Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ئىخلاس   ئايەت:

ئىخلاس

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
تفرد الله بالألوهية والكمال وتنزهه عن الولد والوالد والنظير.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىلاھلىق ۋە مۇكەممەللىكتە يەككە-يىگانە ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ بالىدىن، ئاتىدىن ۋە ئوخشىشى بولۇشتىن پاك بولغانلىقىنىڭ بايانى .

قُلۡ هُوَ ٱللَّهُ أَحَدٌ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئىلاھلىقتا يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱللَّهُ ٱلصَّمَدُ
ئاللاھ تائالا ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، مۇكەممەللىك ۋە گۈزەللىك سۈپەتلىرىدىكى ئۇلۇغلۇقتا تەڭداشسىزدۇر. پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئۇنىڭغا موھتاجدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَمۡ يَلِدۡ وَلَمۡ يُولَدۡ
ئۇ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، ئۇنى بىرەرسى تۇغقانمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ نە بالىسى، نە ئاتىسى يوقتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ كُفُوًا أَحَدُۢ
مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ ئوخشىشىمۇ يوقتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• إثبات صفات الكمال لله، ونفي صفات النقص عنه.
بۇ ئايەتلەر مۇكەممەللىك سۈپەتلىرىنىڭ ئاللاھقا خاس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن بارچە كەمچىل سۈپەتلەرنى يوققا چىقىرىشنى ئىپادىلەيدۇ.

• ثبوت السحر، ووسيلة العلاج منه.
سېھىرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

• علاج الوسوسة يكون بذكر الله والتعوذ من الشيطان.
ۋەسۋەسىنىڭ چارىسى ئاللاھنى ياد ئېتىش ۋە شەيتاندىن پاناھلىق تىلەش بىلەن بولىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ئىخلاس
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش