Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: غاپىر   ئايەت:
۞ وَيَٰقَوۡمِ مَا لِيٓ أَدۡعُوكُمۡ إِلَى ٱلنَّجَوٰةِ وَتَدۡعُونَنِيٓ إِلَى ٱلنَّارِ
ئەي قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ھەم ياخشى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى زىيانكارلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىۋاتسام، سىلەر مېنى ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا ھەم ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىپ دوزاخقا چاقىرىۋاتىسىلەرغۇ!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
تَدۡعُونَنِي لِأَكۡفُرَ بِٱللَّهِ وَأُشۡرِكَ بِهِۦ مَا لَيۡسَ لِي بِهِۦ عِلۡمٞ وَأَنَا۠ أَدۡعُوكُمۡ إِلَى ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡغَفَّٰرِ
سىلەر مىنى ئاللاھقا كاپىر قىلىش ۋە ئاللاھقا قوشۇپ چوقۇنۇشنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتىم يوق نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىغا چاقىرىۋاتىسىلەر. ھالبۇكى مەن سىلەرنى ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، غالىب، بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىمەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدۡعُونَنِيٓ إِلَيۡهِ لَيۡسَ لَهُۥ دَعۡوَةٞ فِي ٱلدُّنۡيَا وَلَا فِي ٱلۡأٓخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَآ إِلَى ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ هُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ
ئەمەلىيەتتە سىلەر مېنى ئىمان ئېيتىشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ دۇئا قىلىنىشقا لاياقىتى يوق. چۈنكى ئۇ دۇئا قىلغانلارغا ئىجابەت قىلالمايدۇ. شەكسىزكى بىز ھەممىمىز يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىمىز. كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردە ھەددىدىن ئاشقانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىشى كەسكىن بولغانلاردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَسَتَذۡكُرُونَ مَآ أَقُولُ لَكُمۡۚ وَأُفَوِّضُ أَمۡرِيٓ إِلَى ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَصِيرُۢ بِٱلۡعِبَادِ
ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ نەسىھىتىگە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى: ئۇزۇنغا قالماي قىلغان نەسىھەتلىرىمنى ئەسلەپ، ئۇنى قوبۇل قىلمىغانلىقىڭلارغا ھەسرەت چېكىسىلەر. مەن پۈتۈن ئىشىلىرىمنى يالغۇز ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. شەكسىزكى ئاللاھقا بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَوَقَىٰهُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِ مَا مَكَرُواْۖ وَحَاقَ بِـَٔالِ فِرۡعَوۡنَ سُوٓءُ ٱلۡعَذَابِ
پىرئەۋن جامائەسى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ئاللاھ ئۇنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن ساقلاپ قالدى. پىرئەۋن تەۋەلىكى سۇغا غەرق بولدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى مۇشۇ دۇنيادا غەرق قىلىۋەتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلنَّارُ يُعۡرَضُونَ عَلَيۡهَا غُدُوّٗا وَعَشِيّٗاۚ وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ أَدۡخِلُوٓاْ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ أَشَدَّ ٱلۡعَذَابِ
ئۇلار ئۆلگىنىدىن كېيىن قەبرىلىرىدە ئەتىگەن - ئاخشامدا ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا: ئەي پىرئەۋننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى! دۇنيادا كاپىر بولۇپ، ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرىڭلار، دېيىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ يَتَحَآجُّونَ فِي ٱلنَّارِ فَيَقُولُ ٱلضُّعَفَٰٓؤُاْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا كُنَّا لَكُمۡ تَبَعٗا فَهَلۡ أَنتُم مُّغۡنُونَ عَنَّا نَصِيبٗا مِّنَ ٱلنَّارِ
ئى پەيغەمبەر! (ئىنسانلارغا) سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۇ چاغدا دوزاخ ئەھلىدىن ئەگەشكۈچىلەر بىلەن ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئۆزئارا دەتالاش قىلىشىپ، بوزەك قىلىنغان ئەگەشكۈچىلەر تەكەببۇر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: شۈبھىسىزكى، بىز دۇنيادا سىلەرگە ئازغۇنلۇقتا ئەگەشكۈچىلەر ئىدۇق، ئەمدى سىلەر بىزدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق بولسىمۇ ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟ دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا كُلّٞ فِيهَآ إِنَّ ٱللَّهَ قَدۡ حَكَمَ بَيۡنَ ٱلۡعِبَادِ
ھاكاۋۇر ئەگەشتۈرگۈچىلەر: بىز (مەيلى ئەگەشكۈچى بولايلى ياكى ئەگەشتۈرگۈچى بولايلى) شەكسىز دوزاخقا كىرىمىز. بىزدىن ھېچكىم ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ئازراقمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالالمايدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر كىمگە تېگىشلىك جازاسىنى بەردى، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ فِي ٱلنَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ٱدۡعُواْ رَبَّكُمۡ يُخَفِّفۡ عَنَّا يَوۡمٗا مِّنَ ٱلۡعَذَابِ
ئەگەشكۈچى ۋە ئەگەشتۈرگۈچىلەردىن دوزاختا ئازابقا مەھكۇم بولغانلار دوزاختىن چىقىپ، تەۋبە قىلىۋېلىش ئۈچۈن ھاياتىي دۇنياغا قايتىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن چاغدا دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلساڭلار، بىزدىن بۇ داۋاملىق ئازابتىن بىرەر كۈنلۈك ئازابنى بولسىمۇ يېنىكلەتكەن بولسا، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أهمية التوكل على الله.
ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

• نجاة الداعي إلى الحق من مكر أعدائه.
ھەقىقەتكە چاقىرغۇچى دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن قۇتۇلىدۇ.

• ثبوت عذاب البرزخ.
بەرزەخ ئازابى ھەقىقەتتۇر.

• تعلّق الكافرين بأي سبب يريحهم من النار ولو لمدة محدودة، وهذا لن يحصل أبدًا.
كاپىرلار ئۆزلىرىنى ئازراق ۋاقىت بولسىمۇ دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇشقا بار ئاماللارنى ئىشقا سالغان تەقدردىمۇ، بۇ قەتئىي كارغا كەلمەيدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: غاپىر
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش