قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (173) سۈرە: سۈرە بەقەرە
إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةَ وَٱلدَّمَ وَلَحۡمَ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ بِهِۦ لِغَيۡرِ ٱللَّهِۖ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
ئاللاھ سىلەرگە يېمەكلىكلەردىن شەرىئەت بويىچە بوغۇزلانماستىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، ئېتىلىپ چىققان قاننى، چوشقا گۆشىنى، بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان ھايۋانلارنى ھارام قىلدى. ئەگەر ئىنسان زۆرۈرىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەستىن بىر نەرسىنى يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئۇ كىشىگە ھېچ قانداق گۇناھ بولمايدۇ ۋە جازامۇ يوق. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۈيۈمچاندۇر. مەجبۇر بولۇپ قالغان چاغدا بۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن يېيىشنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈۋېتىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ قاتارىدىندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أكثر ضلال الخلق بسبب تعطيل العقل، ومتابعة من سبقهم في ضلالهم، وتقليدهم بغير وعي.
كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئىزىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى: ئەقلىنى ئىشلەتمەستىن باشقىلارنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىغا ئەگىشىشتىن ئىبارەتتۇر.

• عدم انتفاع المرء بما وهبه الله من نعمة العقل والسمع والبصر، يجعله مثل من فقد هذه النعم.
ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەقىل، قۇلاق، كۆز قاتارلىق نېئمەتلەردىن توغرا پايدىلانماسلىق، ئىنساننى خۇددى بۇ نېئمەتلەردىن مەھرۇم قالغان كىشىگە ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ.

• من أشد الناس عقوبة يوم القيامة من يكتم العلم الذي أنزله الله، والهدى الذي جاءت به رسله تعالى.
ئاللاھ نازىل قىلغان ئىلىم ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتنى يۇشۇرغان كىشى، قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغان ئادەمدۇر.

• من نعمة الله تعالى على عباده المؤمنين أن جعل المحرمات قليلة محدودة، وأما المباحات فكثيرة غير محدودة.
ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ سانى ئاز ۋە چەكلىك بولۇشى، رۇخسەت قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ ۋە چەكسىز بولىشى ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (173) سۈرە: سۈرە بەقەرە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

تاقاش