Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ئال ئىمران   ئايەت:
ثُمَّ أَنزَلَ عَلَيۡكُم مِّنۢ بَعۡدِ ٱلۡغَمِّ أَمَنَةٗ نُّعَاسٗا يَغۡشَىٰ طَآئِفَةٗ مِّنكُمۡۖ وَطَآئِفَةٞ قَدۡ أَهَمَّتۡهُمۡ أَنفُسُهُمۡ يَظُنُّونَ بِٱللَّهِ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ ظَنَّ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِۖ يَقُولُونَ هَل لَّنَا مِنَ ٱلۡأَمۡرِ مِن شَيۡءٖۗ قُلۡ إِنَّ ٱلۡأَمۡرَ كُلَّهُۥ لِلَّهِۗ يُخۡفُونَ فِيٓ أَنفُسِهِم مَّا لَا يُبۡدُونَ لَكَۖ يَقُولُونَ لَوۡ كَانَ لَنَا مِنَ ٱلۡأَمۡرِ شَيۡءٞ مَّا قُتِلۡنَا هَٰهُنَاۗ قُل لَّوۡ كُنتُمۡ فِي بُيُوتِكُمۡ لَبَرَزَ ٱلَّذِينَ كُتِبَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَتۡلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمۡۖ وَلِيَبۡتَلِيَ ٱللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمۡ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
دەرت-ئەلەم، قېيىنچىلىقتىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى، سىلەردىن ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىدىغان بىر جامائەتنى دىللىرىدىكى خاتىرجەملىك ۋە ئارامدىللىق سەۋەبىدىن مۈگە باستى، يەنە بىر جامائەتكە خاتىرجەملىك ۋە مۈگە كەلمىدى، ئۇلار مۇناپىقلار بولۇپ ئۇلارنىڭ بىردىن بىر غەم قىلىدىغىنى جېنىنىڭ سالامەت قىلىشى ئىدى، شۇڭا ئۇلار قورقۇنچ ۋە ئارامسىزلىق ئېچىدە ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇمان قىلىپ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمەيدۇ ۋە مۆئمىن بەندىلىرىنى كۈچلاندۇرمايدۇ دەپ جاھىلىيەت ئەھلىگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ھەقىقى ئۇلۇغلۇقى ۋە شانۇ-شەۋكىتىنى بىلمىدى، ئاشۇ مۇناپىقلار ئاللاھقا بولغان جاھىللىقى سەۋەبىدىن: ئۇرۇشقا چېقىش ئىشىدا بىزنىڭ پىكرىمىز قوبۇل قىلىنغان بولسا ئىدى، بىز جەڭگە چىقمىغان بولاتتۇق دېدى. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ ئېيتقىنكى، ئىشنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھ خالىغانچە تەقدىر قىلىدۇ ۋە ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، سىلەرنىڭ ئۇرۇشقا چېقىشىڭلارنى ئاللاھ تەقدىر قىلغان، ئاشۇ مۇناپىقلار قورققانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىدىكى شەك-شۈبھە ۋە يامان گۇمانلىرىنى ساڭا ئاشكارا قىلالمايدۇ، ئۇلار: ئۇرۇشقا چېقىش بىزنىڭ پىكرىمىز بىلەن بولغاندا بىز بۇ جايدا ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق دەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقىنكى: گەرچە سىلەر ئۆيۈڭلارغا مۆكۈنىۋىلىپ ئۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە ئۆلۈمدىن يىراق بولساڭلارمۇ، ئەلۋەتتە ئاللاھ سىلەردىن بېرىڭلارغا ئۆلۈمنى پۈتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرىلىدىغان ئورنىغا چىققان بولاتتى، بۇنى ئاللاھ سىلەرگە پەقەت سىلەرنىڭ دىلىڭلاردىكى نىيەت-مەقسىدىڭلارنى سىناش ۋە ئۇنىڭدىكى ئىمان بىلەن كۇپىرنى ئايرىش ئۈچۈن تەقدىر قىلدى، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ دىللىرىدىكى نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱلَّذِينَ تَوَلَّوۡاْ مِنكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡتَقَى ٱلۡجَمۡعَانِ إِنَّمَا ٱسۡتَزَلَّهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ بِبَعۡضِ مَا كَسَبُواْۖ وَلَقَدۡ عَفَا ٱللَّهُ عَنۡهُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٞ
ئى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى! ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن مۇشرىكلار قوشۇنى ئوھۇد كۈنىدە ئۇچراشقاندا سىلەردىن مەغلۇپ بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن شەيتان ئۇلارنى توغرا يولدىن چەتنەتتۈرگەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى، ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ئۇلارنى جازالىمىدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر. ھەلىملىك سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَقَالُواْ لِإِخۡوَٰنِهِمۡ إِذَا ضَرَبُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَوۡ كَانُواْ غُزّٗى لَّوۡ كَانُواْ عِندَنَا مَا مَاتُواْ وَمَا قُتِلُواْ لِيَجۡعَلَ ٱللَّهُ ذَٰلِكَ حَسۡرَةٗ فِي قُلُوبِهِمۡۗ وَٱللَّهُ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر! مۇناپىقلاردىن بولغان كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا، ئۇلار رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ياكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلىش ئۈچۈن چىققاندا ئۆلۈپ كەتسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە: ئەگەر ئۇلار سەپەرگە ياكى ئۇرۇشقا چىقماي بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرغان بولسا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى دەيتتى، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى غەم-قايغۇ، دەرت-ئەلەملەرنى زىيادە قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ بۇ ئېتىقادنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا سالدى، ئاللاھ ئۆزى يالغۇز ئۆزىنىڭ خالىشى بىلەن ئۆلتۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى جىھادقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرغۇچى كېچىكتۈرەلمىگەندەك، جىھادقا چىققۇچىمۇ ئىلگىرى قىلالمايدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَئِن قُتِلۡتُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَوۡ مُتُّمۡ لَمَغۡفِرَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَحۡمَةٌ خَيۡرٞ مِّمَّا يَجۡمَعُونَ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ۋە ياكى ئۆلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ سىلەرگە كاتتا مەغپىرەت ۋە كەڭرى رەھمەت ئاتا قىلىدۇ، ئۇ مۇشۇ دۇنيا ۋە دۇنيا ئەھلى ئېرىشىۋاتقان بارلىق يوقالغۇچى نېمەتلەردىن ياخشىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الجهل بالله تعالى وصفاته يُورث سوء الاعتقاد وفساد الأعمال.
ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلمەسلىك بولسا، ئېتىقادنىڭ ناچارلىقى ۋە ئەمەلنىڭ بۇزۇقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

• آجال العباد مضروبة محدودة، لا يُعجلها الإقدام والشجاعة، ولايؤخرها الجبن والحرص.
بەندىلەرنىڭ كۆرىدىغان ئۆمرى ۋە ياشاش مۇددىتى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئالغا ئىلگىرلەش ۋە باتۇرلۇق ئۇنى ئىلگىرى سۈرەلمىگەندەك، قورقۇنچاقلىق ۋە دۇنياغا ھېرىسمەنلىك ئۇنى كىچىكتۈرەلمەيدۇ.

• من سُنَّة الله تعالى الجارية ابتلاء عباده؛ ليميز الخبيث من الطيب.
ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان پرىنسىپلىرىدىن؛ ياخشىدىن ناچارنى ئايرىش ئۈچۈن بەندىلىرىنى ئىمتىھان قىلىشىدۇر.

• من أعظم المنازل وأكرمها عند الله تعالى منازل الشهداء في سبيله.
ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە يۇقىرى ئورۇن ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغانلارنىڭ مەقامىدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ئال ئىمران
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش