Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (105) سۈرە: ئەئراپ
حَقِيقٌ عَلَىٰٓ أَن لَّآ أَقُولَ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّۚ قَدۡ جِئۡتُكُم بِبَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ فَأَرۡسِلۡ مَعِيَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
مۇسا ئېيتتى: مەن ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن چاغدا ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن راستچىللىقىمنى ۋە پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىلەن بىرگە ئىسرائىل ئەۋلادىنى ۋە ئۇلاردىن ئىلىنغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بەرگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من حكمة الله ورحمته أن جعل آية كل نبي مما يدركه قومه، وقد تكون من جنس ما برعوا فيه.
ئاللاھنىڭ ھەر بىر پەيغەمبەرگە قەۋمى بىلەلەيدىغان بىر مۆجىزىنى ئاتا قىلغانلىقى، مۆجىزىنىڭ ئۇلار ياخشى بىلىدىغان ئىشلاردا بولىشى ئاللاھنىڭ ھىكمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• أنّ فرعون كان عبدًا ذليلًا مهينًا عاجزًا، وإلا لما احتاج إلى الاستعانة بالسحرة في دفع موسى عليه السلام.
پىرئەۋن ھەقىقەتەن خار ئاجىز بەندىدۇر، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئىدى مۇساغا قارشى تۇرۇشتا سېھىرگەرلەردىن ياردەم سورىمىغان بولاتتى.

• يدل على ضعف السحرة - مع اتصالهم بالشياطين التي تلبي مطالبهم - طلبهم الأجر والجاه عند فرعون.
سېھىرگەرلەرنىڭ تەلەپلىرىنى شەيتانلار ئۇرۇنداپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ پىرئەۋندىن مۇكاپات ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز-ئابروي سورىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (105) سۈرە: ئەئراپ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش