Check out the new design

قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: مۇزەممىل   ئايەت:

مۇزەممىل

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
بيان الأسباب المعينة على القيام بأعباء الدعوة.
دەۋەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان سەۋەپلەرنىڭ بايانى .

يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمُزَّمِّلُ
ئى كىيىمىگە يۆگىنىۋالغۇچى! (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى).
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُمِ ٱلَّيۡلَ إِلَّا قَلِيلٗا
كېچىدە مەلۇم ۋاقىت ئۇخلاپ، كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىن ئازراقىدا، ھەتتا ئۈچتىن بىرىدە ياكى ئۈچتىن ئىككىسىگە قەدەر ناماز ئوقۇغىن. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغان ۋاقتىڭدا ئالدىرىماي، دانىمۇ-دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
نِّصۡفَهُۥٓ أَوِ ٱنقُصۡ مِنۡهُ قَلِيلًا
كېچىدە مەلۇم ۋاقىت ئۇخلاپ، كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىن ئازراقىدا، ھەتتا ئۈچتىن بىرىدە ياكى ئۈچتىن ئىككىسىگە قەدەر ناماز ئوقۇغىن. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغان ۋاقتىڭدا ئالدىرىماي، دانىمۇ-دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَوۡ زِدۡ عَلَيۡهِ وَرَتِّلِ ٱلۡقُرۡءَانَ تَرۡتِيلًا
كېچىدە مەلۇم ۋاقىت ئۇخلاپ، كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىن ئازراقىدا، ھەتتا ئۈچتىن بىرىدە ياكى ئۈچتىن ئىككىسىگە قەدەر ناماز ئوقۇغىن. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغان ۋاقتىڭدا ئالدىرىماي، دانىمۇ-دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّا سَنُلۡقِي عَلَيۡكَ قَوۡلٗا ثَقِيلًا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ھەقىقەتەن ساڭا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىمىز. ئۇ قۇرئان بىر مۇنچىلىغان پەرزلەرنى، قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى، ئەھكاملارنى، ئەدەب - قائىدىلەرنى ۋە باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن تولىمۇ ۋەزنىلىك سۆزدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ نَاشِئَةَ ٱلَّيۡلِ هِيَ أَشَدُّ وَطۡـٔٗا وَأَقۡوَمُ قِيلًا
ھەقىقەتەن كېچە ۋاقىتلىرى قەلبنىڭ قىرائەتكە ئەڭ ماس كېلىدىغان ھەم ئەڭ توغرا تىلاۋەت قىلغىلى بولىدىغان ۋاقىتلاردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ لَكَ فِي ٱلنَّهَارِ سَبۡحٗا طَوِيلٗا
ھەقىقەتەن سېنىڭ كۈندۈزدە قىلىدىغان ئىشلىرىڭ بار. شۇڭا كۈندۈزى قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن (باشقا ئىشلار بىلەن) ئالدىراش بوپقالىسەن. شۇڭا كېچىدە (قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق) ناماز ئوقۇغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱذۡكُرِ ٱسۡمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلۡ إِلَيۡهِ تَبۡتِيلٗا
ئاللاھ تائالانى تۈرلۈك زىكىرلەر بىلەن ياد ئەتكىن، ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىش بىلەن تولۇق يۈزلەنگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
رَّبُّ ٱلۡمَشۡرِقِ وَٱلۡمَغۡرِبِ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱتَّخِذۡهُ وَكِيلٗا
ئاللاھ تائالا مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇر. شۇڭا بارچە ئىشلىرىڭدا ئۇنى تايىنىدىغان ھامىي قىلىۋالغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَٱهۡجُرۡهُمۡ هَجۡرٗا جَمِيلٗا
ئىنكارچىلارنىڭ مەسخىرە قىلىپ، تىللاشلىرىغا سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى ئازار بەرمەستىن تەرك ئەتكىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَذَرۡنِي وَٱلۡمُكَذِّبِينَ أُوْلِي ٱلنَّعۡمَةِ وَمَهِّلۡهُمۡ قَلِيلًا
دۇنيانىڭ ئەيش - ئىشرەتلىرىگە غەرق بولغان ئىنكارچىلارغا پەرۋا قىلمىغىن، ئۇلارنى ماڭا قويغىن ھەم ئۇلارنى تاكى ئەجىلى كەلگەنگە قەدەر ئازراق كۈتكىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ لَدَيۡنَآ أَنكَالٗا وَجَحِيمٗا
ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئۇلارغا ئېغىر ئىشكەللەر ۋە يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت بار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَطَعَامٗا ذَا غُصَّةٖ وَعَذَابًا أَلِيمٗا
ئۇلارغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئازابلاردىن سىرت، يەنە ناھايىتى ئاچچىق بولغانلىقتىن گاللىرىغا تۇرۇپ قالىدىغان يېمەكلىك ۋە دەرتلىك ئازاب بار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَوۡمَ تَرۡجُفُ ٱلۡأَرۡضُ وَٱلۡجِبَالُ وَكَانَتِ ٱلۡجِبَالُ كَثِيبٗا مَّهِيلًا
ئۇ ئازاب ئىنكارچىلارغا زېمىن ۋە تاغلار تەۋرەپ كېتىدىغان كۈندە كېلىدۇ. ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن تاغلارمۇ ئېقىپ تۇرغان قۇمدەك بوپكېتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ رَسُولٗا شَٰهِدًا عَلَيۡكُمۡ كَمَآ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ رَسُولٗا
ھەقىقەتەن بىز پىرئەۋنگە مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكىنىمىزدەك، سىلەرگىمۇ قىيامەت كۈنى ئەمەللىرىڭلارغا شاھىت بولىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَعَصَىٰ فِرۡعَوۡنُ ٱلرَّسُولَ فَأَخَذۡنَٰهُ أَخۡذٗا وَبِيلٗا
پىرئەۋن پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دۇنيادا سۇغا غەرق قىلىش بىلەن قاتتىق ئازابلىدۇق. ئۇ ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. شۇڭا سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلارغا ئاسىيلىق قىلماڭلار. بولمىسا سىلەرگىمۇ پىرئەۋنگە كەلگەن ئازاب كېلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَكَيۡفَ تَتَّقُونَ إِن كَفَرۡتُمۡ يَوۡمٗا يَجۡعَلُ ٱلۡوِلۡدَٰنَ شِيبًا
ئەگەر سىلەر ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلساڭلار، ناھايىتى قىيىن ھەم ئۇزۇن بولغان كۈندە ئۆزۈڭلارنى قانداق قوغداپ، ھىمايە قىلىپ بولالايسىلەر؟ ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن ھەم ئۇزۇنلۇقىدىن كىچىك بالىلارنىڭ چاچلىرىمۇ ئاقىرىپ كېتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلسَّمَآءُ مُنفَطِرُۢ بِهِۦۚ كَانَ وَعۡدُهُۥ مَفۡعُولًا
ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن ئاسمان يېرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى شەكسىز ئەمەلگە ئاشقۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ هَٰذِهِۦ تَذۡكِرَةٞۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلًا
قىيامەت كۈنىدىكى قورقۇنچ ھەم قىيىنچىلىقلارنىڭ بايانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ پەند - نەسىھەتتىن پەقەت مۇئمىنلەرلا مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. كىمكى پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا، شۇ (پەند - نەسىھەت) نى تۇتسۇن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أهمية قيام الليل وتلاوة القرآن وذكر الله والصبر للداعية إلى الله.
كېچىدە قىيامدا تۇرۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھنى ياد ئېتىش ۋە ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ سەۋرچانلىقى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

• فراغ القلب في الليل له أثر في الحفظ والفهم.
قەلبنىڭ كېچىدىكى خالىيلىقى (قۇرئاننى) يادلاش ھەم چۈشىنىشكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

• تحمّل التكاليف يقتضي تربية صارمة.
مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش پۇختا تاۋلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• الترف والتوسع في التنعم يصدّ عن سبيل الله.
راھەت - پاراغەتكە بېرىلىش ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇپ قويىدۇ.

۞ إِنَّ رَبَّكَ يَعۡلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدۡنَىٰ مِن ثُلُثَيِ ٱلَّيۡلِ وَنِصۡفَهُۥ وَثُلُثَهُۥ وَطَآئِفَةٞ مِّنَ ٱلَّذِينَ مَعَكَۚ وَٱللَّهُ يُقَدِّرُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَۚ عَلِمَ أَن لَّن تُحۡصُوهُ فَتَابَ عَلَيۡكُمۡۖ فَٱقۡرَءُواْ مَا تَيَسَّرَ مِنَ ٱلۡقُرۡءَانِۚ عَلِمَ أَن سَيَكُونُ مِنكُم مَّرۡضَىٰ وَءَاخَرُونَ يَضۡرِبُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَبۡتَغُونَ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَءَاخَرُونَ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ فَٱقۡرَءُواْ مَا تَيَسَّرَ مِنۡهُۚ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَقۡرِضُواْ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗاۚ وَمَا تُقَدِّمُواْ لِأَنفُسِكُم مِّنۡ خَيۡرٖ تَجِدُوهُ عِندَ ٱللَّهِ هُوَ خَيۡرٗا وَأَعۡظَمَ أَجۡرٗاۚ وَٱسۡتَغۡفِرُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمُۢ
ئى پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ بەزىدە كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدە، بەزىدە كېچىنىڭ يېرىمىدا، بەزىدە ئۈچتىن بىرىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىڭنى، بىر بۆلۈك مۇئمىنلەرنىڭمۇ سەن بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاللاھ كېچە - كۈندۈزنى بەلگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلايدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئۇ ۋاقىتلارنى ئىنچىكە ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت قىيامدا تۇرۇشنىڭ سىلەرگە ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا كېچىدە ئۆزۈڭلارغا قولاي بولغان مىقداردا ناماز ئوقۇڭلار. ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ يېقىن كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېسەللەرنىڭ، ئاللاھتىن رىزىق تىلەپ سەپەر قىلغۇچىلارنىڭ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن كاپىرلار بىلەن جىھاد قىلغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىدۇ. بۇلارغا كېچىدە قىيامدا تۇرۇش ئېغىر كېلىدۇ. شۇڭا كېچىدىن ئۆزۈڭلارغا قولاي بولغان مىقداردا ناماز ئوقۇڭلار. پەرز نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن دۇنيادا قانداق ياخشىلىق قىلغان بولساڭلار، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئاخىرەتتە ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا ھەم ياخشى ساۋابقا ئېرىشىسىلەر. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايتى مېھرىباندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• المشقة تجلب التيسير.
قىيىنچىلىق ئاسانچىلىقنى ئېلىپ كىلىدۇ.

• وجوب الطهارة من الخَبَث الظاهر والباطن.
ئىچكى - تاشقى نىجاسەتلەردىن پاك بولۇش ۋاجىبتۇر.

• الإنعام على الفاجر استدراج له وليس إكرامًا.
پاجىر - كاپىرغا نېئمەت ئاتا قىلغانلىق ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى تەدرىجىي ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: مۇزەممىل
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

قۇرئان تەتقىقاتى تەپسىر مەركىزى چىقارغان.

تاقاش