Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ياسىن   ئايەت:
۞ وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَىٰ قَوۡمِهِۦ مِنۢ بَعۡدِهِۦ مِن جُندٖ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا كُنَّا مُنزِلِينَ
بىز ئۇنى ئىنكار قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن قەۋمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن پەرىشتىلەردىن تەشكىللەنگەن بىرەر قوشۇن چۈشۈرۈشكە موھتاج بولمىدۇق. چۈنكى ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۇنىڭدىن تولىمۇ قولاي ئىدى. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنىڭ پەقەت ئاسمان تەرەپتىن كەلگەن بىر ئاۋاز بىلەنلا تاماملىنىشىنى بېكىتتۇق، ئازاب پەرىشتىلىرىنى چۈشۈرۈپمۇ ئولتۇرمىدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِن كَانَتۡ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ فَإِذَا هُمۡ خَٰمِدُونَ
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىش ھېكايىسى پەقەت بىز ئۇلارغا ئەۋەتكەن بىر ئاۋاز بىلەنلا پۈتتى. ئۇلار بىردىنلا يىقىلىپ، بۇندىن ئىلگىرى ھېچ مەۋجۇت بوپباقمىغاندەك بولۇپ كېتىشتى. ئۇلار خۇددى لاۋۇلداپ كۆيۈۋېتىپ، بىردىنلا ئۆچۈپ قالغان، ئاندىن ھېچ ئىزناسى قالمىغان ئوتقا ئوخشايتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰحَسۡرَةً عَلَى ٱلۡعِبَادِۚ مَا يَأۡتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغۇچى بەندىلەرگە مىڭ ئەپسۇسكى، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئازابنى كۆرگەندە ھەسرەت چېكىشىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، زاڭلىق قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئاقىۋىتى ئاللاھنىڭ ھەقلىرىگە سەل قارىغانلىقلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىش بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَلَمۡ يَرَوۡاْ كَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّنَ ٱلۡقُرُونِ أَنَّهُمۡ إِلَيۡهِمۡ لَا يَرۡجِعُونَ
بۇ ئىنكارچىلار، پەيغەمبەرلەرنى مەسخىرە قىلغۇچىلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئىبرەتلىك ھالىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بىر ئۆلۈپ كەتكەن پېتى بۇ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم قايتقىنى يوق. ئۇلار بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ بولدى. ئاللاھ تائالا چوقۇم ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپاتقا تارتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِن كُلّٞ لَّمَّا جَمِيعٞ لَّدَيۡنَا مُحۡضَرُونَ
ھېچكىم چالا قالماي، پۈتكۈل ئۈممەتلەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا - مۇكاپاتلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَءَايَةٞ لَّهُمُ ٱلۡأَرۡضُ ٱلۡمَيۡتَةُ أَحۡيَيۡنَٰهَا وَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهَا حَبّٗا فَمِنۡهُ يَأۡكُلُونَ
قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنىڭ بەرھەقلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، بۇ قاقاس زېمىنغا بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا تۈرلۈك - تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن تۈرلۈك ئاشلىقلارنى چىقىرىپ بەردۇق. مۇشۇنداق (قاقاس) زېمىننى يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق جانلاندۇرغان زات ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە ۋە ئۇلارنى قەبرىلىرىدىن تىرىك پېتى چىقىرىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَجَعَلۡنَا فِيهَا جَنَّٰتٖ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَٰبٖ وَفَجَّرۡنَا فِيهَا مِنَ ٱلۡعُيُونِ
بىز يامغۇر ياغدۇرغان بۇ زېمىننى خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارغا ئايلاندۇردۇق، ئۇنىڭدا ئۇ باغلارنى سۇغۇرىدىغان بۇلاقلارنى ئېقىتىپ بەردۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِيَأۡكُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦ وَمَا عَمِلَتۡهُ أَيۡدِيهِمۡۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ
(بۇنداق قىلىشىمىز) ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا نېئمەت قىلىپ بەرگەن ئاشۇ باغنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشلىرى ئۈچۈندۇركى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدا ھېچقانداق قان - تەرى يوق. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇلار يالغۇز ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمامدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سُبۡحَٰنَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡأَزۡوَٰجَ كُلَّهَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلۡأَرۡضُ وَمِنۡ أَنفُسِهِمۡ وَمِمَّا لَا يَعۡلَمُونَ
تۈرلۈك - تۈرلۈك مېۋىلەرنى ۋە دەل - دەرەخلەرنى ياراتقان ئاللاھ تائالا مۇقەددەستۇركى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىدىنمۇ ئەر ۋە ئاياللارنى ياراتتى، ئىنسانلار قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن بىلمەيدىغان يەنە باشقا نەرسىلەرنىمۇ ياراتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَءَايَةٞ لَّهُمُ ٱلَّيۡلُ نَسۡلَخُ مِنۡهُ ٱلنَّهَارَ فَإِذَا هُم مُّظۡلِمُونَ
ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان يەنە بىر ئالامەت شۇكى، بىز كۈندۈزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كېچىنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق يورۇقلۇقنى يوق قىلىمىز. كۈندۈزنى يورۇقلۇقتىن چىقىرىپ، كۈندۈز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قاراڭغۇلۇقنى كەلتۈرسەك، ئىنسانلار بىردىنلا قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلشَّمۡسُ تَجۡرِي لِمُسۡتَقَرّٖ لَّهَاۚ ذَٰلِكَ تَقۡدِيرُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ
ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان يەنە بىر ئالامەت شۇكى، بۇ قۇياش بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قانچىلىك مېڭىشىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇ بېكىتىلگەن جايدىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. مانا بۇ ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىنى بىلگۈچى، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدىغان زاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلۡقَمَرَ قَدَّرۡنَٰهُ مَنَازِلَ حَتَّىٰ عَادَ كَٱلۡعُرۡجُونِ ٱلۡقَدِيمِ
ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان يەنە بىر ئالامەت مۇشۇ ئايدۇركى، بىز ئۇنىڭ ھەر كېچە بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىسىنى بېكىتتۇق. ئۇ دەسلەپتە كىچىك كۆرۈنۈپ، ئاستا - ئاستا چوڭىيىپ، ئاندىن يەنە كىچىكلەشكە باشلايدۇ، نىھايەت ئۇ ئىنچىكىلەپ، ئېگىلىپ، سۇسلىشىپ، كونىراپ كەتكەنلىكتىن كۆزگىمۇ چېلىقمايدىغان خورمىنىڭ ئەگرى شېخىدەك بوپقالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَا ٱلشَّمۡسُ يَنۢبَغِي لَهَآ أَن تُدۡرِكَ ٱلۡقَمَرَ وَلَا ٱلَّيۡلُ سَابِقُ ٱلنَّهَارِۚ وَكُلّٞ فِي فَلَكٖ يَسۡبَحُونَ
قۇياش بىلەن ئاينىڭ ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالامەتلىرى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ ئۆزلىرىگە بېكىتىپ بەرگەن چەكتىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن قۇياشنىڭ ئۆز يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ ئايغا يېتىشىۋېلىشى ياكى ئۇنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس، كېچىنىڭمۇ كۈندۈزنىڭ ئالدىغا چىقىپ كېتىپ، كۈندۈزنىڭ ۋاقتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ كۈندۈزگە كىرىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان پىلانېتلار ۋە سەييارىلەر باردۇركى، ئۇلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئۆزلىرىگە خاس ئوربىتىلىرى بار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• ما أهون الخلق على الله إذا عصوه، وما أكرمهم عليه إن أطاعوه.
بۇ ئايەتلەر ناۋادا مەخلۇقاتلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسا، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ قىلچە قىممىتى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا نىسبەتەن نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.

• من الأدلة على البعث إحياء الأرض الهامدة بالنبات الأخضر، وإخراج الحَبِّ منه.
قاقاس زېمىننىڭ يېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە پۈركۈنۈشى ۋە ئۇنىڭدىن ئاشلىقلارنىڭ چىقىشى قايتا تىرىلىشنىڭ پاكىتلىرىدىن بىرىدۇر.

• من أدلة التوحيد: خلق المخلوقات في السماء والأرض وتسييرها بقدر.
ئاسماندا ۋە زېمىندا مەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بەلگىلىك مىقداردا ئايلىنىشى تەۋھىدنىڭ دەلىل - پاكىتلىرىدىن بىرىدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ياسىن
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش