قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (60) سۈرە: سۈرە نەھل
لِلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ مَثَلُ ٱلسَّوۡءِۖ وَلِلَّهِ ٱلۡمَثَلُ ٱلۡأَعۡلَىٰۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كاپىرلار ئۈچۈن ئوغۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇش، نادانلىق ۋە كۇپىردىن ئىبارەت يامان سۈپەتلەر بار، ئاللاھ ئۈچۈن كاتتىلىق، كامالەت، بىھاجەتلىك ۋە ئىلىم قاتارلىق ماختالغۇچى سۈپەتلەر بار. ئاللاھ غالىب بولۇپ، ھېچ بىراۋ ئۇنى مەغلۇپ قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتلىرىغا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. يولغا قويغان .ھۆكۈملىرىدە، بەلگىلىمىلىرىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من جهالات المشركين: نسبة البنات إلى الله تعالى، ونسبة البنين لأنفسهم، وأَنفَتُهم من البنات، وتغيّر وجوههم حزنًا وغمَّا بالبنت، واستخفاء الواحد منهم وتغيبه عن مواجهة القوم من شدّة الحزن وسوء الخزي والعار والحياء الذي يلحقه بسبب البنت.
مۇشرىكلارنىڭ نادان-جاھىللىقىدىن: ئۇلار قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ، قىزلارنى رەت قېلىدۇ، ئۇلارغا قىز تۇغۇلغانلىق توغرىسىدا خەۋەر بېرىلسە، غەم-قايغۇدىن چېرايلىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى قىز پەرزەنت سەۋەبىدىن كېلىدىغان ھايا، ئار-نۇمۇس، خارلىق ۋە قاتتىق قايغۇرۇشتىن قەۋمىگە يۈزلىنىشتىن قورقۇپ يوشۇرۇنىۋالىدۇ.

• من سنن الله إمهال الكفار وعدم معاجلتهم بالعقوبة ليترك الفرصة لهم للإيمان والتوبة.
ئاللاھنىڭ پرىنسىپىدىن: كاپىرلارغا مۆھلەت بېرىش، ئۇلارنى ئازابلاشقا ئالدىرىماسلىق، ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىشتىن ئىبارەتتۇر

• مهمة النبي صلى الله عليه وسلم الكبرى هي تبيان ما جاء في القرآن، وبيان ما اختلف فيه أهل الملل والأهواء من الدين والأحكام، فتقوم الحجة عليهم ببيانه.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇھىم ۋەزىپىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەھلى كىتاب ۋە ئۆز نەپسىگە ئەگىشىدىغان كىشىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆججەت تۇرغۇزىلىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (60) سۈرە: سۈرە نەھل
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

تاقاش