Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (1) سۈرە: جۇمۇئە

جۇمۇئە

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
الامتنان على الأمة وتفضيلها برسولها، وبيان فضل يوم الجمعة.
ئۈممەتكە ياخشىلىق قىلىش، ئۇ ئۇممەتنى ئۇلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بىلەن پەزىلەتلىك قىلىش ۋە جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى.

يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡمَلِكِ ٱلۡقُدُّوسِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقات ئاللاھنى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا نالايىق ھەر قانداق ئەيىب - نۇقساندىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە مۈلكىدە يەككە - يېگانىدۇر. ھەر قانداق ئەيىب - نۇقساندىن پاكتۇر. ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر. يارىتىشىدا، ئەمىر - پەرمانلىرىدا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• عظم منة النبي صلى الله عليه وسلم على البشرية عامة وعلى العرب خصوصًا، حيث كانوا في جاهلية وضياع.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئومۇمەتەن پۈتكۈل ئىنسانلارغا، خۇسۇسەن ئەرەبلەرگە كاتتا نېئمەتتۇر. چۈنكى ئىنسانلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن جاھىلىيەت ۋە ئازغۇنلۇقتا ئىدى.

• الهداية فضل من الله وحده، تطلب منه وتستجلب بطاعته.
ھىدايەت دېگەن پەقەت يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولۇپ، پەقەت شۇنىڭدىنلا تىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق تەلەپ قىلىنىدۇ.

• تكذيب دعوى اليهود أنهم أولياء الله؛ بتحدّيهم أن يتمنوا الموت إن كانوا صادقين في دعواهم لأن الولي يشتاق لحبيبه.
يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەۋېلىشلىرى ئۇلارغا ئەگەر ئاشۇ دەۋاسىدا راستچىل بولسا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق يالغانلىقى ئىسپاتلاندى. چۈنكى دوست دېگەن ئۆز دوستىغا تەلپۈنۈپ تۇرىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (1) سۈرە: جۇمۇئە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش