قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (123) سۈرە: سۈرە ئەئراپ
قَالَ فِرۡعَوۡنُ ءَامَنتُم بِهِۦ قَبۡلَ أَنۡ ءَاذَنَ لَكُمۡۖ إِنَّ هَٰذَا لَمَكۡرٞ مَّكَرۡتُمُوهُ فِي ٱلۡمَدِينَةِ لِتُخۡرِجُواْ مِنۡهَآ أَهۡلَهَاۖ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ
سېھرىگەرلەر بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىدىن كېيىن پىرئەۋن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: سىلەر مەن رۇخسەت قىلىشتىن ئىلگىرى مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، سىلەرنىڭ مۇسا ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىيمان ئېيتىشىڭلار شەھەر ئاھالىسىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مۇسا بىلەن بىرلىشىپ پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. ئى سېھرىگەرلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارغا چۈشىدىغان ئازاب ۋە دۇچار بولىدىغان جازانى ئۇزاققا قالماي بېلىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• موقف السّحرة وإعلان إيمانهم بجرأة وصراحة يدلّ على أنّ الإنسان إذا تجرّد عن هواه، وأذعن للعقل والفكر السّليم بادر إلى الإيمان عند ظهور الأدلّة عليه.
سېھرىگەرلەرنىڭ پوزتسىيىسى ۋە ئۇلارنىڭ جۈرئەتلىك ھالدا ئىماننى ئاشكارىلىشى، ئىنسان ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشمەي ساغلام پىكىر ۋە ئەقىلگە بويسۇنسا دەلىللەر ئاشكارا بولغان چاغدا تىزلا ھەقنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.

• أهل الإيمان بالله واليوم الآخر هم أشدّ الناس حزمًا، وأكثرهم شجاعة وصبرًا في أوقات الأزمات والمحن والحروب.
مۆئمىنلەر قىيىنچىلىق، سىناق ۋە ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئەڭ ئىرادىلىك، ئەڭ باتۇر ۋە ئەڭ سەۋىرچان كىشىلەردۇر.

• المنتفعون من السّلطة يُحرِّضون ويُهيِّجون السلطان لمواجهة أهل الإيمان؛ لأن في بقاء السلطان بقاء لمصالحهم.
ھاكىميەتتىن پايدىلانغۇچىلار پادىشاھنى ئەھلى ئىمان كىشىلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈشكۈرتىدۇ، چۈنكى پادىشاھنىڭ ھاكىمىيەتتە داۋاملىق قېلىپ قېلىشى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ داۋاملىشىنىڭ كاپالىتىدۇر.

• من أسباب حبس الأمطار وغلاء الأسعار: الظلم والفساد.
زۇلۇم ۋە بۇزغۇنچىلىق يامغۇر ياغماي بازار باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (123) سۈرە: سۈرە ئەئراپ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

تاقاش