Check out the new design

ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫ * - ߘߟߊߡߌߘߊ ߟߎ߫ ߦߌ߬ߘߊ߬ߥߟߊ


ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌ߬ߘߊ߬ߟߌ ߝߐߘߊ ߘߏ߫: ߡߊߙߌߦߡߊ߫   ߟߝߊߙߌ ߘߏ߫:
وَأَنذِرۡهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡحَسۡرَةِ إِذۡ قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ وَهُمۡ فِي غَفۡلَةٖ وَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسانلارنى ھەسرەت-نادامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈندە يامان ئىش قىلغۇچى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلسا، ياخشى ئىش قىلغۇچى تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەتلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بەندىلەرنىڭ نام-ئەمەل سەھىپىسى يېپىلغان ۋە ھېسابلىرى تاماملانغان، ھەر بىر ئىنسان ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىگە يۈزلەنگەن بولىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ياشاۋاتقان ھاياتتىن مەغرۇرلانغان، ئاخىرەتنى ئۇنۇتقان ئېدى، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيتتى.
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
إِنَّا نَحۡنُ نَرِثُ ٱلۡأَرۡضَ وَمَنۡ عَلَيۡهَا وَإِلَيۡنَا يُرۡجَعُونَ
بىز خالايىق يوق بولغاندىن كېيىنمۇ زېمىنغا ۋارىسلىق قېلىمىز، زېمىندىكىلەر يوق بولۇپ بىز قالغاندىن كېيىن زېمىندىكى نەرسىلەرگە يەنىلا بىز ئىگە بولىمىز، خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىمىز، ھېساب ۋە جازا .ئۈچۈن قىيامەت كۈنى .يالغۇز بىزنىڭ تەرىپىمىزگە قايتىدۇ
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ إِبۡرَٰهِيمَۚ إِنَّهُۥ كَانَ صِدِّيقٗا نَّبِيًّا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن بەك راستچىل، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن .بىر پەيغەمبەر ئېدى
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ يَٰٓأَبَتِ لِمَ تَعۡبُدُ مَا لَا يَسۡمَعُ وَلَا يُبۡصِرُ وَلَا يُغۡنِي عَنكَ شَيۡـٔٗا
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم دادىسى ئازەرگە: ئى دادا! سەن نېمە ئۈچۈن ئاللاھنى قويۇپ، چاقىرساڭ ئاڭلىمايدىغان، ئىبادەت قىلساڭ كۆرمەيدىغان ۋە سەندىن زىياننى يوق قىلالمايدىغان، پايدا كەلتۈرەلمەيدىغان بۇتقا ئىبادەت قىلىسەن؟ دېدى.
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
يَٰٓأَبَتِ إِنِّي قَدۡ جَآءَنِي مِنَ ٱلۡعِلۡمِ مَا لَمۡ يَأۡتِكَ فَٱتَّبِعۡنِيٓ أَهۡدِكَ صِرَٰطٗا سَوِيّٗا
ئى دادا! ھەقىقەتەن ماڭا ۋەھيى ئارقىلىق سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر .نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن مەن سېنى توغرا يولغا باشلايمەن
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
يَٰٓأَبَتِ لَا تَعۡبُدِ ٱلشَّيۡطَٰنَۖ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ كَانَ لِلرَّحۡمَٰنِ عَصِيّٗا
ئى دادا! سەن شەيتانغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇنمىغىن، ھەقىقەتەن شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت سەجدىسى قىلىشقا بۇيرۇلغاندا ئۇنىڭغا سەجدە قىلماستىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا .ئاسىيلىق قىلدى
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
يَٰٓأَبَتِ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يَمَسَّكَ عَذَابٞ مِّنَ ٱلرَّحۡمَٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيۡطَٰنِ وَلِيّٗا
ئى دادا! ئەگەر سەن كاپىر ھالىتىڭدە ئۆلۈپ كەتسەڭ ساڭا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابى يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن، سېنىڭ شەيتانغا دوست بولغانلىقىڭ سەۋەبىدىن ئازابتا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قىلىشىڭدىن قورقىمەن.
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
قَالَ أَرَاغِبٌ أَنتَ عَنۡ ءَالِهَتِي يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُۖ لَئِن لَّمۡ تَنتَهِ لَأَرۡجُمَنَّكَۖ وَٱهۡجُرۡنِي مَلِيّٗا
ئازەر ئوغلى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرىمەكچىمۇ؟، ئەگەر سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمنى سۆكۈشتىن توختىمىساڭ سېنى تاش بىلەن ئۇرىمەن. سەن ئۇزاق ۋاقىت مەندىن يىراق تۇرۇپ ماڭا سۆز قىلمىغىن، مەن بىلەن بىرگە تۇرمىغىن دېدى.
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
قَالَ سَلَٰمٌ عَلَيۡكَۖ سَأَسۡتَغۡفِرُ لَكَ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ كَانَ بِي حَفِيّٗا
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دادىسىغا: مەندىن ساڭا ئامانلىق بولسۇن، مەندىن ساڭا سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىش يەتمەيدۇ، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت ۋە ھىدايەت تىلەيمەن، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم ماڭا بەك مېھرىباندۇر.
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
وَأَعۡتَزِلُكُمۡ وَمَا تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَأَدۡعُواْ رَبِّي عَسَىٰٓ أَلَّآ أَكُونَ بِدُعَآءِ رَبِّي شَقِيّٗا
سىلەردىن ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن يىراق بولىمەن، يالغۇز پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قېلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن. مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش بىلەن بەختسىز بولۇپ .قالماسلىقىمنى ئۈمىت قىلىمەن
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
فَلَمَّا ٱعۡتَزَلَهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۖ وَكُلّٗا جَعَلۡنَا نَبِيّٗا
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان نەرسىلىرىنى تەرك قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئەھلىنى يوقۇتۇپ قويغىنىنىڭ بەدىلىگە ئوغلى ئىسھاقنى ۋە نەۋرىسى يەئقۇبنى ئاتا .قىلدۇق، بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىنى ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن قىلدى
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
وَوَهَبۡنَا لَهُم مِّن رَّحۡمَتِنَا وَجَعَلۡنَا لَهُمۡ لِسَانَ صِدۡقٍ عَلِيّٗا
ئۇلارغا بىز رەھمىتىمىز بىلەن بىرگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، ئۇلار .ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ تىلىدا داۋاملىشىدىغان گۈزەل مەدھىيلەرنى .قىلدۇق
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مُوسَىٰٓۚ إِنَّهُۥ كَانَ مُخۡلَصٗا وَكَانَ رَسُولٗا نَّبِيّٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن. ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھ .تەرىپىدىن تاللانغان ئەلچى ۋە پەيغەمبەردۇر
ߊߙߊߓߎߞߊ߲ߡߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߟߎ߬:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• لما كان اعتزال إبراهيم لقومه مشتركًا فيه مع سارة، ناسب أن يذكر هبتهما المشتركة وحفيدهما، ثم جاء ذكر إسماعيل مستقلًّا مع أن الله وهبه إياه قبل إسحاق.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قەۋمىدىن ئايرىلغاندا سارە ھەمرا بولغان بولۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئاللاھنىڭ ئۇ ئىككەيلەنگە ئاتا قىلغان ئوغلى ۋە نەۋرىسىنى زىكىر قىلىش مۇناسىپ بولدى. ئاندىن ئاللاھنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاقتىن بۇرۇن ئاتا قىلغان ئىسمائىل .ئەلەيھىسسالامنى ئايرىم زىكىر قىلدى

• التأدب واللطف والرفق في محاورة الوالدين واختيار أفضل الأسماء في مناداتهما.
ئاتا-ئانا بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئەدەب بىلەن، كۆيۈمچانلىق ۋە مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۇلارنى ئەڭ چىرايلىق ئىسىم بىلەن چاقىرىش لازىم.

• المعاصي تمنع العبد من رحمة الله، وتغلق عليه أبوابها، كما أن الطاعة أكبر الأسباب لنيل رحمته.
گۇناھ-مەئسىيەت بەندىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن چەكلەيدۇ، رەھمەت ئېشىكلىرىنى تاقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى بولغانغا ئوخشاشتۇر.

• وعد الله كل محسن أن ينشر له ثناءً صادقًا بحسب إحسانه، وإبراهيم عليه السلام وذريته من أئمة المحسنين.
ئاللاھنىڭ بارلىق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا قىلغان ۋەدىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بويىچە ئۇلارنىڭ ياخشى نامىنى تارىتىشتۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ياخشى ئىىش قىلغۇچىلارنىڭ پېشىۋاسىدۇر.

 
ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌ߬ߘߊ߬ߟߌ ߝߐߘߊ ߘߏ߫: ߡߊߙߌߦߡߊ߫
ߝߐߘߊ ߟߎ߫ ߦߌ߬ߘߊ߬ߥߟߊ ߞߐߜߍ ߝߙߍߕߍ
 
ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫ - ߘߟߊߡߌߘߊ ߟߎ߫ ߦߌ߬ߘߊ߬ߥߟߊ

ߡߍ߲ ߝߘߊߣߍ߲߫ ߞߎ߬ߙߊ߬ߣߊ ߞߘߐߦߌߘߊ ߕߌߙߌ߲ߠߌ߲ ߝߊ߲ߓߊ ߟߊ߫

ߘߊߕߎ߲߯ߠߌ߲