Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: جاسىيە   ئايەت:
وَبَدَا لَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا عَمِلُواْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
ئۇلارغا دۇنيادا قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ئاشكارا بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا مەسخىرە قىلغان ئازاب چۈشتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقِيلَ ٱلۡيَوۡمَ نَنسَىٰكُمۡ كَمَا نَسِيتُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَا وَمَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّٰصِرِينَ
ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: خۇددى سىلەر مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ، ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق بۇ كۈن ئۈچۈن تەييارلىق قىلمىغىنىڭلاردەك، بۈگۈن بىزمۇ سىلەرنى دوزاخقا تاشلىۋېتىپ (ئۇنتۇيمىز). سىلەرنىڭ بارىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر. سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى قايتۇرالايدىغان ياردەمچىڭلار بولمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ذَٰلِكُم بِأَنَّكُمُ ٱتَّخَذۡتُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ هُزُوٗا وَغَرَّتۡكُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَاۚ فَٱلۡيَوۡمَ لَا يُخۡرَجُونَ مِنۡهَا وَلَا هُمۡ يُسۡتَعۡتَبُونَ
سىلەرنىڭ بۇنداق ئازابقا قېلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋېلىپ، دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەت ھەم ئەيش - ئىشرەتلىرىگە ئالدىنىپ قالغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىندۇر. ئەمدى بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغان بۇ كاپىرلار دوزاختىن چىقالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار دوزاختا مەڭگۈدىن - مەڭگۈگە قېپقالىدۇ، ياخشى ئەمەل قىلىۋېلىش ئۈچۈن ھاياتىي دۇنياغىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ، پەرۋەردىگارىمۇ ئۇلاردىن رازى بولمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَلِلَّهِ ٱلۡحَمۡدُ رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَرَبِّ ٱلۡأَرۡضِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان يېگانە ئاللاھقا خاستۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَهُ ٱلۡكِبۡرِيَآءُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ھەم بۈيۈكلۈك پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئۈستۈنلۈك قازىنالمايدۇ. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، پىلانلىشىدا ۋە شەرىئەت يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الاستهزاء بآيات الله كفر.
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىش كۇپۇرلۇقتۇر.

• خطر الاغترار بلذات الدنيا وشهواتها.
دۇنيانىڭ لەززەت ۋە شەھۋەتلىرىگە ئالدىنىش خەتەرلىكتۇر.

• ثبوت صفة الكبرياء لله تعالى.
ئاللاھ تائالانىڭ ئەلكىبرىيا سۈپىتى سابىتتۇر.

• إجابة الدعاء من أظهر أدلة وجود الله سبحانه وتعالى واستحقاقه العبادة.
دۇئا - تىلەكلەرنىڭ ئىجابەت قىلىنىشى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق زات ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: جاسىيە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش