قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (12) سۈرە: سۈرە ئەئراپ
قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسۡجُدَ إِذۡ أَمَرۡتُكَۖ قَالَ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡهُ خَلَقۡتَنِي مِن نَّارٖ وَخَلَقۡتَهُۥ مِن طِينٖ
ئاللاھ تائالا ئىبلىسقا كايىپ: ئادەمگە سەجدە قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقۇمنى بەجا كەلتۈرۈشتىن سېنى نېمە توستى؟ دېدى. ئىبلىس رەببىگە جاۋابەن: مېنىڭ ئادەمدىن ئارتۇقلۇقۇم توسۇپ قويدى، چۈنكى سەن مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ، ئوت لايدىن ھۆرمەتلىكراقتۇر، دېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• دلّت الآيات على أن من عصى مولاه فهو ذليل.
بۇ ئايەتلەر ئىگىسىگە ئاسىي بولغان قۇلنىڭ خارلىققا مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

• أعلن الشيطان عداوته لبني آدم، وتوعد أن يصدهم عن الصراط المستقيم بكل أنواع الوسائل والأساليب.
شەيتان ئادەم بالىلىرىغا دۈشمەنلىكىنى ئېلان قىلدى، پۈتۈن ۋاسىتىلەر بىلەن توغرا يولدىن توسىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى.

• خطورة المعصية وأنها سبب لعقوبات الله الدنيوية والأخروية.
گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ خەتىرى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك جازاسىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (12) سۈرە: سۈرە ئەئراپ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

تاقاش