Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (72) سۈرە: ئەئراپ
فَأَنجَيۡنَٰهُ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥ بِرَحۡمَةٖ مِّنَّا وَقَطَعۡنَا دَابِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَاۖ وَمَا كَانُواْ مُؤۡمِنِينَ
بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى رەھمىتىمىز بىلەن خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈردۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تۈپ يىلتىزىدىن ھالاك قىلدۇق. ئۇلار مۇئمىن ئەمەس، ئەكسىچە ئىنكار قىلغۇچىلار ئىدى. شۇڭا ئازابقا لايىق بولدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• ينبغي التّحلّي بالصبر في الدعوة إلى الله تأسيًا بالأنبياء عليهم السلام.
ئاللاھقا دەۋەت قىلىشتا پەيغەمبەرلەرنى ئۈلگە قىلىپ سەۋرچان بولۇش كېرەك.

• من أولويات الدعوة إلى الله الدعوة إلى عبادة الله وحده لا شريك له، ورفض الإشراك به ونبذه.
شېرىكى بولمىغان، يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىش، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشنى رەت قىلىش ۋە چۆرۈپ تاشلاش ئاللاھقا قىلىنغان دەۋەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدىندۇر.

• الاغترار بالقوة المادية والجسدية يصرف صاحبها عن الاستجابة لأوامر الله ونواهيه.
ماددىي كۈچكە ۋە بەدەننىڭ كۈچىگە ئىشىنىپ كېتىش ئۆز ساھىبىنى ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ۋە چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇشتىن چەكلەپ قويىدۇ.

• النبي يكون من جنس قومه، لكنه من أشرفهم نسبًا، وأفضلهم حسبًا، وأكرمهم مَعْشرًا، وأرفعهم خُلُقًا.
پەيغەمبەر دېگەن ئۆز قەۋمىنىڭ جىنسىدىن بولىدۇ، لېكىن نەسەب جەھەتتە ئەڭ ئېسىل، ئەڭ شۆھرەتلىك، ئەڭ ھۆرمەتلىك ۋە ئەڭ ئەخلاقلىق بولىدۇ.

• الأنبياء وورثتهم يقابلون السّفهاء بالحِلم، ويغضُّون عن قول السّوء بالصّفح والعفو والمغفرة.
پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىزباسارلىرى نادانلارغا ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق ۋە كەچۈرۈمچانلىق بىلەن سەت سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى ئايەت: (72) سۈرە: ئەئراپ
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش