Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (22) سۈرە: رۇم
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ خَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفُ أَلۡسِنَتِكُمۡ وَأَلۡوَٰنِكُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡعَٰلِمِينَ
ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنى ۋە رەڭلىرىڭلارنى خىلمۇخىل قىلغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ھەقىقەتەن بۇلاردا ئىلىم ۋە پاراسەت ئىگىلىرى ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلار بار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• إعمار العبد أوقاته بالصلاة والتسبيح علامة على حسن العاقبة.
بەندىنىڭ ۋاقىتلىرىنى ناماز ۋە تەسبىھ بىلەن ئۈتكۈزۈشى گۈزەل نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

• الاستدلال على البعث بتجدد الحياة، حيث يخلق الله الحي من الميت والميت من الحي.
ئاللاھنىڭ جانلىقنى جانسىزدىن، جانسىزنى جانلىقتىن يارىتىشى بىلەن ھاياتلىقنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە دەلىلدۇر.

• آيات الله في الأنفس والآفاق لا يستفيد منها إلا من يُعمِل وسائل إدراكه الحسية والمعنوية التي أنعم الله بها عليه.
ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدە ۋە ئەتراپى ئالەمدە ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى بار بولۇپ، بۇلاردىن پەقەت ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋىي ئەقىل - ئىدراك ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سالالىغانلارلا پايدىلىنالايدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (22) سۈرە: رۇم
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش