Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ئەنئام   ئايەت:
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَمۡ يَلۡبِسُوٓاْ إِيمَٰنَهُم بِظُلۡمٍ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلۡأَمۡنُ وَهُم مُّهۡتَدُونَ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان ھەمدە ئىمانىغا شېرىكنى ئارىلاشتۇرۇپ سالمىغان كىشىلەرگىلا خاتىرجەملىك ۋە تىنچ-ئامانلىق بار. ئۇلار پەرۋەردىگارى ھىدايەت يولىغا مۇۋەپپەق قىلغان كىشىلەردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَتِلۡكَ حُجَّتُنَآ ءَاتَيۡنَٰهَآ إِبۡرَٰهِيمَ عَلَىٰ قَوۡمِهِۦۚ نَرۡفَعُ دَرَجَٰتٖ مَّن نَّشَآءُۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٞ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى مات قىلىۋەتكەن «ئىككى گۇرۇھنىڭ قايسىسى خاتىرجەم بولۇشقا لايىقراق؟» دېگەن بۇ پاكىت بىزنىڭ پاكىتىمىزدۇركى، بىز ئۇنى ئىبراھىمغا ئۆز قەۋمى بىلەن مۇنازىرىلەشسۇن دەپ بەرگەن ئىدۇق. بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ يارىتىشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنى بىلگۈچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَوَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۚ كُلًّا هَدَيۡنَاۚ وَنُوحًا هَدَيۡنَا مِن قَبۡلُۖ وَمِن ذُرِّيَّتِهِۦ دَاوُۥدَ وَسُلَيۡمَٰنَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَٰرُونَۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
بىز ئىبراھىمغا ئوغلى ئىسھاقنى ۋە نەۋرىسى يەئقۇبنى بەردۇق، ھەر ئىككىلىسىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق، ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق، نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن داۋۇدنى، ئوغلى سۇلايماننى، ئەييۇبنى، يۈسۈفنى، مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. بىز پەيغەمبەرلەرنى قىلغان ياخشىلىقلىرىغا قارىتا مۇكاپاتلىغىنىمىزغا ئوخشاش، پەيغەمبەر بولمىغانلاردىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلايمىز.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَزَكَرِيَّا وَيَحۡيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلۡيَاسَۖ كُلّٞ مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
ئەنە شۇنىڭدەك، بىز زەكەرىيا، يەھيا، مەريەم ئوغلى ئىيسا ۋە ئىلياسلارنىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئەلچىلىككە تاللىغان ياخشى كىشىلەردىندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِسۡمَٰعِيلَ وَٱلۡيَسَعَ وَيُونُسَ وَلُوطٗاۚ وَكُلّٗا فَضَّلۡنَا عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
يەنە شۇنىڭدەك ئىسمائىل، يەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. مۇھەممەد پەيغەمبەر باشچىلىقىدىكى بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنى پۈتكۈل ئەھلى جاھاندىن پەزىلەتتە ئارتۇق قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمِنۡ ءَابَآئِهِمۡ وَذُرِّيَّٰتِهِمۡ وَإِخۡوَٰنِهِمۡۖ وَٱجۡتَبَيۡنَٰهُمۡ وَهَدَيۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
بىز ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن بىر قىسمىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى خالىغان كىشىلەردىن قىلدۇق ۋە ئۇلارنى تاللاپ، ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانلىكى ۋە ئىتائىتىنىڭ يولى بولغان بىردىنبىر توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ذَٰلِكَ هُدَى ٱللَّهِ يَهۡدِي بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۚ وَلَوۡ أَشۡرَكُواْ لَحَبِطَ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۇلار ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدۇركى، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا باشقا بىرىنى شېرىك قىلسا ئەمەللىرى بىكار بوپكېتىدۇ. چۈنكى شېرىك ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحُكۡمَ وَٱلنُّبُوَّةَۚ فَإِن يَكۡفُرۡ بِهَا هَٰٓؤُلَآءِ فَقَدۡ وَكَّلۡنَا بِهَا قَوۡمٗا لَّيۡسُواْ بِهَا بِكَٰفِرِينَ
ئاشۇ مەزكۇر پەيغەمبەرلەرگە بىز كىتابلارنى بەردۇق، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق. ئەگەر قەۋمىڭ بىز ئۇلارغا بەرگەن مۇشۇ ئۈچ نەرسىگە ئىنكار قىلسا، بۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئۇلارغا ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمنى تەق قىلىپ قويدۇق. ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ ۋە مەھكەم ئېسىلىدۇ. ئۇلار مۇھاجىرلار، ئەنسارلار ۋە تا قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئېھسان بىلەن ئەگەشكەنلەردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ هَدَى ٱللَّهُۖ فَبِهُدَىٰهُمُ ٱقۡتَدِهۡۗ قُل لَّآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ أَجۡرًاۖ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرَىٰ لِلۡعَٰلَمِينَ
ئاشۇ پەيغەمبەرلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن شۇلار بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغانلار ھەقىقىي توغرا يولدىكى كىشىلەر بولۇپ، سەنمۇ شۇلارغا ئەگىشىپ، شۇلارنى ئۈلگە قىلغىن. ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە ئېيتقىنكى، مەن بۇ قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا قارىتا سىلەردىن مۇكاپات كۈتمەيمەن. چۈنكى بۇ قۇرئان ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن ئىبارەت پۈتكۈل ئەھلى جاھانغا پەند-نەسىھەتتۇركى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق توغرا ۋە ساغلام يولنى تېپىۋالسۇن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من فضائل التوحيد أنه يضمن الأمن للعبد، خاصة في الآخرة حين يفزع الناس.
بولۇپمۇ ئاخىرەتتە ھەممەيلەن قايغۇغا چۈمگەن ۋاقىتتا بەندىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەۋھىدنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن بىرىدۇر.

• تُقَرِّر الآيات أن جميع من سبق من الأنبياء إنما بَلَّغوا دعوتهم بتوفيق الله تعالى لا بقدرتهم.
بۇ ئايەتلەر ئىلگىرىكى پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئۆز كۈچى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئادا قىلالىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

• الأنبياء يشتركون جميعًا في الدعوة إلى توحيد الله تعالى مع اختلاف بينهم في تفاصيل التشريع.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىبادەت قىلىش يوللىرى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە دەۋەت قىلىشتا ئورتاقلىققا ئىگىدۇر.

• الاقتداء بالأنبياء سنة محمودة، وخاصة في أصول التوحيد.
بولۇپمۇ تەۋھىدنىڭ ئاساسىدا پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىش تەقدىرلىنىدىغان يولدۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: ئەنئام
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش