قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (85) سۈرە: سۈرە غاپىر
فَلَمۡ يَكُ يَنفَعُهُمۡ إِيمَٰنُهُمۡ لَمَّا رَأَوۡاْ بَأۡسَنَاۖ سُنَّتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي قَدۡ خَلَتۡ فِي عِبَادِهِۦۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلۡكَٰفِرُونَ
ئۇلارنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمىدى. ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولماسلىقى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە تۇتقان يولىدۇر. كاپىرلار ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئازابنى كۆرۈشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازاب كەلگەن چاغدا ھالاكەتكە دۇچار بولۇش ئارقىلىق زىيان تارتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• لله رسل غير الذين ذكرهم الله في القرآن الكريم نؤمن بهم إجمالًا.
ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئالغىنىدىن باشقا پەيغەمبەرلىرىمۇ بار بولۇپ، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىمىز.

• من نعم الله تبيينه الآيات الدالة على توحيده.
ئاللاھ ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئايەتلەرنى بايان قىلىشى ئۇنىڭ نېئمەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• خطر الفرح بالباطل وسوء عاقبته على صاحبه.
باتىلغا خۇشال بولۇش خەتەرلىك، ئاقىۋىتى ئېچىنىشلىقتۇر.

• بطلان الإيمان عند معاينة العذاب المهلك.
ھالاك قىلغۇچى ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (85) سۈرە: سۈرە غاپىر
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

تاقاش