Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ھۇد   ئايەت:
فَلَمَّا جَآءَ أَمۡرُنَا جَعَلۡنَا عَٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهَا حِجَارَةٗ مِّن سِجِّيلٖ مَّنضُودٖ
لۇت قەۋمىنى ھالاك قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىمىز كەلگەندە ئۇلارنىڭ كەنتىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، دۈم كۆمتۈرۈۋەتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئارقىمۇئارقا ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَۖ وَمَا هِيَ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ بِبَعِيدٖ
بۇ تاشلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئالاھىدە بەلگە سېلىنغان بولۇپ، بۇ تاشلار قۇرەيش كاپىرلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا زالىملارغىمۇ يىراق ئەمەس، ئەكسىچە يېقىندۇر. ئاللاھ ئۇلارغىمۇ بۇ تاشلارنى قاچان چۈشۈرۈشنى تەقدىر قىلسا شۇ ھامانلا چۈشىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ وَإِلَىٰ مَدۡيَنَ أَخَاهُمۡ شُعَيۡبٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ وَلَا تَنقُصُواْ ٱلۡمِكۡيَالَ وَٱلۡمِيزَانَۖ إِنِّيٓ أَرَىٰكُم بِخَيۡرٖ وَإِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٖ مُّحِيطٖ
بىز مەديەن ئاھالىسىگە قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. شۇئەيب ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! يەككە - يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق مەبۇد يوق. باشقىلارغا كەمچىلەپ ۋە تارتىپ بەرگىنىڭلاردا جىڭ، تارازىنى كەم قىلماڭلار. شەكسىزكى مەن سىلەرنىڭ باي- باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭا گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاراڭلاردىكى ھېچكىم ئايرىلىپ قالمايدىغان كۈننىڭ ئازابى كېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، ئۇ كۈندە سىلەر ئازابتىن قېچىپ، مۆكۈۋالىدىغان ھېچقانداق جاي تاپالمايسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَيَٰقَوۡمِ أَوۡفُواْ ٱلۡمِكۡيَالَ وَٱلۡمِيزَانَ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَلَا تَبۡخَسُواْ ٱلنَّاسَ أَشۡيَآءَهُمۡ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ
ئەي قەۋمىم! ئەگەر باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرمەكچى بولساڭلار، ئۆلچەم ۋە تارازىنى ئادىللىق بىلەن تولۇق قىلىڭلار، ئۆلچەم ۋە تارازىنى كەم قىلىش، ئالداش ۋە ساختىپەزلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقلىرىدىن ھېچ نەرسىنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە قاتىللىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَقِيَّتُ ٱللَّهِ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَۚ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيۡكُم بِحَفِيظٖ
باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادىللىق بىلەن بەرگىنىڭلاردىن كېيىن ئاللاھنىڭ سىلەرگە قالدۇرغان ھالال رىزىق (ئۆلچەم ۋە تارازىدا) كەم بېرىپ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئېشىنچا نەرسىدىن كۆپ مەنپەئەتلىك ۋە بەرىكەتلىكراقتۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي مۇئمىن بولساڭلار مۇشۇ قالدۇققا رازى بولۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىرمۇبىر ساناپ، ھېسابلاپ تۇرىدىغان نازارەتچى ئەمەس. پەقەت بۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان زات مەخپىينى، ھەتتا پىچىرلاشقاننىمۇ بىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالُواْ يَٰشُعَيۡبُ أَصَلَوٰتُكَ تَأۡمُرُكَ أَن نَّتۡرُكَ مَا يَعۡبُدُ ءَابَآؤُنَآ أَوۡ أَن نَّفۡعَلَ فِيٓ أَمۡوَٰلِنَا مَا نَشَٰٓؤُاْۖ إِنَّكَ لَأَنتَ ٱلۡحَلِيمُ ٱلرَّشِيدُ
شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي شۇئەيب! سېنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئوقۇغان نامىزىڭ سېنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاشقا، ماللىرىمىزنى خالىغانچە ئىشلىتىپ، خالىغانچە كۆپەيتىشنى تاشلىشىمىزغا بۇيرۇمدۇ؟ شۈبھىسىزكى سەن تولىمۇ كۆڭلى- كۆكسى كەڭ، ئەقىللىق ئادەمكەنسەن. ئەمەلىيەتتە سەن بىزمۇ بىلگىنىمىزدەك، مۇشۇ چاقىرىقنى قىلىشتىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئەقىللىق، يىراقنى كۆرەر بىرى ئىدىڭ، ساڭا زادى نېمە بولدى؟ دېيىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ يَٰقَوۡمِ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّي وَرَزَقَنِي مِنۡهُ رِزۡقًا حَسَنٗاۚ وَمَآ أُرِيدُ أَنۡ أُخَالِفَكُمۡ إِلَىٰ مَآ أَنۡهَىٰكُمۡ عَنۡهُۚ إِنۡ أُرِيدُ إِلَّا ٱلۡإِصۡلَٰحَ مَا ٱسۡتَطَعۡتُۚ وَمَا تَوۡفِيقِيٓ إِلَّا بِٱللَّهِۚ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُ وَإِلَيۡهِ أُنِيبُ
شۇئەيب قەۋمىگە مۇنداق دېدى: ئەي قەۋمىم! قېنى دەپ بېقىڭلار، مەن پەرۋەردىگارىمدىن كەلگەن روشەن دەلىل - پاكىت ئۈستىدە تۇرسام، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھالال رىزىق ۋە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغان تۇرسا، (مەن يەنە شۇنداق نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىم؟). مەن سىلەرنى بىر ئىشتىن توسۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزۈم ھەرگىز قىلمايمەن. مېنىڭ مەقسىتىم پەقەت قولۇمدىن كېلىشىچە پەرۋەردىگارىڭلارنى بىر دەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىش ئارقىلىق سىلەرنى ئىسلاھ قىلىشتۇر. مېنىڭ بۇنى قىلالىشىم پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ. مەن بارچە ئىشلىرىمىدا پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاخىرى ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من سنن الله إهلاك الظالمين بأشد العقوبات وأفظعها.
يۇقىرىقى ئايەتلەر زالىملارنى ئەڭ ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىش ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى،

• حرمة نقص الكيل والوزن وبخس الناس حقوقهم.
ئۆلچەم ۋە تارازىدا باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى كەم بېرىشنىڭ ھاراملىقىنى،

• وجوب الرضا بالحلال وإن قل.
گەرچە ئاز بولسىمۇ ھالالغا رازى بولۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى،

• فضل الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، ووجوب العمل بما يأمر الله به، والانتهاء عما ينهى عنه.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ پەزىلىتىنى، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ھۇد
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش