Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: مەريەم   ئايەت:
وَنَٰدَيۡنَٰهُ مِن جَانِبِ ٱلطُّورِ ٱلۡأَيۡمَنِ وَقَرَّبۡنَٰهُ نَجِيّٗا
بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇرغان ئورنىنىڭ يان تەرىپىدىكى تاغنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز سۆزىنى ئاللاھقا ئاڭلىتىشى .ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردۇق
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَوَهَبۡنَا لَهُۥ مِن رَّحۡمَتِنَآ أَخَاهُ هَٰرُونَ نَبِيّٗا
بىز ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىپ ۋە نېمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىدىن سورىغان ۋاقتىدىكى دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ إِسۡمَٰعِيلَۚ إِنَّهُۥ كَانَ صَادِقَ ٱلۡوَعۡدِ وَكَانَ رَسُولٗا نَّبِيّٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلغىن، ئۇ راستچىل ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ئەلچى ۋە پەيغەمبەر ئېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَكَانَ يَأۡمُرُ أَهۡلَهُۥ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ وَكَانَ عِندَ رَبِّهِۦ مَرۡضِيّٗا
ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا ۋە زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، ئۇ .پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ إِدۡرِيسَۚ إِنَّهُۥ كَانَ صِدِّيقٗا نَّبِيّٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن بەك راستچىل، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىر پەيغەمبەر ئېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَرَفَعۡنَٰهُ مَكَانًا عَلِيًّا
بىز ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىش بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق، ئۇنىڭ مەرتىۋېسى ئالى بولدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مِّنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مِن ذُرِّيَّةِ ءَادَمَ وَمِمَّنۡ حَمَلۡنَا مَعَ نُوحٖ وَمِن ذُرِّيَّةِ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡرَٰٓءِيلَ وَمِمَّنۡ هَدَيۡنَا وَٱجۡتَبَيۡنَآۚ إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُ ٱلرَّحۡمَٰنِ خَرُّواْۤ سُجَّدٗاۤ وَبُكِيّٗا۩
بۇ سۈرىدە زېكىر قېلىنغان زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئاشۇ كىشىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كېمىگە چېققان كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنى ئىسلامغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. ئۇلارنى تاللاپ پەيغەمبەرلەردىن قىلدۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلىغاندا ۋە تىلاۋەت قىلغاندا ئاللاھدىن قورقۇپ يېغلاپ سەجدە قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ فَخَلَفَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ خَلۡفٌ أَضَاعُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَٱتَّبَعُواْ ٱلشَّهَوَٰتِۖ فَسَوۡفَ يَلۡقَوۡنَ غَيًّا
ئاشۇ تاللانغان پەيغەمبەرلەردىن كېيىن كەلگەن كىشىلەر يامانلىق ۋە ئازغۇنلۇققا ئەگەشتى، نامازنى تولۇق ئادا قىلماي زايە قېلىۋەتتى، كۆڭلى خاھىشى بويىچە زىنا-پاھىشە قاتارلىق گۇناھ-مەسىيەت سادىر .قىلدى، ئۇلار جەھەننەمدە ئەڭ ناچار ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ وَلَا يُظۡلَمُونَ شَيۡـٔٗا
پەقەت ئۆزىنىڭ كەمچىللىكى ۋە سەل قارىغانلىقىغا تەۋبە قېلىدۇ، ئاللاھقا ئىشىنپ ياخشى ئەمەل قېلىدۇ، مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان .ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن ئازراقمۇ بىر نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
جَنَّٰتِ عَدۡنٍ ٱلَّتِي وَعَدَ ٱلرَّحۡمَٰنُ عِبَادَهُۥ بِٱلۡغَيۡبِۚ إِنَّهُۥ كَانَ وَعۡدُهُۥ مَأۡتِيّٗا
ئاللاھ ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە كىرگۈزۈشنى، دائىم تۇرغۇزۇشنى ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەن بوستانلىق ئاللاھ ۋەدە قىلغان جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتتى. جەننەتتىن ئىبارەت بۇ نېئمەت چوقۇم بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى .ھەقتۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَّا يَسۡمَعُونَ فِيهَا لَغۡوًا إِلَّا سَلَٰمٗاۖ وَلَهُمۡ رِزۡقُهُمۡ فِيهَا بُكۡرَةٗ وَعَشِيّٗا
ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ناچار سۆز ئاڭلىمايدۇ، بەلكى بەزىلەرنىڭ بەزىلىرىگە قېلىشقان ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا قېلغان سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلارغا ئەتتىگەن-ئاخشامدا كۆڭلى تارتقان يېمەكلىكلەر .كېلىپ تۇرىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
تِلۡكَ ٱلۡجَنَّةُ ٱلَّتِي نُورِثُ مِنۡ عِبَادِنَا مَن كَانَ تَقِيّٗا
يۇقىرىقى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن بۇ جەننەت، بەندىلىرىمىزدىن بىزنىڭ بۇيرىقىمىزغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىمىزدىن يېنىش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَا نَتَنَزَّلُ إِلَّا بِأَمۡرِ رَبِّكَۖ لَهُۥ مَا بَيۡنَ أَيۡدِينَا وَمَا خَلۡفَنَا وَمَا بَيۡنَ ذَٰلِكَۚ وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيّٗا
ئى جەبرائىل! مۇھەممەد ئەلەيھىسىسسالامغا ئېيتىقىنكى: ھەقىقەتەن پەرىشتىلەر ئۆز ئالدىمىزغا چۈشمەيمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرى ۋە بىز كەينىمىزدە قويۇپ كەتكەن دۇنيانىڭ ئىشلىرى ۋە دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، .دېگىن
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• حاجة الداعية دومًا إلى أنصار يساعدونه في دعوته.
دەۋەتچى دائىم ئۆزىنىڭ دەۋىتىگە ياردەم بېرىدىغان كىشىلەرگە .ئېھتىياجلىق بولىدۇ

• إثبات صفة الكلام لله تعالى.
.ئاللاھقا "سۆزلەش" دېگەن سۈپەتنى ئىسپاتلاش

• صدق الوعد محمود، وهو من خلق النبيين والمرسلين، وضده وهو الخُلْف مذموم.
ۋەدىدە راستچىل بولۇش مەدھىيىلىنىدۇ، بۇ پەيغەمبەرلەر ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئەخلاقىدۇر، ئۇنىڭ ئەكسى بولسا ۋەدىگە ۋاپاسىزلىق .قىلىشتۇر

• إن الملائكة رسل الله بالوحي لا تنزل على أحد من الأنبياء والرسل من البشر إلا بأمر الله.
ھەقىقەتەن پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى يەتكۈزىدىغان ئەلچىلەر بولۇپ، ئۇلار ئىنسانلاردىن بولغان پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ يېنىغا پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەنلا چۈشىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: مەريەم
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش