Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: پەتىھ   ئايەت:
قُل لِّلۡمُخَلَّفِينَ مِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ سَتُدۡعَوۡنَ إِلَىٰ قَوۡمٍ أُوْلِي بَأۡسٖ شَدِيدٖ تُقَٰتِلُونَهُمۡ أَوۡ يُسۡلِمُونَۖ فَإِن تُطِيعُواْ يُؤۡتِكُمُ ٱللَّهُ أَجۡرًا حَسَنٗاۖ وَإِن تَتَوَلَّوۡاْ كَمَا تَوَلَّيۡتُم مِّن قَبۡلُ يُعَذِّبۡكُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئەئرابىيلار ئىچىدىن سەن بىلەن مەككىگە بېرىشتىن ئايرىلىۋالغانلارغا سىناش ئۈچۈن ئېيتقىنكى، سىلەر ئۇزۇنغا قالماي جەڭ قىلىشتا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر قەۋمگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، ئۇلارغا قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىسىلەر ياكى ئۇلار ئۇرۇشسىزلا ئىسلامغا كىرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى چاقىرغان بۇ ئىشتا ئاللاھقا ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە جەننەتتىن ئىبارەت ياخشى مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر -بۇندىن ئىلگىرى پەيغەمبەر بىلەن مەككىگە بېرىشتىن ئايرىلىۋالغىنىڭلاردەك- ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَّيۡسَ عَلَى ٱلۡأَعۡمَىٰ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡأَعۡرَجِ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡمَرِيضِ حَرَجٞۗ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَمَن يَتَوَلَّ يُعَذِّبۡهُ عَذَابًا أَلِيمٗا
ئەمالىق، توكۇرلۇق ياكى بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆزرىلىك بولغان كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن قېپقالسا گۇناھكار بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ لَّقَدۡ رَضِيَ ٱللَّهُ عَنِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ إِذۡ يُبَايِعُونَكَ تَحۡتَ ٱلشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمۡ فَأَنزَلَ ٱلسَّكِينَةَ عَلَيۡهِمۡ وَأَثَٰبَهُمۡ فَتۡحٗا قَرِيبٗا
ئاللاھ تائالا ھۇدەيبىيەدە دەرەخ ئاستىدا رىزۋان بەيئىتىنى بېرىۋاتقان مۇئمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى ئىمان، سەمىمىيەت ۋە راستچىللىقنى بىلگەچكە، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى ھەمدە ئۇلارنى ئاشۇ بەيئەت يۈزىسىدىن، ئۇلارنىڭ مەككىگە كىرەلمىگەنلىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يېقىنقى غەلىبە خەيبەرنىڭ پەتھىسى بىلەن مۇكاپاتلىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَغَانِمَ كَثِيرَةٗ يَأۡخُذُونَهَاۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمٗا
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا خەيبەرلىكلەردىن ئالىدىغان كۆپلىگەن غەنىمەتلەرنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ تائالا ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان ھەممىدىن غالىب زاتتۇر، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَعَدَكُمُ ٱللَّهُ مَغَانِمَ كَثِيرَةٗ تَأۡخُذُونَهَا فَعَجَّلَ لَكُمۡ هَٰذِهِۦ وَكَفَّ أَيۡدِيَ ٱلنَّاسِ عَنكُمۡ وَلِتَكُونَ ءَايَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ وَيَهۡدِيَكُمۡ صِرَٰطٗا مُّسۡتَقِيمٗا
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە كۆپلىگەن غەنىمەتلەرنى ۋەدە قىلدىكى، ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى ئىسلامىي پەتىھلەر ئارقىلىق ئالىسىلەر. ئاللاھ سىلەرنى خەيبەر غەنىمىتىگە تېزلا ئېرىشتۈردى. سىلەر خەيبەرگە كەتكەندىن كېيىن يەھۇدىيلار بالا - چاقىلىرىڭلارغا چېقىلماقچى بولۇۋېدى، ئاللاھ ئۇلارنى توسۇپ قالدى. تېز قولغا كەلگەن بۇ غەنىمەتلەر سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ، شۇنداقلا سىلەرنى ئەگرىلىك بولمىغان تۈپتۈز يولغا يېتەكلەيدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولسۇن ئۈچۈندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأُخۡرَىٰ لَمۡ تَقۡدِرُواْ عَلَيۡهَا قَدۡ أَحَاطَ ٱللَّهُ بِهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٗا
ئاللاھ تائالا سىلەرگە يەنە باشقا غەنىمەتلەرنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، سىلەر بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارغا ئېرىشەلمەيتتىڭلار. يەككە - يېگانە ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە قادىردۇر، شۇنداقلا غەنىمەتنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە پىلانى ئىچىدىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىر، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدىغان زاتتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَوۡ قَٰتَلَكُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوَلَّوُاْ ٱلۡأَدۡبَٰرَ ثُمَّ لَا يَجِدُونَ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
ئەي مۇئمىنلەر! ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار سىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىپ قالسا، چوقۇم ئالدىڭلارغا كىرىپ مەغلۇب بولغان ھالدا قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا ئىگە بولىدىغان بىرەر ئىگە، سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان بىرەر ياردەمچىمۇ تاپالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
سُنَّةَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلُۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ ٱللَّهِ تَبۡدِيلٗا
ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە مۇئمىنلەرنىڭ غەلىبە قىلىپ، كاپىرلارنىڭ مەغلۇب بولىدىغانلىقى ئېنىق، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئىنكارچىلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىكى قانۇنىيىتىدۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• إخبار القرآن بمغيبات تحققت فيما بعد - مثل الفتوح الإسلامية - دليل قاطع على أن القرآن الكريم من عند الله.
قۇرئان كەرىمنىڭ -ئىسلامىي پەتھىلەرگە ئوخشاش- كېيىن يۈز بېرىدىغان غەيىب ئىشلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل بولغانلىقىنىڭ كەسكىن دەلىلىدۇر.

• تقوم أحكام الشريعة على الرفق واليسر.
شەرىئەت ھۆكۈملىرى مېھرىبانلىق ۋە قولايلىقنى ئاساس قىلىدۇ.

• جزاء أهل بيعة الرضوان منه ما هو معجل، ومنه ما هو مدَّخر لهم في الآخرة.
رىزۋان بەيئىتىگە قاتناشقانلار ئىچىدىن مۇشۇ دۇنيادىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرمۇ بار، مۇكاپاتى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلگەنلەرمۇ بار.

• غلبة الحق وأهله على الباطل وأهله سُنَّة إلهية.
ھەق ۋە ھەقدرلارنىڭ ناھەق ۋە ناھەقچىلەر ئۈستىدىن ھامىنى غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئىلاھىي بىر قانۇنىيەتتۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: پەتىھ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش