Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: لوقمان   ئايەت:
أَلَمۡ تَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَأَسۡبَغَ عَلَيۡكُمۡ نِعَمَهُۥ ظَٰهِرَةٗ وَبَاطِنَةٗۗ وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِي ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَلَا هُدٗى وَلَا كِتَٰبٖ مُّنِيرٖ
ئەي ئىنسانلار! بىلمەمسىلەر ۋە كۆرمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى قۇياشنى، ئاينى ۋە باشقا پىلانېتالارنى پايدىلىنىش قولاي ھالەتتە يارىتىپ بەردى، ئۇ يەر يۈزىدىكى جانىۋارلار، دەل - دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلارغا) سۇندى، تەقى - تۇرقى ۋە قىياپەتنىڭ گۈزەل بولۇشىغا ئوخشاش كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان نېئمەتلەرنى، ئەقىل ۋە ئىلىمگە ئوخشاش مەخپىي، كۆرۈنمەيدىغان نېئمەتلەرنى مۇكەممەل قىلدى. مۇشۇنداق نېئمەتلەرگە ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىگە ياكى ئۆتكۈر ئەقىلگە تايانغان ئىلمىي ئاساسسىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان روشەن كىتابسىز ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ھەققىدە دەتالاش قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّبِعُواْ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُواْ بَلۡ نَتَّبِعُ مَا وَجَدۡنَا عَلَيۡهِ ءَابَآءَنَآۚ أَوَلَوۡ كَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ يَدۡعُوهُمۡ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ
ناۋادا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىدە دەتالاش قىلىدىغان بۇ كىشىلەرگە: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىيگە ئەگىشىڭلار، دېيىلسە، ئۇلار: بىز ئۇنىڭغا ئەگەشمەيمىز، ئەكسىچە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىلاھلارغا چوقۇنۇشتىكى يولىغا ئەگىشىمىز، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى شەيتان بۇتلارغا چوقۇندۇرۇش ئارقىلىق ئازدۇرۇپ، قىيامەت كۈنىدىكى دوزاخ ئوتىغا چاقىرغان بولسىمۇ يەنىلا شۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ وَمَن يُسۡلِمۡ وَجۡهَهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِ وَهُوَ مُحۡسِنٞ فَقَدِ ٱسۡتَمۡسَكَ بِٱلۡعُرۡوَةِ ٱلۡوُثۡقَىٰۗ وَإِلَى ٱللَّهِ عَٰقِبَةُ ٱلۡأُمُورِ
ئىبادىتىنى ئاللاھقا خالىس، ئەمىلىنى ئېھسان بىلەن قىلغان ھالدا ئاللاھقا يۈزلەنگەن كىشى نىجات تېپىشنى ئۈمىد قىلغانلار ئېسىلىدىغان ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئېسىلغان تۇتقىنىڭ ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى يالغۇز ئاللاھ تەرەپكە بولىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ھەر كىمگە لايىق رەۋىشتە جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَن كَفَرَ فَلَا يَحۡزُنكَ كُفۡرُهُۥٓۚ إِلَيۡنَا مَرۡجِعُهُمۡ فَنُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
ئەي پەيغەمبەر! كاپىر بولغانلارنىڭ كۇپرىسى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن. ئۇلار قىيامەت كۈنى يالغۇز بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن بىز ئۇلارغا دۇنيادا قىلغان يامانلىقلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ھەمدە يامانلىقلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
نُمَتِّعُهُمۡ قَلِيلٗا ثُمَّ نَضۡطَرُّهُمۡ إِلَىٰ عَذَابٍ غَلِيظٖ
ئۇلارنى دۇنيادا ئاتا قىلغان ھۇزۇر - ھالاۋەتلەردىن ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئېغىر ئازابقا، يەنى دوزاخ ئازابىغا دۇچار قىلىمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن بۇ مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ئاللاھ ياراتتى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارغا: جىمى ھەمدۇسانا سىلەرگە قارشى دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرگەن ئاللاھقا خاستۇر، دېگىن. ئۇلارنىڭ تولىسى نادان بولغاچقا ھەمدۇسانانىڭ كىمگە لايىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتۈن نەرسىلەر يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. شۈبھىسىزكى ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەدھىيەگە سازاۋەردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَوۡ أَنَّمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن شَجَرَةٍ أَقۡلَٰمٞ وَٱلۡبَحۡرُ يَمُدُّهُۥ مِنۢ بَعۡدِهِۦ سَبۡعَةُ أَبۡحُرٖ مَّا نَفِدَتۡ كَلِمَٰتُ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى كېسىلىپ، قەلەم قىلىنغان بولسا، دېڭىز سىياھ بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرى چەكسىز بولغانلىقتىن تۈگەپ قالمايتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئاللاھنى يېڭەلمەيدۇ. يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَّا خَلۡقُكُمۡ وَلَا بَعۡثُكُمۡ إِلَّا كَنَفۡسٖ وَٰحِدَةٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٌ
ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ (دەسلەپكى) يارىتىلىشىڭلار ھەمدە قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشۈڭلار بەئەينى بىر جاننىڭ يارىتىلىشى ھەم قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىگىلا ئوخشايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭ بىر ئاۋازنى ئاڭلىشى يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىشىغا پۇتلاشمايدۇ. ئاللاھ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭ بىر نەرسىنى كۆرۈشى يەنە بىر نەرسىنى كۆرۈشىگە پۇتلاشمايدۇ. ئەنە شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بىر جاننى يارىتىشى ياكى قايتىدىن تىرىلدۈرۈشى يەنە بىرىنى يارىتىشىغا ۋە قايتا تىرىلدۈرۈشىگە پۇتلاشمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• نعم الله وسيلة لشكره والإيمان به، لا وسيلة للكفر به.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ئۇنىڭغا كۇپۇرلۇق قىلىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىش ۋە ئىمان ئېيتىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• خطر التقليد الأعمى، وخاصة في أمور الاعتقاد.
قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش خەتەرلىكتۇر، بولۇپمۇ ئېتىقادىي ئىشلاردا (تېخىمۇ شۇنداق).

• أهمية الاستسلام لله والانقياد له وإحسان العمل من أجل مرضاته.
ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا بويسۇنۇش، باش ئېگىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

• عدم تناهي كلمات الله.
ئاللاھنىڭ سۆزلىرى چەكسىزدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: لوقمان
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش