Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (95) سۈرە: نەھل
وَلَا تَشۡتَرُواْ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ ثَمَنٗا قَلِيلًاۚ إِنَّمَا عِندَ ٱللَّهِ هُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
سىلەر ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى ۋاپا قىلىشنى تەرك قىلىپ ئەھدىنى بۇزۇشقا ئاساسەن ئەرزىمەس نەرسىگە ئالماشتۇرىۋەتمەڭلار، ئەگەر بىلىسەڭلار ئەھدىنى بۇزۇش بەدىلىگە ئېرىشكەن ئازراق نەرسەڭلاردىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى دۇنيادا غەلبە-غەنىمەت، ئاخىرەتتە دائىملىق نېمەت قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ياخشىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• العمل الصالح المقرون بالإيمان يجعل الحياة طيبة.
ئىمان بىلەن سالىھ ئەمەل بىرلەشكەندە ياخشى ھايات بەرپا بولىدۇ.

• الطريق إلى السلامة من شر الشيطان هو الالتجاء إلى الله، والاستعاذة به من شره.
شەيتاننىڭ شەررىدىن سالامەت بولىدىغان يول، ئاللاھقا ئىلتىجا قېلىش ۋە ئاللاھتىن شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەشتۇر

• على المؤمنين أن يجعلوا القرآن إمامهم، فيتربوا بعلومه، ويتخلقوا بأخلاقه، ويستضيئوا بنوره، فبذلك تستقيم أمورهم الدينية والدنيوية.
مۆئمىنلەر قۇرئاننى ھايات دەستۇرى قىلىپ، ئۇنىڭ مېتۇدلىرى بىلەن تەربىيىلىنىشى، ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرىشى، ئۇنىڭ نۇرىدىن يورۇقلۇق ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرى مۇستەقىم بولىدۇ

• نسخ الأحكام واقع في القرآن زمن الوحي لحكمة، وهي مراعاة المصالح والحوادث، وتبدل الأحوال البشرية.
ۋەھيى نازىل بولىۋاتقان دەۋرىدە قۇرئاندىكى بەزى ھۆكۈملەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بۈيۈك ھېكمەت ئۈچۈندۇر، ئۇ مەنپەئەت ۋە ھادىسىلەرگە رىئايە قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈندۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (95) سۈرە: نەھل
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش