قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (24) سۈرە: سۈرە مەريەم
فَنَادَىٰهَا مِن تَحۡتِهَآ أَلَّا تَحۡزَنِي قَدۡ جَعَلَ رَبُّكِ تَحۡتَكِ سَرِيّٗا
ئىسا مەريەمنىڭ قەدىمى ئاستىدىن نىدا قېلىپ: قايغۇرمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىىڭ ئېچىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئاستىڭدىن بىر ئېرىق قىلدى، دېدى. (بۇ ئايەتتىكى چاقىرغۇچىنى كۆپچىلىك تەپسىر ئۆلىمالىرى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دېگەن، چۈنكى ئايەتنىڭ سىياقى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ، بەزى ئۆلىمالار چاقىرغۇچىنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ قارىغان. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرى بولسىمۇ لېكىن ئۆلىمالار چاقىرغۇچى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراشنى كۇچلاندۇرغان. چۈنكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارغاندا سۆزلىگەنلىكى قۇرئاندا بايان قىلىنغان، ئەمما تۇغۇلۇپلا سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ رىۋايەت يوق. بۇ تەپسىرنى تۈزگۈچى ئۆلىمالار چاقىرغۇچى ئىسا ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراش بويىچە بايان قىلغان-ت)
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الصبر على القيام بالتكاليف الشرعية مطلوب.
تەلەپ قېلىنغان شەرئى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا سەۋىر قىلىش.

• علو منزلة بر الوالدين ومكانتها عند الله، فالله قرنه بشكره.
ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ مەرتىۋېسىنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھ ئاتا-ئانىغا ئېھسان قېلىش بىلەن ئۆزىگە شۈكۈر ئېيتىشنى بىر ئايەتتە بايان قىلدى.

• مع كمال قدرة الله في آياته الباهرة التي أظهرها لمريم، إلا أنه جعلها تعمل بالأسباب ليصلها ثمرة النخلة.
ئاللاھ تائالا مەريەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتىنى ئىپادىلەيدىغان مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنى خورمىنىڭ .مېۋىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سەۋەبلەرنى قېلىشقا بۇيرىدى

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (24) سۈرە: سۈرە مەريەم
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

تاقاش