Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (4) سۈرە: ئەنئام
وَمَا تَأۡتِيهِم مِّنۡ ءَايَةٖ مِّنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِمۡ إِلَّا كَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ
مۇشرىكلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن قانداق بىر دەلىل-پاكىت كەلسىلا ئۇلار ئۇنى پەرۋاسىزلىق بىلەن چۆرۈۋېتىدۇ. بولمىسا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان روشەن مۆجىزىلەر ۋە ئوپئوچۇق دەلىل-پاكتلار ھەمدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىغىمۇ ئايەتلەر كەلگەن ئىدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلار بۇ مۆجىزىلەر ۋە دەلىل-پاكىتلاردىن پەرۋاسىزلارچە يۈز ئۆرۈيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• شدة عناد الكافرين، وبيان إصرارهم على الكفر على الرغم من قيام الحجة عليهم بالأدلة الحسية.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر كاپىرلارغا ماددىي دەلىل-پاكىتلار كەلتۈرۈلگەن بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ يەنىلا تەرسالىق قىلىدىغانلىقى ۋە كۇپرى ئۈستىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

• التأمل في سنن الله تعالى في السابقين لمعرفة أسباب هلاكهم والحذر منها.
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبلىرىنى تونۇپ يېتىپ، شۇلارغا ئوخشاش ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ.

• من رحمة الله بعباده أن لم ينزل لهم رسولًا من الملائكة لأنهم لا يمهلون للتوبة إذا نزل.
پەرىشتە چۈشكەن چاغدا كاپىرلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ پەرشىتىلەر ئىچىدىن بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىگەنلىكى بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (4) سۈرە: ئەنئام
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش