىرگۈزۈپ، قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق بولمايدۇ دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
34 : 15

قَالَ فَٱخۡرُجۡ مِنۡهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٞ

ئاللاھ ئىبلىسقا: جەننەتتىن چىق، ھەقىقەتەن سەن دەرگاھىمدىن قوغلاندىڭ، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
35 : 15

وَإِنَّ عَلَيۡكَ ٱللَّعۡنَةَ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلدِّينِ

قىيامەت كۈنىگىچە ساڭا مېنىڭ رەھمىتىمدىن قوغلۇنۇش ۋە لەنەتلىنىش بولسۇن. info
التفاسير: |

external-link copy
36 : 15

قَالَ رَبِّ فَأَنظِرۡنِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ

ئىبلىس: ئى پەرۋەردىگارىم! خالايىقلارنى تېرگۈزىدىغان قىيامەت كۈنىگىچە مېنى ۋاپات تاپقۇزمىغىن ۋە ماڭا مۆھلەت بەرگىن، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
37 : 15

قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلۡمُنظَرِينَ

ئاللاھ ئۇنىڭغا: ھەقىقەتەن سەن ئەجىلى كېچىكتۈرۈلۈپ مۆھلەت بېرىلگۈچىلەردىن دېدى info
التفاسير: |

external-link copy
38 : 15

إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡوَقۡتِ ٱلۡمَعۡلُومِ

بىرىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندا خالايىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدىغان ۋاقىتقىچە info
التفاسير: |

external-link copy
39 : 15

قَالَ رَبِّ بِمَآ أَغۡوَيۡتَنِي لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَأُغۡوِيَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ

ئىبلىس: پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ سەۋەبىدىن، زېمىندا ئاسىيلىقنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا يولدىن ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
40 : 15

إِلَّا عِبَادَكَ مِنۡهُمُ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

لېكىن سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن سېنىڭ ئىبادىتىڭ ئۈچۈن تاللانغان بەندىلەرنى ئازدۇرالمايمەن info
التفاسير: |

external-link copy
41 : 15

قَالَ هَٰذَا صِرَٰطٌ عَلَيَّ مُسۡتَقِيمٌ

ئاللاھ: بۇ ماڭا ئۇلاشتۇرىدىغان مۆتىدىل توغرا يولدۇر دېدى info
التفاسير: |

external-link copy
42 : 15

إِنَّ عِبَادِي لَيۡسَ لَكَ عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٌ إِلَّا مَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلۡغَاوِينَ

ھەقىقەتەن مېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمنى ئازدۇرۇشقا سېنىڭ كۈچ-قۇدىرتىڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى ئازدۇرۇشقا كۈچۈڭ يېتىدۇ. info
التفاسير: |

external-link copy
43 : 15

وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمَوۡعِدُهُمۡ أَجۡمَعِينَ

ھەقىقەتەن جەھەننەم ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئازغۇن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر info
التفاسير: |

external-link copy
44 : 15

لَهَا سَبۡعَةُ أَبۡوَٰبٖ لِّكُلِّ بَابٖ مِّنۡهُمۡ جُزۡءٞ مَّقۡسُومٌ

جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، دەۋزەخ ئەھلى ئۇ دەرۋازىلاردىن كېرىدۇ، جەھەننەمنىڭ ھەر بىر دەرۋازىسى شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن مەلۇم كىشىلەرنىڭ كېرىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن. info
التفاسير: |

external-link copy
45 : 15

إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ

پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلار ئاخىرەتتە باغۇ-بوستانلاردىن ۋە ساپ-سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. info
التفاسير: |

external-link copy
46 : 15

ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٍ ءَامِنِينَ

ئۇلار جەننەتكە كېرىدىغان ۋاقىتتا: ئاپەتلەردىن سالامەت ۋە قورقۇنچىلاردىن خاتىرجەم بولۇپ كېرىڭلار دېيىلىدۇ info
التفاسير: |

external-link copy
47 : 15

وَنَزَعۡنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنۡ غِلٍّ إِخۡوَٰنًا عَلَىٰ سُرُرٖ مُّتَقَٰبِلِينَ

ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئۆچمەنلىك، ئاداۋەتنى چېقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرگەن قېرىنداش بولغان ھالەتتا تەختلەرنىڭ .ئۈستىدە بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ info
التفاسير: |

external-link copy
48 : 15

لَا يَمَسُّهُمۡ فِيهَا نَصَبٞ وَمَا هُم مِّنۡهَا بِمُخۡرَجِينَ

ئۇلارغا جەننەتتە ھېرىش-چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن .چېقىرىۋېتىلمەيدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ info
التفاسير: |

external-link copy
49 : 15

۞ نَبِّئۡ عِبَادِيٓ أَنِّيٓ أَنَا ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ بەندىلىرىمگە بىلدۈرگىنكى: مەن ئۇلاردىن .تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن info
التفاسير: |

external-link copy
50 : 15

وَأَنَّ عَذَابِي هُوَ ٱلۡعَذَابُ ٱلۡأَلِيمُ

ئۇلارغا بىلدۈرگىنكى: ھەقىقەتەن مېنىڭ ئازابىم دەرتلىك ئازابتۇر، مېنىڭ ئازابىمدىن ئەمىن بولۇش ۋە مەغپىرىتىمگە نائىل بولۇش ئۈچۈن ماڭا .تەۋبە قىلىڭلار info
التفاسير: |

external-link copy
51 : 15

وَنَبِّئۡهُمۡ عَن ضَيۡفِ إِبۡرَٰهِيمَ

ئۇلارغا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا پەرزەنت بىلەن، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش بىلەن خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئېيتىپ .بەرگىن info
التفاسير: |
Придобивки од ајетите на оваа страница:
• في الآيات دليل على تزاور المتقين واجتماعهم وحسن أدبهم فيما بينهم، في كون كل منهم مقابلًا للآخر لا مستدبرًا له.
ئايەتتە تەقۋادار كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى، يېغىلىشىپ ئۆز-ئارا ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن ھەر بىرى بىر-بىرىگە ئارقىسىنى قىلماستىن قارىشىپ ئولتۇرىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. info

• ينبغي للعبد أن يكون قلبه دائمًا بين الخوف والرجاء، والرغبة والرهبة.
ئىنساننىڭ دىلى دائىم ئەنسىرەش ۋە ئۈمىد قىلىش، يەنى رىغبەتلىنىش-قورقۇش ئارىسىدا بولىشى كېرەك بولىدۇ. info

• سجد الملائكة لآدم كلهم أجمعون سجود تحية وتكريم إلا إبليس رفض وأبى.
پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئىززەت-ئىكرام قىلىپ ھۆرمەت سەجدىسى قىلدى، لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلىشنى رەت قىلىپ .باش تارتتى info

• لا سلطان لإبليس على الذين هداهم الله واجتباهم واصطفاهم في أن يلقيهم في ذنب يمنعهم عفو الله.
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان، توغرا يولغا باشلىغان، رەھمىتىگە تاللىغان كىشىلەرنى ئىبلىس گۇناھقا چۈشۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىش بىلەن گۇناھقا چۈشۈشتىن ساقلاپ قالىدۇ. info

external-link copy
52 : 15

إِذۡ دَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَقَالُواْ سَلَٰمٗا قَالَ إِنَّا مِنكُمۡ وَجِلُونَ

ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭغا سالام بەردى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا چىرايلىقچە ھۆرمەت بىلەن جاۋاپ قايتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن كاۋاپ قىلىنغان موزاينىڭ گۆشىنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ گۆشنى يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: بىز سىلەردىن قورقىۋاتىمىز، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
53 : 15

قَالُواْ لَا تَوۡجَلۡ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَٰمٍ عَلِيمٖ

پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر: قورقمىغىن، بىز سېنى خۇرسەن قىلىدىغان كەلگۈسىدە بىلملىك بولىدىغان بىر ئوغۇل بوۋاق بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
54 : 15

قَالَ أَبَشَّرۡتُمُونِي عَلَىٰٓ أَن مَّسَّنِيَ ٱلۡكِبَرُ فَبِمَ تُبَشِّرُونَ

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ ئۆزىگە پەرزەنت بولۇش بىلەن بەرگەن بىشارىتىدىن ئەجەپلىنىپ: مەن قېرىپ، ئايالىم ياشىنىپ قالغاندا ماڭا پەرزەنت بىلەن خۇشخەۋەر بىرەمسىلەر!؟، ماڭا نېمە يۈزىدىن بۇ بىشارەتنى بىرىسىلەر؟، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
55 : 15

قَالُواْ بَشَّرۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ فَلَا تَكُن مِّنَ ٱلۡقَٰنِطِينَ

پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: شەك-شۈبھىسىز بىز ساڭا خۇشخەۋەر بەردۇق، بىز بىشارەت بەرگەن ئىشتا نائۈمىد بولمىغىن، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
56 : 15

قَالَ وَمَن يَقۡنَطُ مِن رَّحۡمَةِ رَبِّهِۦٓ إِلَّا ٱلضَّآلُّونَ

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەن ئازغۇنلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولىدۇ؟، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
57 : 15

قَالَ فَمَا خَطۡبُكُمۡ أَيُّهَا ٱلۡمُرۡسَلُونَ

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئى ئەلچىلەر! ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
58 : 15

قَالُوٓاْ إِنَّآ أُرۡسِلۡنَآ إِلَىٰ قَوۡمٖ مُّجۡرِمِينَ

پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر: ئاللاھ بىزنى ھەقىقەتەن بۇزۇقچىلىقتا ھەددىدىن، يامانلىقتا چېكىدىن ئاشقان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىشقا ئەۋەتىلدۇق، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
59 : 15

إِلَّآ ءَالَ لُوطٍ إِنَّا لَمُنَجُّوهُمۡ أَجۡمَعِينَ

پەقەت لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە مۆئمىنلەردىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھالاكەت ئۇلارنى ئۆز .ئىچىگە ئالمايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىمىز info
التفاسير: |

external-link copy
60 : 15

إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ قَدَّرۡنَآ إِنَّهَا لَمِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ

پەقەت لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنى ئازاب ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلار بىلەن بىرگە قېلىشىنى ھۆكۈم قىلدۇق info
التفاسير: |

external-link copy
61 : 15

فَلَمَّا جَآءَ ءَالَ لُوطٍ ٱلۡمُرۡسَلُونَ

لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن پەرىشتىلەر ئەرلەرنىڭ شەكلىدە كەلگەن ئىدى. info
التفاسير: |

external-link copy
62 : 15

قَالَ إِنَّكُمۡ قَوۡمٞ مُّنكَرُونَ

لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەر مەن تونۇمايدىغان كىشىلەرغۇ؟، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
63 : 15

قَالُواْ بَلۡ جِئۡنَٰكَ بِمَا كَانُواْ فِيهِ يَمۡتَرُونَ

پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا: قورقمىغىن، ئى لۇت!بىز سېنىڭ يېنىڭغا قەۋمىڭ شەك قىلغان ھالاك قىلغۇچى ئازابنى ئىلىپ كەلدۇق، دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
64 : 15

وَأَتَيۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ

بىز چاقچاق ئەمەس ھەقىقەتەنى ئىلىپ كەلدۇق، بىز ساڭا بەرگەن .خەۋىرىمىزدە ئەلۋەتتە راستچىلمىز info
التفاسير: |

external-link copy
65 : 15

فَأَسۡرِ بِأَهۡلِكَ بِقِطۡعٖ مِّنَ ٱلَّيۡلِ وَٱتَّبِعۡ أَدۡبَٰرَهُمۡ وَلَا يَلۡتَفِتۡ مِنكُمۡ أَحَدٞ وَٱمۡضُواْ حَيۡثُ تُؤۡمَرُونَ

كېچىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئائىلەڭنى ئېلىپ يولغا چىققىن، سەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىن، سىلەردىن ھېچ بىر كىشى قەۋمىگە چۈشكەن ئازابقا قاراش ئۈچۈن كەينىگە قارىمىسۇن.ئاللاھ سىلەرنى بۇيرىغان جايغا بارغىچە ئالدىڭلارغا قاراپ داۋام قىلىڭلار. info
التفاسير: |

external-link copy
66 : 15

وَقَضَيۡنَآ إِلَيۡهِ ذَٰلِكَ ٱلۡأَمۡرَ أَنَّ دَابِرَ هَٰٓؤُلَآءِ مَقۡطُوعٞ مُّصۡبِحِينَ

ۋەھيى ئارقىلىق لۇت ئەلەيھىسسالامغا سۈبھى ۋاقتى بولغاندا ئاشۇ قەۋمنىڭ ئاخىرىنى ھالاك قىلىش بىلەن يىلتىزىنىڭ قۇرىتىلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانلىقىمىزنى بىلدۇردۇق. info
التفاسير: |

external-link copy
67 : 15

وَجَآءَ أَهۡلُ ٱلۡمَدِينَةِ يَسۡتَبۡشِرُونَ

سەدۇم ئەھلى يەنى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ناچار ئىش قىلىش ئۈچۈن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگىنىدىن خۇرسەن بولۇپ كەتتى. info
التفاسير: |

external-link copy
68 : 15

قَالَ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ ضَيۡفِي فَلَا تَفۡضَحُونِ

لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ھەقىقەتەن بۇلار مېنىڭ مېھمانلىرىم، ئۇلارغا ناچارلىق قىلىپ مېنى رەسۋا قىلماڭلار دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
69 : 15

وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُخۡزُونِ

ناچار ئىشنى تەرك قىلىش بىلەن ئاللاھدىن قورقۇڭلار، پاسكىنا .قىلىقلىرىڭلار بىلەن مېنى خارلىماڭلار info
التفاسير: |

external-link copy
70 : 15

قَالُوٓاْ أَوَلَمۡ نَنۡهَكَ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ

لۇت ئەلەيھىسسالامغا قەۋمى: بىز سېنى كەلگەن كىشىلەردىن بىرىنى .مېھمان قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟دېدى info
التفاسير: |
Придобивки од ајетите на оваа страница:
• تعليم أدب الضيف بالتحية والسلام حين القدوم على الآخرين.
مېھماندارچىلىق ئەدەپلىرىنى تەلىم بېرىش، باشقىلارنىڭ يېنىغا مېھمان بولۇپ كەلگەندە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سالام بېرىش info

• من أنعم الله عليه بالهداية والعلم العظيم لا سبيل له إلى القنوط من رحمة الله.
ئاللاھ تائالا ھىدايەت ۋە ئىلمى بەسىيرەت ئاتا قىلغان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلىنىشىگە ھېچ يول يوقتۇر. info

• نهى الله تعالى لوطًا وأتباعه عن الالتفات أثناء نزول العذاب بقوم لوط حتى لا تأخذهم الشفقة عليهم.
ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئازاب چۈشىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇلارغا ئازاب يېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى كەينىگە قاراشتىن چەكلىدى. info

• تصميم قوم لوط على ارتكاب الفاحشة مع هؤلاء الضيوف دليل على طمس فطرتهم، وشدة فحشهم.
لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئاشۇ مېھمانلار بىلەن ناچار ئىش قىلىشقا چىڭ تۇرىۋېلىشى ئۇلاردا ئىنسانلىق تەبىئىتىنىڭ يوقالغانلىقى ۋە ناچار-پاسكىنا ئىشلارنى قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. info

external-link copy
71 : 15

قَالَ هَٰٓؤُلَآءِ بَنَاتِيٓ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ

لۇت ئەلەيھىسسالام مېھمانلىرى ئالدىدا ئۆزۈر ئېيتىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارمۇ بۇنىڭ قاتارىدىن، ئەگەر سىلەر شەھۋىتىڭلارنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلساڭلار ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار دېدى. info
التفاسير: |

external-link copy
72 : 15

لَعَمۡرُكَ إِنَّهُمۡ لَفِي سَكۡرَتِهِمۡ يَعۡمَهُونَ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى: ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىنىڭ شەيتانىي شەھۋىتىنىڭ ئاسارىتىدە تېڭىرقاپ يۈرىشىدۇ. info
التفاسير: |

external-link copy
73 : 15

فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ مُشۡرِقِينَ

كۈن چىقىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇلارغا ھالاك قىلغۇچى دەھشەتلىك چۇقان .يۈزلەندى info
التفاسير: |

external-link copy
74 : 15

فَجَعَلۡنَا عَٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِمۡ حِجَارَةٗ مِّن سِجِّيلٍ

بىز ئۇلارنىڭ شەھرىنىڭ ئۈستىنى ئاستىغا ئۆرىۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن قاتۇرۇلغان تاشلارنى ياغدۇردۇق. info
التفاسير: |

external-link copy
75 : 15

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡمُتَوَسِّمِينَ

ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە چۈشكەن ھالاكەتلىك ئازابتا، تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. info
التفاسير: |

external-link copy
76 : 15

وَإِنَّهَا لَبِسَبِيلٖ مُّقِيمٍ

لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى ياشىغان شەھەر يول ئۈستىدە بولۇپ، ئۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلار ئۇ شەھەرنى كۆرۈپ ئۆتىدۇ. info
التفاسير: |

external-link copy
77 : 15

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ

.ئاشۇ ھادىسىدە مۆئمىنلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەت ئالىدىغان ئىشلار بار info
التفاسير: |

external-link copy
78 : 15

وَإِن كَانَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡأَيۡكَةِ لَظَٰلِمِينَ

ھەقىقەتەن قويۇق بوستانلىق بولغان شەھەر ئاھالىسى بولغان شۈئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر شۈئەيب ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن .ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئىدى info
التفاسير: |

external-link copy
79 : 15

فَٱنتَقَمۡنَا مِنۡهُمۡ وَإِنَّهُمَا لَبِإِمَامٖ مُّبِينٖ

ئۇلاردىن ئىنتىقام ئىلىش بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ يۇرتى ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ .تۇرالغۇلىرى ئۆتكەن يولۇچىلارغا ئوچۇق بولغان يول ئۈستىدىدۇر info
التفاسير: |

external-link copy
80 : 15

وَلَقَدۡ كَذَّبَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡحِجۡرِ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

ھەقىقەتەن سەمۇد قەۋمى يەنى ئۇلار ھىجاز بىلەن شام ئارىسىدىكى ھىجىر ئاھالىسى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى. info
التفاسير: |

external-link copy
81 : 15

وَءَاتَيۡنَٰهُمۡ ءَايَٰتِنَا فَكَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ

بىز پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ھۆججەتلەرنى بەردۇق، ئۇ تۆگىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار بۇ مۆجىزىدىن ئىبرەت ئالمىدى ۋە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. info
التفاسير: |

external-link copy
82 : 15

وَكَانُواْ يَنۡحِتُونَ مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتًا ءَامِنِينَ

ئۇلار تاغلارنى تېشىپ ئازابتىن خاتىرجەم ياشاش ئۈچۈن ئۆيلەرنى .ياسايدۇ info
التفاسير: |

external-link copy
83 : 15

فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّيۡحَةُ مُصۡبِحِينَ

كۈن چېقىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى قاتتىق چوقانلىق ئازاب تۇتتى. info
التفاسير: |

external-link copy
84 : 15

فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

ئۇلارنىڭ كەسىپ قىلىپ تاپقان ماللىرى ۋە ياسىغان ئۆيلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى. info
التفاسير: |

external-link copy
85 : 15

وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۗ وَإِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَأٓتِيَةٞۖ فَٱصۡفَحِ ٱلصَّفۡحَ ٱلۡجَمِيلَ

بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھېكمەتسىز ياكى بىكارغا ياراتمىدۇق، ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى ھەق ۋە ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولىشى قەتئىدۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن يۈز ئۆرىگىن ۋە ئۇلارنى .چېرايلىقچە ئەپۇ قىلغىن info
التفاسير: |

external-link copy
86 : 15

إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلۡخَلَّٰقُ ٱلۡعَلِيمُ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير: |

external-link copy
87 : 15

وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَٰكَ سَبۡعٗا مِّنَ ٱلۡمَثَانِي وَٱلۡقُرۡءَانَ ٱلۡعَظِيمَ

ھەقىقەتەن ساڭا كاتتا قۇرئاندىن ئىبارەت بولغان يەتتە ئايەتلىك پاتىھە .سۈرىسىنى بەردۇق info
التفاسير: |

external-link copy
88 : 15

لَا تَمُدَّنَّ عَيۡنَيۡكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّنۡهُمۡ وَلَا تَحۡزَنۡ عَلَيۡهِمۡ وَٱخۡفِضۡ جَنَاحَكَ لِلۡمُؤۡمِنِينَ

بىزنىڭ بەزى كاپىرلارنى بەھرىمان قىلغان يوقالغۇچى دۇنيا مەنپەئەتىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشىغا قايغۇرمىغىن، مۆئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن. info
التفاسير: |

external-link copy
89 : 15

وَقُلۡ إِنِّيٓ أَنَا ٱلنَّذِيرُ ٱلۡمُبِينُ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن، دېگىن. info
التفاسير: |

external-link copy
90 : 15

كَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَى ٱلۡمُقۡتَسِمِينَ

ئاللاھنىڭ كىتابىنى پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىگە كۇپۇر قىلغان) نازىل قىلىنغان ئازابنىڭ ئوخشىشى سىلەرگىمۇ يېتىپ قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن. info
التفاسير: |
Придобивки од ајетите на оваа страница:
• أن الله تعالى إذا أراد أن يهلك قرية ازداد شرهم وطغيانهم، فإذا انتهى أوقع بهم من العقوبات ما يستحقونه.
ھەقىقەتەن ئاللاھ بىرەر شەھەرنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىشنى خالىسا، ئۇلارنىڭ ناچارلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىشىنى زىيادە قىلىدۇ، چىكىگە .يەتكەندە ئۇلارغا ھەقلىق بولغان ئازابنى چۈشۈرىدۇ info

• كراهة دخول مواطن العذاب، ومثلها دخول مقابر الكفار، فإن دخل الإنسان إلى تلك المواضع والمقابر فعليه الإسراع.
ئازاب چۈشكەن ئورۇنلارغا كېرىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك كاپىرلارنىڭ قەبرىستانلىقىغىمۇ كېرىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، ئىنسان مۇشۇنداق ئورۇن ۋە قەبرىستانلىقلارغا كېرىپ قالغاندا تىزدىن چېقىپ كېتىشى كېرەك بولىدۇ. info

• ينبغي للمؤمن ألا ينظر إلى زخارف الدنيا وزهرتها، وأن ينظر إلى ما عند الله من العطاء.
مۇئمىن دۇنيانىڭ ئەرزىمەس زىبۇ-زىننىتىگە قارىماستىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تەييار قىلىنغان چەكسىز نىئمەتلىرىگە قارىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. info

• على المؤمن أن يكون بعيدًا من المشركين، ولا يحزن إن لم يؤمنوا، قريبًا من المؤمنين، متواضعًا لهم، محبًّا لهم ولو كانوا فقراء.
مۆئمىنلار مۇشرىكلاردىن يىراق تۇرىشى، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا قايغۇرماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا، كەمتەرلىك بىلەن مۆئمىنلەر كەمبەغەل بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا يېقىنچىلىق كۆرسىتىپ ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى لازىم. info

external-link copy
91 : 15

ٱلَّذِينَ جَعَلُواْ ٱلۡقُرۡءَانَ عِضِينَ

قۇرئاننى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن كىشىلەر قۇرئاننى سېھىر ياكى جىنكەشلىك ياكى شىئېر دېدى info
التفاسير: |

external-link copy
92 : 15

فَوَرَبِّكَ لَنَسۡـَٔلَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، قىيامەت كۈنىدە قۇرئانى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بارلىق كىشىلەرنى .چوقۇم سوراق قىلىمىز info
التفاسير: |

external-link copy
93 : 15

عَمَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان كۇپىر ۋە ئاسىيلىق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىدىن چوقۇم سوراق قىلىمىز. info
التفاسير: |

external-link copy
94 : 15

فَٱصۡدَعۡ بِمَا تُؤۡمَرُ وَأَعۡرِضۡ عَنِ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى بۇيرىغان دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىشىنى ئوچۇق ئېلان قىلغىن، مۇشرىكلارنىڭ دېگەن .سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرىغا پەرۋا قىلمىغىن info
التفاسير: |

external-link copy
95 : 15

إِنَّا كَفَيۡنَٰكَ ٱلۡمُسۡتَهۡزِءِينَ

ئۇلاردىن قورقمىغىن، ھەقىقەتەن قۇرەيىش كاپىرلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا سەن ئۈچۈن بىز كۇپايە قىلىمىز. info
التفاسير: |

external-link copy
96 : 15

ٱلَّذِينَ يَجۡعَلُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ

ئاللاھ بىلەن باشقا مەبۇدلارنى شېرىك قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىلغان .شېرىكتىن ئىبارەت ناچار ئىشىنىڭ ئاقىۋېتىنى يېقىندا بېلىدۇ info
التفاسير: |

external-link copy
97 : 15

وَلَقَدۡ نَعۡلَمُ أَنَّكَ يَضِيقُ صَدۡرُكَ بِمَا يَقُولُونَ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشى ۋە مەسخىرە قىلىشىدىن سېنىڭ قەلبىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. info
التفاسير: |

external-link copy
98 : 15

فَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ وَكُن مِّنَ ٱلسَّٰجِدِينَ

ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق بولمايدىغان سۈپەتلەردىن پاكلاش بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغىن، ئاللاھنى كامالى سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيىلىگىن. ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن بولغىن، ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن، بۇ سېنىڭ قەلبىڭنىڭ سېقىلىشىنىڭ ئىلاجىدۇر info
التفاسير: |

external-link copy
99 : 15

وَٱعۡبُدۡ رَبَّكَ حَتَّىٰ يَأۡتِيَكَ ٱلۡيَقِينُ

پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، سەن ھايات بولغان مۇددەتتە ھەتتا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر شۇ ھالەتنى داۋاملاشتۇرغىن. info
التفاسير: |
Придобивки од ајетите на оваа страница:
• عناية الله ورعايته بصَوْن النبي صلى الله عليه وسلم وحمايته من أذى المشركين.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ھىمايە قىلىنىشى بولسا، ئۇ زات ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ساقلىشى ۋە ئىنايىتىدۇر. info

• التسبيح والتحميد والصلاة علاج الهموم والأحزان، وطريق الخروج من الأزمات والمآزق والكروب.
ئاللاھنى پاكلاش، مەدھىيلەش ۋە ناماز قاتارلىقلار غەم-قايغۇنىڭ ۋە .قاتتىقچىلىق، قېيىنچىلىق ۋە كىرزىسلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىلاجىدۇر info

• المسلم مطالب على سبيل الفرضية بالعبادة التي هي الصلاة على الدوام حتى يأتيه الموت، ما لم يغلب الغشيان أو فقد الذاكرة على عقله.
مۇسۇلماندىن نامازدىن ئىبارەت پەرز قىلىنغان ئىبادەتلەرنى ھۈشىدىن كەتمىگەن ۋە ئەقلىنى يوقاتمىغان ھالەتتە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر .داۋاملاشتۇرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ info

• سمى الله الوحي روحًا؛ لأنه تحيا به النفوس.
ئاللاھ تائالا ۋەھيىنى رۇھ دەپ ئاتىدى چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئىنسان .ياشنايدۇ info

• مَلَّكَنا الله تعالى الأنعام والدواب وذَلَّلها لنا، وأباح لنا تسخيرها والانتفاع بها؛ رحمة منه تعالى بنا.
ئاللاھ بىزنى چارۋىلار ۋە ھايۋانلارغا ئىگە قىلدى، بىزگە رەھمەت قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە مەنپەئەتلىنىشىمىز ئۈچۈن شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى. info