قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (251) سۈرە: سۈرە بەقەرە
فَهَزَمُوهُم بِإِذۡنِ ٱللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُۥدُ جَالُوتَ وَءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلۡمُلۡكَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَعَلَّمَهُۥ مِمَّا يَشَآءُۗ وَلَوۡلَا دَفۡعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعۡضَهُم بِبَعۡضٖ لَّفَسَدَتِ ٱلۡأَرۡضُ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ ذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
مۆئمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد ئۇلارنىڭ قوماندانى جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى بەردى. ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئۆزى ئىرادە قىلغان ھەر تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۈگەتتى ۋە ئۇنىڭدا جەملىدى. كىشىلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىيە قىلىپ تۇرۇش ئاللاھنىڭ قانۇنيىتى بولمىسا ئىدى، يەر يۈزىنى بۇزغۇنچىلار ئىگەللەش ئارقىلىق، يەر يۈزى خاراپلىققا يۈزلىنەتتى. لېكىن ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من حكمة القائد أن يُعرِّض جيشه لأنواع الاختبارات التي يتميز بها جنوده ويعرف الثابت من غيره.
قومانداننىڭ ئەسكەرلىرى ئارىسىدىن جەڭدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان بىلەن تۇرمايدىغانلارنى ئايرىيدىغان ھەرخىل سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشى بولسا، قومانداننىڭ دانالىقىدۇر.

• العبرة في النصر ليست بمجرد كثرة العدد والعدة فقط، وإنما معونة الله وتوفيقه أعظم الأسباب للنصر والظَّفَر.
غەلبە ساننىڭ كۆپلىكى ۋە تەييارلىق بىلەنلا بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە تەۋپىقى، زەپەر ۋە نۇسرەت قازىنىشتىكى ئەڭ بۈيۈك سەۋەبلەردىندۇر.

• لا يثبت عند الفتن والشدائد إلا من عَمَرَ اليقينُ بالله قلوبَهم، فمثل أولئك يصبرون عند كل محنة، ويثبتون عند كل بلاء.
پىتنە ۋە قىيىنچىلىق يۈز بەرگەن چاغدا پەقەت قەلبلىرىدە ئاللاھقا بولغان ئىشەنچ ئورۇن ئالغان كىشىلەرلا مۇستەھكەم تۇرالايدۇ. ئۇلار ھەر قانداق سىناققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ھەر قانداق مۇسىبەت يۈز بەرگەندە مۇستەھكەم تۇرىدۇ.

• الضراعة إلى الله تعالى بقلب صادق متعلق به من أعظم أسباب إجابة الدعاء، ولا سيما في مواطن القتال.
ئاللاھقا باغلانغان راستچىل قەلب بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇش، بولۇپمۇ جىھاد مەيدانلىرىدا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىدىكى ئەڭ بۈيۈك سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.

• من سُنَّة الله تعالى وحكمته أن يدفع شر بعض الخلق وفسادهم في الأرض ببعضهم.
يەر يۈزىدە كىشىلەرنىڭ يامانلىق ۋە بۇزۇقچىلىقىنى بەزى كىشىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق توسۇش ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ھېكمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (251) سۈرە: سۈرە بەقەرە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

تاقاش