Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Mealler fihristi


Anlam tercümesi Ayet: (132) Sure: Sûratu'l-En'âm
وَلِكُلّٖ دَرَجَٰتٞ مِّمَّا عَمِلُواْۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَٰفِلٍ عَمَّا يَعۡمَلُونَ
ھەر كىمنىڭ ئەمىلىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، يەنى يامانلىقى كۆپ ئادەم بىلەن ئاز ئادەم، ئەگەشكۈچى بىلەن ئەگەشتۈرگۈچى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداقلا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ مۇكاپاتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرنىڭ قىلمىشىدىن بىخەۋەر ئەمەس، بەلكى خەۋەرداردۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە بەندىلەرگە ئەمەللىرىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
Arapça tefsirler:
Bu sayfadaki ayetlerin faydaları:
• تفاوت مراتب الخلق في أعمال المعاصي والطاعات يوجب تفاوت مراتبهم في درجات العقاب والثواب.
مەخلۇقاتلارنىڭ گۇناھ -مەئسىيەت ۋە تائەت-ئىبادەتتىكى مەرتىۋىلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى ئۇلارنىڭ جازا-مۇكاپاتتىكى دەرىجىلىرىنىڭمۇ پەرقلىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

• اتباع الشيطان موجب لانحراف الفطرة حتى تصل لاستحسان القبيح مثل قتل الأولاد ومساواة أصنامهم بالله سبحانه وتعالى.
شەيتانغا ئەگىشىش تەبىئىي پىترەتنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە بۇ ئەھۋال بالىلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە بۇتلارنى ئاللاھ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا ئوخشاش قەبىھ ئىشلارنى ياخشى ھېسابلايدىغان دەرىجىگە ئېلىپ بارىدۇ.

 
Anlam tercümesi Ayet: (132) Sure: Sûratu'l-En'âm
Surelerin fihristi Sayfa numarası
 
Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Mealler fihristi

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Kapat