Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (57) سۈرە: ئەئراپ
وَهُوَ ٱلَّذِي يُرۡسِلُ ٱلرِّيَٰحَ بُشۡرَۢا بَيۡنَ يَدَيۡ رَحۡمَتِهِۦۖ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَقَلَّتۡ سَحَابٗا ثِقَالٗا سُقۡنَٰهُ لِبَلَدٖ مَّيِّتٖ فَأَنزَلۡنَا بِهِ ٱلۡمَآءَ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦ مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ كَذَٰلِكَ نُخۡرِجُ ٱلۡمَوۡتَىٰ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ
ئاللاھ تائالا يامغۇر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، نىھايەت شاماللار سۇ بىلەن ئېغىرلاشقان بۇلۇتلارنى ئېلىپ ماڭغان چاغدا بۇلۇتلارنى قۇرغاق شەھەرلەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ شەھەرلەرگە يامغۇر ياغدۇرىمىز. ئاندىن بىز يامغۇر سۈيى ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز. بىز مېۋىلەرنى قانداق شەكىلدە چىقارغان بولساق، ئۆلۈكلەرنىمۇ قەبرىلىرىدىن تىرىك ھالەتتە چىقىرىمىز. ئەي ئىنسانلار! بىز بۇ ئىشلارنى سىلەرنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە تەڭداشسىز سەنئىتىدىن ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىدىن ئىبرەت ئالسۇن دەپ قىلدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• القرآن الكريم كتاب هداية فيه تفصيل ما تحتاج إليه البشرية، رحمة من الله وهداية لمن أقبل عليه بقلب صادق.
قۇرئان كەرىم ھىدايەت كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭدا پۈتكۈل ئىنسانىيەت موھتاج بولىدىغان تەپسىلاتلار بار. ئۇ سەمىمىي قەلب بىلەن يۈزلەنگەنلەرگە ئالاھنىڭ رەھمىتى ۋە ھىدايىتىدۇر.

• خلق الله السماوات والأرض في ستة أيام لحكمة أرادها سبحانه، ولو شاء لقال لها: كوني فكانت.
ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆزى خالىغان ھېكمەت بويىچە ئالتە كۈندە ياراتتى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دەيتتى - دە، ئۇ شۇ ھامانلا ۋۇجۇدقا كېلەتتى.

• يتعين على المؤمنين دعاء الله تعالى بكل خشوع وتضرع حتى يستجيب لهم بفضله.
ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلار ئاللاھقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشلىرى كېرەك.

• الفساد في الأرض بكل صوره وأشكاله منهيٌّ عنه.
يەر يۈزىدە ھەر قانداق بۇزقچىلىق چەكلەنگەندۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (57) سۈرە: ئەئراپ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش