قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (15) سۈرە: سۈرە تاھا
إِنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٌ أَكَادُ أُخۡفِيهَا لِتُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا تَسۡعَىٰ
ھەقىقەتەن قىيامەت شەكسىز بولىدۇ، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى مەخلۇقلاردىن ھېچ كىشى بىلمەيدىغان دەرىجىدە مەخپى تۇتتۇم، لېكىن ئۇلار قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى پەيغەمبەرنىڭ خەۋەر بېرىشى ئارقىلىق بىلىدۇ. قىيامەتتە ھەر بىر ئىنسان ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن قىلغان ئەمىلى بويىچە جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• وجوب حسن الاستماع في الأمور المهمة، وأهمها الوحي المنزل من عند الله.
مۇھىم ئىشلارغا چېرايلىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش زۆرۈر بولىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل بولغان ۋەھيىدۇر.

• اشتمل أول الوحي إلى موسى على أصلين في العقيدة وهما: الإقرار بتوحيد الله، والإيمان بالساعة (القيامة)، وعلى أهم فريضة بعد الإيمان وهي الصلاة.
مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى قېلىنغان ۋەھيى ئەقىدىدىكى ئاساسلىق ئىككى مۇھىم ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى: ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىقرار قىلىش، يەنە بىرى: قىيامەتكە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىمان ئېيتقاندىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم پەرز نامازدۇر.

• التعاون بين الدعاة ضروري لإنجاح المقصود؛ فقد جعل الله لموسى أخاه هارون نبيَّا ليعاونه في أداء الرسالة.
دەۋەتچىلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مەقسەتنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈردۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭ ئەلچىلىك مەسئۇلىتىنى ئادا قىلىشقا ياردەم .بېرىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلدى

• أهمية امتلاك الداعية لمهارة الإفهام للمدعوِّين.
دەۋەت قىلغۇچىنىڭ دەۋەت قېلىنغۇچىلارغا سۆزنى چۈشەندۈرۈش .ماھارىتىگە ئىگە بولىشى ئىنتايىن مۇھىم

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (15) سۈرە: سۈرە تاھا
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

تاقاش