Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: مۆمىنۇن   ئايەت:
۞ وَلَوۡ رَحِمۡنَٰهُمۡ وَكَشَفۡنَا مَا بِهِم مِّن ضُرّٖ لَّلَجُّواْ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ
ئەگەر ئۇلارغا رەھىم قىلىپ، بېشىغا كەلگەن قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق قاتارلىق كۈلپەتلەرنى كۆتۈرۈۋەتسەك، ئۇلار چوقۇم ئىككىلىنىپ، ئالدى - كەينىگە دەسسىگىنىچە ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇقىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ أَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡعَذَابِ فَمَا ٱسۡتَكَانُواْ لِرَبِّهِمۡ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ
ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن تۈرلۈك مۇسىبەتلەر بىلەن سىنىدۇق، ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ، باش ئەگىمىدى، بېشىغا مۇسىبەتلەر كەلگەندە كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئەيمەنگەن ھالدا دۇئامۇ قىلمىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
حَتَّىٰٓ إِذَا فَتَحۡنَا عَلَيۡهِم بَابٗا ذَا عَذَابٖ شَدِيدٍ إِذَا هُمۡ فِيهِ مُبۡلِسُونَ
ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتكەن ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىردىنلا بارلىق قۇتۇلۇش ۋە ياخشىلىقتىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَۚ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ
ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار! ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئاڭلىشىڭلار ئۈچۈن قۇلاق، كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۆز، چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن قەلبلەرنى ياراتتى. شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر بۇ نېئمەتلەرگە تولىمۇ ئاز شۈكۈر ئېيتىۋاتىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَهُوَ ٱلَّذِي ذَرَأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَإِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (نەسىللەندۈرۈش يولى بىلەن) ياراتتى، قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا ئۈچۈن يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغىلا توپلىنىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَهُوَ ٱلَّذِي يُحۡيِۦ وَيُمِيتُ وَلَهُ ٱخۡتِلَٰفُ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
پەقەت ئاللاھ تائالالا تىرىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تىرگۈزگۈچى يوق، پەقەت ئاللاھلا جان ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا جان ئالغۇچى يوق. كېچە - كۈندۈزنىڭ قاراڭغۇ - يورۇقلۇقتا ۋە ئۇزۇن - قىسقىلىقتا خىلمۇخىل بولۇشىنى پەقەت ئاللاھ تائالا بېكىتىدۇ. ئۇنىڭ قۇدرىتى ھەم يارىتىش ۋە پىلانلاشتا يېگانىلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمامسىلەر!؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلۡ قَالُواْ مِثۡلَ مَا قَالَ ٱلۡأَوَّلُونَ
ئۇلار كۇپرىدا ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرى ۋە ئەجداتلىرى نېمە دېگەن بولسا شۇنى ئەزۋەيلەشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالُوٓاْ أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ
ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى) يىراق ساناپ ۋە ئىنكار قىلىپ: بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىمىز چىرىپ كەتسەكمۇ ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتىدىن تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ دېيىشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَقَدۡ وُعِدۡنَا نَحۡنُ وَءَابَآؤُنَا هَٰذَا مِن قَبۡلُ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشتىن ئىبارەت بۇ ۋەدە بۇندىن بۇرۇن بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزغىمۇ ۋەدە قىلىنغان ئىدى، ئەمما بىز بۇ ۋەدىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. بۇ پەقەت ئىلگىرىكىلەرنىڭ يالغان - ياۋىداقلىرىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُل لِّمَنِ ٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهَآ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ كاپىرلارغا: بۇ زېمىن ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى كىمنىڭ؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار، دېگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
ئۇلار چوقۇم: زېمىن ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ، دەيدۇ. سەن ئۇلارغا: زېمىن ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ سىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ دېگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُلۡ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ ٱلسَّبۡعِ وَرَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ
ئۇلارغا: يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ھەممىدىن كاتتا بولغان ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟ دېگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ أَفَلَا تَتَّقُونَ
ئۇلار چوقۇم: يەتتە ئاسمان ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئامان بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ دېگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُلۡ مَنۢ بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيۡهِ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئۇلارغا: ھەممە نەرسىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ ھېچ نەرسە ئىگىدارچىلىقىنىڭ سىرتىدا قالمايدىغان، بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى خاپىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان، ئۇ خاپىلىق يەتكۈزمەكچى بولغان كىشىنى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ئازابنى قايتۇرالايدىغان ھېچكىم بولمىغان زات كىم؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار، دېگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ فَأَنَّىٰ تُسۡحَرُونَ
ئۇلار چوقۇم: ھەممە نەرسە قولىدا بولغان زات ئاللاھ، دەيدۇ. ئۇلارغا: ئەقلىڭلار نەگە كەتتى؟ بۇلارنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئاللاھتىن باشقىغا چوقۇنىسىلەر؟ دېگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• عدم اعتبار الكفار بالنعم أو النقم التي تقع عليهم دليل على فساد فطرهم.
كاپىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېئمەتلەرگە ياكى باشلىرىغا كەلگەن ئازابقا پەرۋا قىلماسلىقى ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

• كفران النعم صفة من صفات الكفار.
نېئمەتكە تۇزكورلۇق قىلىش كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• التمسك بالتقليد الأعمى يمنع من الوصول للحق.
قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھەقكە يېتىشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

• الإقرار بالربوبية ما لم يصحبه إقرار بالألوهية لا ينجي صاحبه.
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشى نىجات تاپالمايدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: مۆمىنۇن
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش