Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ساپپات   ئايەت:
فَلَمَّآ أَسۡلَمَا وَتَلَّهُۥ لِلۡجَبِينِ
ئاتا - بالا ئىككىسى ئاللاھقا باش ئېگىپ، ئەمرىگە بويسۇنغاچقا، ئىبراھىم ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى يېنىچە ياتقۇزدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَنَٰدَيۡنَٰهُ أَن يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُ
ئىبراھىم ئوغلىنى بوغۇزلاش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەمشىلىۋاتقاندا بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: ئەي ئىبراھىم!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَدۡ صَدَّقۡتَ ٱلرُّءۡيَآۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
سەن ئوغلۇڭ ئىسمائىلنى بوغۇزلاشتا قەتئىي نىيەتكە كېلىش ئارقىلىق چۈشۈڭدە كۆرگەنلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. شەكسىزكى بىز - سېنى بۇ بۈيۈك سىناقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك - ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلاپ، سىناقلاردىن ۋە ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلدۇرىمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡبَلَٰٓؤُاْ ٱلۡمُبِينُ
شەكسىزكى بۇ ئەلۋەتتە ئوپئوچۇق بىر سىناق ئىدى. ئىبراھىم بۇ سىناقتىن شەكسىز ئۆتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَفَدَيۡنَٰهُ بِذِبۡحٍ عَظِيمٖ
بىز ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا بوغۇزلاش ئۈچۈن چوڭ بىر قوچقارنى بەردۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ
كېيىنكى ئۈممەتلەر ئىچىدە ئىبراھىمنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سَلَٰمٌ عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ
ئىبراھىمغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! ھەر قانداق زىيان ۋە ئاپەتتىن ئامان قېلىشى ئۈچۈن تىلەكلەر ياغسۇن!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
بىز ئىبراھىمنىڭ ئىتائىتىگە قارىتا مۇكاپات بەرگىنىمىزدەك، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلايمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
شەكسىزكى ئىبراھىم ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىق ۋەزىپىسىنى لايىقىدا بەجا كەلتۈرىدىغان مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَبَشَّرۡنَٰهُ بِإِسۡحَٰقَ نَبِيّٗا مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
بىز ئۇنىڭغا كەلگۈسىدە پەيغەمبەر ۋە سالىھ بەندە بولىدىغان يەنە بىر پەرزەنت بىلەن خۇشبېشارەت بەردۇقكى، ئۇ ئىسھاق ئىدى. بۇ، ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا كۆرسەتكەن ئىتائەتمەنلىكىنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَبَٰرَكۡنَا عَلَيۡهِ وَعَلَىٰٓ إِسۡحَٰقَۚ وَمِن ذُرِّيَّتِهِمَا مُحۡسِنٞ وَظَالِمٞ لِّنَفۡسِهِۦ مُبِينٞ
بىز ئۇنىڭغا ۋە ئوغلى ئىسھاققا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، كۆپلىگەن نېئمەتلەرنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكىمۇ شۇ نېئمەتلەردىن بىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ياخشى بەندە بولىدىغانلىرىمۇ، كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئوچۇق - ئاشكارا زۇلۇم قىلىدىغانلىرىمۇ بار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ
شەكسىزكى بىز مۇساغا ۋە قېرىندىشى ھارۇنغا پەيغەمبەرلىكنى ئىلتىپات قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَنَجَّيۡنَٰهُمَا وَقَوۡمَهُمَا مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ
بىز ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەمى بەنىي ئىسرائىلنى پىرئەۋننىڭ ئېكسپىلاتاتسىيەسىدىن ھەمدە غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلدۇردۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَنَصَرۡنَٰهُمۡ فَكَانُواْ هُمُ ٱلۡغَٰلِبِينَ
بىز ئۇلارغا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىگە قارشى ياردەم بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَءَاتَيۡنَٰهُمَا ٱلۡكِتَٰبَ ٱلۡمُسۡتَبِينَ
بىز مۇساغا ۋە قېرىندىشى ھارۇنغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن چۈشۈرۈلگەن روشەن كىتاب تەۋراتنى بەردۇقكى، ئۇنىڭدا قىلچە چۈشىنىكسىزلىك يوق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَهَدَيۡنَٰهُمَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ
بىز ئۇلارنى قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان تۈپتۈز يولغا باشلىدۇق. ئۇ يول بولسا ياراتقۇچى زاتنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان ئىسلام يولىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِمَا فِي ٱلۡأٓخِرِينَ
بىز كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭمۇ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سَلَٰمٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ
ئۇلارغا ئاللاھ تەرەپتىن سالاملار ۋە مەدھىيەلەر بولسۇن! ھەر قانداق يامانلىقتىن ئامان بولۇشلىرى ئۈچۈن تىلەكلەر ياغسۇن!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
شەكسىزكى بىز مۇسا ۋە ھارۇننى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، رەببىگە ئىتائەتمەن بولۇش ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّهُمَا مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
شەكسىزكى مۇسا بىلەن ھارۇن ئاللاھ كۆرسەتكەن بويىچە ئەمەل قىلىدىغان مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِنَّ إِلۡيَاسَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
شەكسىزكى ئىلياسمۇ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن بىرىدۇركى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك نېئمىتىنى بەردى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆزى پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن قەۋمى بەنىي ئىسرائىلغا: ئەي قەۋمىم! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقمامسلەر؟ تەۋھىد ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ بىرىدۇر. چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقمامسىلەركى، شېرىك شۇ چەكلىمىلەردىن بىرىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَتَدۡعُونَ بَعۡلٗا وَتَذَرُونَ أَحۡسَنَ ٱلۡخَٰلِقِينَ
ئاللاھنى قويۇپ بەئلى دېگەن بۇتۇڭلارغا چوقۇنامسىلەر؟ ئەمەلىيەتتە سىلەر ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى بولغان ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنى تاشلاۋاتىسىلەر؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱللَّهَ رَبَّكُمۡ وَرَبَّ ءَابَآئِكُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئۇ ئاللاھ سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. نە پايدا، نە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلار ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاللاھلا قۇلچىلىق قىلىشقا ھەقىقىي لايىقتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• قوله: ﴿فَلَمَّآ أَسْلَمَا﴾ دليل على أن إبراهيم وإسماعيل عليهما السلام كانا في غاية التسليم لأمر الله تعالى.
ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاتا - بالا ئىككىسى بويسۇنغاندا» دېگەن سۆزى ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا يۈكسەك دەرىجىدە بويسۇنىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

• من مقاصد الشرع تحرير العباد من عبودية البشر.
بەندىلەرنى ئىنسانغا قۇل بولۇشتىن ئازات قىلىش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• الثناء الحسن والذكر الطيب من النعيم المعجل في الدنيا.
ياخشى نام ۋە گۈزەل ئەسلىمە مۇشۇ دۇنيادىلا بېرىلىدىغان نېئمەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ساپپات
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش