Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (74) سۈرە: ئەنئام
۞ وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِيمُ لِأَبِيهِ ءَازَرَ أَتَتَّخِذُ أَصۡنَامًا ءَالِهَةً إِنِّيٓ أَرَىٰكَ وَقَوۡمَكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
ئەي پەيغەمبەر! (قەۋمىڭگە مۇنۇ ۋەقەلىكنى) سۆزلەپ بەرگىن: ئەينى ۋاقىتتا ئىبراھىم مۇشرىك دادىسى ئازەرگە: ئەي ئاتا، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى سىغىنىدىغان ئىلاھ قىلىۋالامسەن؟ ھەقىقەتەن مەن سېنى ۋە بۇتلارغا سىغىنىۋاتقان قەۋمىڭنى، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا سىغىنغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ۋە توغرا يولدىن ئادىشىپ قالغان دەپ قارايمەن. چۈنكى سىغىنىشقا ھەقىقىي لايىق زات بارچە ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك بولغان ئاللاھ تائالادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ساختا ئىلاھلاردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الاستدلال على الربوبية بالنظر في المخلوقات منهج قرآني.
يۇقىرىقى ئايەتلەر قۇرئاننىڭ مېتودىنىڭ مەخلۇقاتلار ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا دەلىل تېپىپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• الدلائل العقلية الصريحة توصل إلى ربوبية الله.
يارقىن ئەقلىي دەلىللەر ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (74) سۈرە: ئەنئام
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش