Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (13) سۈرە: ئەئراپ
قَالَ فَٱهۡبِطۡ مِنۡهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَن تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَٱخۡرُجۡ إِنَّكَ مِنَ ٱلصَّٰغِرِينَ
ئاللاھ ئىبلىسقا ئېيتتى: جەننەتتىن چۈشۈپ كەت، سېنىڭ بۇ يەردە تەكەببۇرلۇق قىلىش ھەققىڭ يوق، چۈنكى بۇ ياخشى، ئېسىل كىشىلەر تۇرىدىغان جايدۇر، شۇڭا سەن بۇ يەردە تۇرۇشقا لايىق ئەمەس. ئىبلىس! سەن ئۆزۈڭنى ئادەمدىن ھەر قانچە ھۆرمەتلىك دەپ قارىساڭمۇ، يەنىلا ھېچنېمىگە ئەرزىمەس، خار بولغۇچىلاردىنسەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• دلّت الآيات على أن من عصى مولاه فهو ذليل.
بۇ ئايەتلەر ئىگىسىگە ئاسىي بولغان قۇلنىڭ خارلىققا مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

• أعلن الشيطان عداوته لبني آدم، وتوعد أن يصدهم عن الصراط المستقيم بكل أنواع الوسائل والأساليب.
شەيتان ئادەم بالىلىرىغا دۈشمەنلىكىنى ئېلان قىلدى، پۈتۈن ۋاسىتىلەر بىلەن توغرا يولدىن توسىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى.

• خطورة المعصية وأنها سبب لعقوبات الله الدنيوية والأخروية.
گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ خەتىرى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك جازاسىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (13) سۈرە: ئەئراپ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش