Check out the new design

Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - Muhtasar Kur'an-ı Kerim Tefsiri Uygurca Tercümesi * - Mealler fihristi


Anlam tercümesi Sure: Sûretu Ğâfir   Ayet:
رَبَّنَا وَأَدۡخِلۡهُمۡ جَنَّٰتِ عَدۡنٍ ٱلَّتِي وَعَدتَّهُمۡ وَمَن صَلَحَ مِنۡ ءَابَآئِهِمۡ وَأَزۡوَٰجِهِمۡ وَذُرِّيَّٰتِهِمۡۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
پەرىشتىلەر ئېيتىدۇ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مۇئمىنلەرنى ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتلەرگە كىرگۈزگىن. ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى، ئاياللىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ئەمىلى ياخشى بولغانلارنىمۇ شۇلار بىلەن بىرگە كىرگۈزگىن. سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېچكىم سېنى يېڭەلمەيدۇ. تەقدىرىڭ ۋە پىلانلىشىڭدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىسەن.
Arapça tefsirler:
وَقِهِمُ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ وَمَن تَقِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ يَوۡمَئِذٖ فَقَدۡ رَحِمۡتَهُۥۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، ئۇلارنى يامان ئىشلار سەۋەبلىك ئازابقا دۇچار قىلمىغىن. سەن قىيامەت كۈنى كىمنى يامان ئەمەللىرىگە قارىتا جازالىنىشتىن ساقلاپ قالساڭ، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن. بۇ ھېچقانداق ئۇتۇق تەڭ كەلمەيدىغان بۈيۈك غەلىبىدۇر.
Arapça tefsirler:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُنَادَوۡنَ لَمَقۡتُ ٱللَّهِ أَكۡبَرُ مِن مَّقۡتِكُمۡ أَنفُسَكُمۡ إِذۡ تُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلۡإِيمَٰنِ فَتَكۡفُرُونَ
شۈبھىسىزكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىپ، ئۆزلىرىگە غەزەپلەنگەن ۋە غەزىپىنى ئاشكارىلىغان چاغدا ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ بىر - بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىنمۇ كۈچلۈكتۇر. ئەينى چاغدا دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىلغىنىڭلاردا ئۇنىڭغا كاپىر بولۇپ، باشقا ئىلاھلارنى (مەبۇد) قىلىۋالغان ئىدىڭلار، دەپ نىدا قىلىنىدۇ.
Arapça tefsirler:
قَالُواْ رَبَّنَآ أَمَتَّنَا ٱثۡنَتَيۡنِ وَأَحۡيَيۡتَنَا ٱثۡنَتَيۡنِ فَٱعۡتَرَفۡنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلۡ إِلَىٰ خُرُوجٖ مِّن سَبِيلٖ
كاپىرلار ئىقرارى ۋە تەۋبىسى ئەسقاتمايدىغان چاغدا گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈردۈڭ، چۈنكى بىز ئەسلى يوق ئىدۇق، بىزنى بار قىلدىڭ، ئاندىن بىزنى ئۆلتۈردۈڭ. بىزنى يوقتىن بار قىلىش ۋە قايتا تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق ئىككى قېتىم ھاياتلىق بەردىڭ. بىز قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق. شۇڭا بىز ھاياتلىققا قايتىپ، ئەمەللىرىمىزنى ياخشىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن دوزاختىن چىقىشقا پۇرسەت بارمۇ؟ ئۇ چاغدا سەنمۇ بىزدىن رازى بولۇپ قالاتتىڭ، دەيدۇ.
Arapça tefsirler:
ذَٰلِكُم بِأَنَّهُۥٓ إِذَا دُعِيَ ٱللَّهُ وَحۡدَهُۥ كَفَرۡتُمۡ وَإِن يُشۡرَكۡ بِهِۦ تُؤۡمِنُواْۚ فَٱلۡحُكۡمُ لِلَّهِ ٱلۡعَلِيِّ ٱلۡكَبِيرِ
سىلەر دۇچار بولغان بۇ ئازاب شۇ سەۋەبتىندۇركى، يالغۇز ئاللاھقا چاقىرىق قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ھېچ كىمنى شېرىك قىلماسلىققا دەۋەت قىلىنغىنىڭلاردا سىلەر ئۇنىڭغا كاپىر بولۇپ، شېرىكلەرنى قىلدىڭلار. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلگىنىدە ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلار. ئەمدى ھۆكۈم يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ زاتىدا، بېكتىشىدە ۋە باشقۇرۇشىدا ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ئۇ ھەممىدىن بۈيۈك بولۇپ، ھەر نەرسە ئۇنىڭدىن تۆۋەندۇر.
Arapça tefsirler:
هُوَ ٱلَّذِي يُرِيكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ وَيُنَزِّلُ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ رِزۡقٗاۚ وَمَا يَتَذَكَّرُ إِلَّا مَن يُنِيبُ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەتراپى ئالەمدە ۋە ئۆزۈڭلاردا ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. سىلەر رىزىقلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، زىرائەتلەر ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ (ئۈنۈپ چىقىشىغا) سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن پەقەت سەمىمىيلىك بىلەن ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقان كىشىلەرلا پەند - نەسىھەت ئالىدۇ.
Arapça tefsirler:
فَٱدۡعُواْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡكَٰفِرُونَ
ئى مۇئمىنلەر! گەرچە كاپىرلار ياقتۇرمىغان ۋە ئۆچ كۆرگەن تەقدىردىمۇ تائەت - ئىبادەتتە ۋە دۇئادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەستىن، ئىخلاس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار.
Arapça tefsirler:
رَفِيعُ ٱلدَّرَجَٰتِ ذُو ٱلۡعَرۡشِ يُلۡقِي ٱلرُّوحَ مِنۡ أَمۡرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ لِيُنذِرَ يَوۡمَ ٱلتَّلَاقِ
ئاللاھ خالىس دۇئا قىلىنىشقا ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق زاتتۇر. ئۇ مەرتىۋىسى ئەڭ يۈكسەك زاتتۇركى، پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن پەرقلىقتۇر. ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇ بەندىلىرىنىڭ تىرىك ياشاپ، باشقىلارنىڭ (قەلبلىرىنىمۇ) تىرىلدۈرۈشى ئۈچۈن، ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان قىيامەت كۈنىدىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە ۋەھىي نازىل قىلىدۇ.
Arapça tefsirler:
يَوۡمَ هُم بَٰرِزُونَۖ لَا يَخۡفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِنۡهُمۡ شَيۡءٞۚ لِّمَنِ ٱلۡمُلۡكُ ٱلۡيَوۡمَۖ لِلَّهِ ٱلۡوَٰحِدِ ٱلۡقَهَّارِ
ئۇ كۈندە ئۇلار بىر تۈزلەڭلىككە توپلىنىدىغان بولۇپ، ھەممىسى ئوپئوچۇق كۆرۈنىدۇ، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى، ئەمەللىرى ۋە جازا - مۇكاپاتلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. (ئۇ كۈندە) ئاللاھ: بۈگۈن پادىشاھلىق كىمنىڭ ئىلكىدە؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ چاغدا پەقەت بىرلا جاۋاب چىقىدۇ. يەنى پادىشاھلىق زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە يەككە - يېگانە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى بويسۇندۇرغان ۋە ھەر نەرسە ئۇنىڭغا باش ئەگكەن قۇدرەتلىك زاتتۇر.
Arapça tefsirler:
Bu sayfadaki ayetlerin faydaları:
• مَحَلُّ قبول التوبة الحياة الدنيا.
تەۋبە قوبۇل بولىدىغان جاي مۇشۇ دۇنيادۇر.

• نفع الموعظة خاص بالمنيبين إلى ربهم.
ۋەز - نەسىھەت پەقەت پەرۋەردىگارىغا تەۋبە قىلغۇچىلارغا ئەسقاتىدۇ.

• استقامة المؤمن لا تؤثر فيها مواقف الكفار الرافضة لدينه.
مۇئمىننىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلارنىڭ پوزىتسىيەلىرى تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

• خضوع الجبابرة والظلمة من الملوك لله يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى زالىم، زوراۋان پادىشاھلارمۇ ئاللاھقا بويسۇنىدۇ.

 
Anlam tercümesi Sure: Sûretu Ğâfir
Surelerin fihristi Sayfa numarası
 
Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - Muhtasar Kur'an-ı Kerim Tefsiri Uygurca Tercümesi - Mealler fihristi

Kur'an Araştırmaları Tefsir Merkezi Tarafından Yayınlanmıştır.

Kapat