Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Mealler fihristi


Anlam tercümesi Sure: Sûretu'ş-Şerh   Ayet:

سۈرە شەرھ

Surenin hedefleri:
المنة على النبي صلى الله عليه وسلم بتمام النعم المعنوية عليه.
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مەنەۋىي نېمەتنى تامام قىلىپ بېرىش بىلەن مېھرى-شەپقەت قىلىشى.

أَلَمۡ نَشۡرَحۡ لَكَ صَدۡرَكَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆكسۈڭنى ئېچىپ، ساڭا ۋەھىينى قوبۇل قىلىشنى سۆيۈملۈك قىلدى.
Arapça tefsirler:
وَوَضَعۡنَا عَنكَ وِزۡرَكَ
سېنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈم قىلدۇق، جاھىلىيەت كۈنلىرىڭدىكى ئېغىرچىلىقلىرىڭنى چۈشۈرىۋەتتۇق.
Arapça tefsirler:
Bu sayfadaki ayetlerin faydaları:
• منزلة النبي صلى الله عليه وسلم عند ربه لا تدانيها منزلة.
بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسىگە ھېچبىر مەرتىۋىنىڭ تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• شكر النعم حقّ لله على عبده.
نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلىش ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر.

• وجوب الرحمة بالمستضعفين واللين لهم.
ئاجىزلارغا شەپقەتلىك بولۇش ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىش ۋاجىبتۇر.

ٱلَّذِيٓ أَنقَضَ ظَهۡرَكَ
ئۇ سېنىڭ بېلىڭنى سۇندۇرۇۋېتەي دەپ قالغان يۈك ئىدى.
Arapça tefsirler:
وَرَفَعۡنَا لَكَ ذِكۡرَكَ
شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەزاندا، تەكبىردە ۋە باشقا ئىبادەتلەردە نامىڭ ياد ئېتىلىدىغان بولدى.
Arapça tefsirler:
فَإِنَّ مَعَ ٱلۡعُسۡرِ يُسۡرًا
ھەر بىر مۈشكۈل ۋە تارچىلىق بىلەن چوقۇم بىر ئاسانلىق ۋە كەڭرىچىلىك بار.
Arapça tefsirler:
إِنَّ مَعَ ٱلۡعُسۡرِ يُسۡرٗا
ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىق ۋە تارچىلىق بىلەن چوقۇم يەنە بىر ئاسانچىلىق ۋە كەڭرىچىلىك بار. سەن بۇنى بىلگىنىڭدە قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرى سېنى قورقۇتالمايدۇ ھەمدە سېنى ئاللاھقا چاقىرىشتىن توسالمايدۇ.
Arapça tefsirler:
فَإِذَا فَرَغۡتَ فَٱنصَبۡ
ئىشلىرىڭنى تۈگىتىپ، بىكار بولغان چېغڭدا پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن.
Arapça tefsirler:
وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَٱرۡغَب
رىغبىتىڭ ۋە نىيىتىڭنى يالغۇز ئاللاھقىلا قاراتقىن.
Arapça tefsirler:
Bu sayfadaki ayetlerin faydaları:
• رضا الله هو المقصد الأسمى.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نام-شۆھرىتىنى ئۈستۈن قېلىش بىلەن ئىكرام قىلىشى.

• أهمية القراءة والكتابة في الإسلام.
ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئەڭ يۈكسەك غايىدۇر.

• خطر الغنى إذا جرّ إلى الكبر والبُعد عن الحق.
ئىسلامدا ئوقۇش ۋە يېزىش ئىنتايىن مۇھىم ئىشتۇر.

• النهي عن المعروف صفة من صفات الكفر.
كۆرەڭلەش ۋە ھەقتىن يىراقلىشىشقا ئېلىپ بارىدىغان بايلىق خەتەرلىكتۇر.

• إكرام الله تعالى نبيه صلى الله عليه وسلم بأن رفع له ذكره.
ياخشى ئىشتىن چەكلەش كاپىرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر.

 
Anlam tercümesi Sure: Sûretu'ş-Şerh
Surelerin fihristi Sayfa numarası
 
Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Mealler fihristi

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Kapat